ئەڭ يېڭى خەۋەر
”كۈلۈمسىرەيسەن ياكى ئۆلۈسەن“: چىننىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كۈلۈمسىرەش ئارقىلىق پەردىلەش ئويۇنى
شەرقىي تۈركىستان: سۈكۈت ئاستىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق
بىر ئۇيغۇر يازغۇچىنىڭ 3 تىلدا نەشىر قىلىنغان يېڭى كىتابى
ئۇكراينا دۆلەت رەئىسى ۋېلادىمىر زەلەنسكىنىڭ ئاقسارايدا تىرامپ تەرىپىدىن ئازارلىنىشى ۋە رۇس ئىشخالىنىڭ تۈپ سەۋەبى نىمە؟
تايلاندتىكى ئۇيغۇرلارلانىڭ پاجىيەسى ۋە چىقىش يولى ھەققىدە قىسقىچە ئانىلىز
ئىلھام توختىنىڭ كۈرىشى نوبېل مۇكاپاتى مۇكاپاتى بىلەن شەرەپلەندۈرۈشكە لايىقتۇر
نىشاندىن قايغان نەفرەت
مەھمەت ئىمىن
پىسخىكا ئىلىمىدا «Displaced Anger» دەيدىغان بىر ئاتالغۇ بولۇپ، مەن ئۇنى «نىشاندىن قايغان نەفرەت» ياكى «نىشاندىن قايغان ئاچچىقلىنىش» دەپ تەرجىمە قىلدىم. ئۇنىڭ مەناسى بىزدىكى «ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە، ئۇر توقۇمىنى» دېگەنگە يىقىن كىلىدىغان بولۇپ، ئىنسان مەلۇم سەۋەبلەردىن ئاچچىقلانغاندا ياكى غەزەبلەنگەندە، ئۆزىنىڭ ئاچچىقىنى چىقىرىش ئۈچۈن، يۈز بەرگەن ئىشلار بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋىتى بولمىغان باشقا ئىنسانلارنى ئەيىبلىشى مۇمكىن بولۇپ، ئۇ پىسخىكا ئىلىمىدا «نىشاندىن قايغان نەفرەت» دەپ ئاتىلىدۇ.
ئىنسانلار كەمسىتىلىش، ھاقارەتلىنىش، زۇلۇمغاغا ئۇچراش قاتارلىق ھەر خىل ھەقسىزلىك ياكى ئادالەتسىزلىكلەر تۈپەيلىدىن ئاچچىقلانغاندا، ئىنتىقام ئىلىپ ئاچچىقىنى چىقىرىشقا، ئادالەتكى ئىرىشىشقا تىرىشىدۇ. ئۇنىڭلىق ئۈچۈن قوللانغا ئۇسۇل ۋە ۋاستىلار، پەرقلىق ئىنسانلاردا پەرقلىق بولۇپ، بەزىلەر سوغاققان بولۇپ، ئىنتىقام ئىلىشنىڭ ئۈنۈملۈك پىلانىنى ئىزدىسە، يەنە بەزىلەر ھېس تۇيغۇسىنى ئۈنۈملۈك كونتورول قىلالمىغاچقا، دەرھال قارشى تەرەپنى تىللاپ، ھاقارەتلەپ، ئىچىنى بوشۇتۇشقا ۋە ئاچچىقىنى چىقىرىشقا تىرىشىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ تىللاش ۋە ھاقارەتلەر نەتىجىسىدە، قارشى تەرەپ قانچە تىز راھەتسىزلەنسە، ئوسال ھالغا چۈشۈپ قالسا ياكى روھىي زەربىگە ئۇچۇرسا، ئۇ ئىنلارنىڭ ئاچچىقى شۇنچە تىز چىقىشى ۋە راھەتلىنىشى، ھەتتا قارشى تەرەپنى يىڭىپ، غەلىبە قازانغاندەك تۇيغۇغا كىلىشى ۋە ئۆزىنى كۈچلۈك ھېس قىلىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ تىللاش ۋە ھاقارەتلەر، قارشى تەرەپكە ھېچقانداق تەسىر قىلمىسا ياكى قارشى تەرەپنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىسە، ئۇ چاغدا ئۇ ئىنلار پۇخادىن چىقماسلىقى، ھەتتا تىخىمۇ غەزەبلىنشى
ۋە نەفرىتىنى باشقىلارغا يۆتكەپ، ئاچچىقىنى چىقىرىشى مۇمكىن. يەنى ئۇ ئىنسانلار، ئەتراپىدىن تىللىسا، ھاقارەتلىسە، ئوسال ھالغا چۈشۈپ، راھەتسىزلىنىدىغان ۋە بىئارام بولىدىغان بىرلىرىنى تىپىپ، ئۇلارنى تىللاپ، ھاقارەتلەپ، راھەتسىزلەندۈرۈش ئارقىلىق، ئىچىنى بوشۇتۇپ، ئاچچىقىنى چىقىرىپ، روھىي جەھەتتە تەڭپۇڭلۇققا ئىرىشىشكە ئۇرۇنىشى مۇمكىن.
ئىنسانلاردىكى بۇ خىل روھىي ھالەت، كۆپۈنچە ئەھۋالدا يوشۇرۇن روھىي ساغلاملىق مەسىلىسى، روھىي بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنىڭ ناچار بولۇشى ياكى ھېسسىياتنى تەڭشەش ماھارىتىنىڭ كەملىكى قاتارلىق ھەر خىل ئامىللاردىن كېلىپ چىقىدىغان بولۇپ، ئۇلار گەرچە ئۆزىنىڭ ئاچچىقلىنىشىغا سەۋەب بولغان ئامىللارنى ياخشى بىلسىمۇ، ئەمما ئاچچىقىنى كۈچى يىتىدىغان ۋە راھەتسىزلەنگەنلىكىنى ھېس قىلالايدىغان ئىنسانلاردىن چىقىرىشى مۇمكىن. مانا بۇ پىسخىكا ئىلىمىدىكى «نىشاندىن قايغان ئاچچىقلىنىش» ياكى بىزدىكى «ئىشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە، ئۇر توقۇمىنى».
Yorum yapabilmek için Giriş yapın.
BENZER HABERLER