logo

trugen jacn

ناسا ئانا يۇلتۇزىدىن ئىككىسى بار تاشقىي پلانېتىلارنى ئىزدەيدۇ

82658-erkin-2

ئەركىن سىدىق

ناسا ئانا يۇلتۇزىدىن ئىككىسى بار تاشقىي پلانېتىلارنى ئىزدەيدۇ

ھەممەيلەننىڭ خەۋەرىدە بولغۇنىدەك، بىز ياشاۋاتقان قۇياش سىستەمىسىدا بىر يۇلتۇز ۋە 8 پلانېتا بار.

بۇنىڭدىن 40 يىللار بۇرۇن ئىشلەنگەن «يۇلتۇز ئۇرۇشلىرى» (Star Wars) دېگەن كىنودا ئانا يۇلتۇزدىن ئىككىسى بار بىر پلانېتا كۆرسىتىلگەن ئىدى (تۆۋەندىكى 1-رەسىم).

بۇنىڭدىن 5 يىل بۇرۇن، يەنى 2011-يىلى، ناسا كەپلېر ئالەم تېلېسكوپى ئارقىلىق ئانا يۇلتۇزىدىن ئىككىسى بار تاشقىي پلانېتىدىن بىرنى تاپتى (تۆۋەندىكى 2-رەسىم؛ بۇ بىر سىزىلغان رەسىمدۇر). ئۇ پلانېتا بىزدىن 200 نۇر يىلى يىراقلىقتا بولۇپ، ئۇ «Kepler 16b» دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر سىز ئاشۇ پلانېتىنىڭ ئۈستىدە تۇرىدىكەنسىز، سىز ئۆزىڭىزنىڭ 2 كۆلەڭگۈسىنى كۆرىسىز. شۇنداقلا ھەر كۈنى كۈن ئولتۇرغاندا ئىككى كۈننىڭ ئورنىمۇ ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.

تۇنجى قېتىملىق تاشقىي پلانېتا بۇنىڭدىن 20 يىل بۇرۇن بايقالغان ئىدى. ھازىر جەمئىي 3400 دىن كۆپرەك تاشقىي پلانېتىلار بايقاپ بولۇندى.

ئالىملارنىڭ ھازىر مۆلچەرلىشىچە، سامان يولى گالاكسىدىكى 100 – 400 مىليارد يۇلتۇزلارنىڭ تەخمىنەن يېرىمى بىر-جۈپ، بىر-جۈپ بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىكەن. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، تاشقىي پلانېتىلارنىڭ تەخمىنەن يەرىمىنىڭ ئىككىدىن ئانا يۇلتىزى بار ئىكەن.

كېيىنكى 10 يىلنىڭ ئىچىدە ناسا جانلىقلار مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقى بار بولغان تاشقىي پلانېتىلارنى ئىزدەيدىغان، ئىنگلىزچە قىسقارتىلىپ «TESS»، «JWST» ۋە «WFIRST» دەپ يېزىلىدىغان ئالەم تېلېسكوپلىرىنى ئالەم بوشلۇقىغا چىقىرىدىغان بولۇپ، ناسا دىكىلەرنىڭ ھازىر پەرەز قىلىشىچە، تېپىلىدىغان تاشقىي پلانېتىلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئىككىدىن ئانا يۇلتۇزى بار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. ناسا ئالدىنقى جۈمە كۈنى تارقاتقان بىر باياناتتا، «يۇلتۇزلار ئۇرۇشى» كىنوسىدىكى پلانېتا بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان تاشقىي پلانېتىلار ھەققىدە بىر قىسىم تەپسىلى مەلۇماتلارنى بەردى.

مەن ھازىر يۇقىرىدىكى 3-تېلېسكوپ «WFIRST» نىڭ تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىمەن.

پايدىلىنش مەنبەلىرى:

[1] NASA Will Search For ‘Star Wars’ Like Planets
<https://www.yahoo.com/…/nasa-search-star-wars-planets-12143…>

[2] Are Planéts Like Those in ‘Star Wars: Rogue One’ Really Out There? NASA Plans to Find Out
https://www.nasa.gov/…/are-planets-like-those-in-star-wars-…

Görüntünün olası içeriği: bir veya daha fazla kişi, okyanus, plaj, gökyüzü, açık hava ve doğa

Share
1197 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.