logo

trugen jacn

نازىر دەرىجىلىك ئىككى ئەمەلدار-شىرزات باۋۇدۇن بىلەن ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈر پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغان

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

21‏-يانۋار كۈنى خىتاي ئاخباراتى ئۇيغۇر رايوندىكى نازىر دەرىجىلىك ئەمەلدارلاردىن شىرزات باۋۇدۇن بىلەن ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈرنىڭ پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. ئىلگىرى مۇخبىرىمىز شىرزات باۋۇدۇننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ۋە خەۋەرنى ئىگىلەش داۋامىدا ئالاقىدار خادىملارنىڭ شىرزات باۋۇدۇننىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە زىددىيەتلىك جاۋاب بېرىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى يوشۇرغان ئىدى. سىياسىي كۆزەتكۈچى تاھىر ھامۇت، شىنخۇئانىڭ بۇ قېتىمقى خەۋىرىنى يۇقىرىقى ئىككى ئەمەلدارنىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 9 ‏-نۆۋەتلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 4 ‏-نۆۋەتلىك ئومۇمىي يىغىنى مۇشۇ ئاينىڭ 19 ‏-ۋە 20 ‏-كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان. يىغىندا بىر تۈركۈم مەسىلىلەر قاتارىدا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى شىرزات باۋۇدۇن بىلەن ئىلى ئوبلاستلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن سېكرېتارى ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈر ئۈستىدىن تەييارلانغان تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قاراپ چىقىلغان ۋە دائىمىي كومىتېتنىڭ مەزكۇر ئىككى ئەمەلدارنى ئىنتىزامغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن بەرگەن پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش قارارى تەستىقلانغان. خەۋەردە شىرزات باۋۇدۇن بىلەن ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈرنىڭ كونكرېت قانداق خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكى بايان قىلىنمىغان؛ ئەمما بۇ ئىككىسى ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 40 نەپەر ھەيئەت ئەزاسىدىن باشقا، سىرتتىن 206 كىشىنىڭ كۆزدىن كەچۈرگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن.

بۇنىڭدىن بىر ئاي ئاۋۋال ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىشلار ھەسەن رايوندىكى ئالاقە تورلىرىدىن سابىق مۇئاۋىن سېكرېتار شىرزات باۋۇدۇننىڭ ئىككى يۈزلىمىچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2018-يىلى 17 ‏-دېكابىر كۈنى تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان. ئەينى چاغدا بىز بۇ ھەقتە ئېنىقلاش ئېلىپ بارغىنىمىزدا، ئالاقىدار خادىملار، شىرزات باۋۇدۇننىڭ نەدىلىكى ھەققىدە زىددىيەتلىك جاۋابلارنى بەرگەن. خادىملاردىن بىرى شىرزات باۋۇدۇننىڭ خېلىدىن بېرى خىزمەت ئورنىدا يوق ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىسا، يەنە بىر مەسئۇل خادىم ئۇنىڭ سىياسىي كېڭەشكە يۆتكىلىپ كەتكەنلىكىنى ئېيتقان. ئەمما خىتاينىڭ تور ئارخىپلىرىدىن «بەيدۇ» دىكى بىر خەۋەردە شىرزات باۋۇدۇننىڭ 2018-يىلى سېنتەبىرنىڭ دەسلەپكى ھەپتىسى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشتىكى مۇئاۋىن باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغانلىقى تىلغا ئېلىنغان. نەتىجىدە ئالاقىدار خادىملارنىڭ شىرزات باۋۇدۇننىڭ تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنى يوشۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان.

ئىلگىرى خىتاينىڭ مەركىزى پارتىيە مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، نۆۋەتتە ئامېرىكادا ياشاۋاتقان سىياسىي كۆزەتكۈچى تاھىر ھامۇت ئەپەندى، خىتاينىڭ ئالاقىدار جازا قائىدە-تەرتىپلىرىگە ئاساسەن، شىرزات باۋۇدۇن بىلەن ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈرنىڭ پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشىنى ئۇلارنىڭ خېلىدىن بېرى تۇتقۇندا ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى دەپ قاراشقا بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئادەتتە خىتايدا كومپارتىيە ئەزالىرى خاتالاشسا، ئۇنىڭغا ئاۋۋال پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىدۇ؛ پارتىيىدىن قوغلىنىش مەزكۇر ئەزانىڭ ئېغىر بىر خاتالىق ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە قاتتىق بىر تەكشۈرۈشنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى.

ئەنۋەر ئابدۇشۈكۈر ھەققىدە مەلۇماتى يوقلۇقىنى بايان قىلغان تاھىر ھامۇت ئەپەندى، ئەمما شىرزات باۋۇدۇن ھەققىدە بىلىدىغانلىرىنى تۆۋەندىكىچە بايان قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ21-يانۋاردىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە، مەزكۇر ئىككى ئەمەلدارنىڭ پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى ئېلان قىلىنغان مەزكۇر يىغىنغا ئۇيغۇر رايوننىڭ ھۆكۈمدارلىرىدىن چېن چۇەنگو، لى پېڭشىن قاتارلىقلاردىن باشقا، شۆھرەت زاكىر، شاۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابدۇمىجىت، ئەركىن تۇنىياز قاتارلىق ئەمەلدارلارمۇ تولۇق ئىشتىراك قىلغان. ئۆتكەن ئايدىكى پروگراممىمىزدا شىرزات باۋۇدۇننىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەققىدە پىكىر بايان قىلغان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاينىڭ بۇ تۈردىكى جازالار ئارقىلىق ئۇيغۇر رەھبىرىي كادىرلارنى چۆچۈتمەكچى ۋە ئۆزىگە تېخىمۇ بېقىندۇرماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە ئاقىۋەتتىن توغرا دەرس ئېلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا ئۇيغۇر رايونىدا نازىر دەرىجىلىك ئىككى ئەمەلدارنىڭ پارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلغانلىقى ھەققىدە ئاڭلىتىش بەردۇق.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghurda-siyaset-01222019234600.html

Share
1710 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.