logo

trugen jacn

مەھمۇت قەشقىرى خەلقئارا ھېكايە مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

6541778716106712357387725228385752248480444668140953n

ياۋرو ئاسىيا يازغۇچىلار بىرلىكىنىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن 3 – نۆۋەتلىك خەلقئارا مەھمۇت قەشقىرى ھېكايە مۇسابىقىسىنىڭ تۈركىيە بۆلىمىگە قاتناشقۇچىلار ئىنتايىن كۆپ بولدى. مۇسابىقە بارغانچە ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتماقتا. دۆلەتلىك ۋە خەلقئارالىق سەۋىيەدە ئۆتكۈزۈلىۋاتقان بۇ مۇسابىقە، تولىمۇ تېز سۈرئەت بىلەن خەلقئارالىق ئەنئەنىۋىي مۇسابىقىگە ئايلىنىشقا قاراپ ئىلگىرىلىمەكتە
مۇسابىقىنىڭ تۈركىيە قىسمىغا تۈركىيە يازغۇچىلىرى تەرىپىدىن 212 ھېكايە ۋە تۈركىيە سىرتىدا تۈركچە ئۆگەنگەن يازغۇچىلاردىن 16 ھېكايە بولۇپ، جەمئىي 228 ھېكايە قاتناشتۇرۇلدى. بۇ ئىككى گۇرۇپپىدىكى ھېكايىلەرنى تۈركىيە باھالىغۇچىلار ھەيئىتى 4 باسقۇچقا بۆلۈپ باھالاپ چىقتى
مۇسابىقە نەتىجىسى تۆۋەندىكىچە
ئەمەل دىنسەۋەن «سۈت قېرىندىشىم» ناملىق ئەسىرى بىلەن بىرىنچى، مۇھەممەد ئەمىن گۇردامۇر «سۇنۇق قەلەم» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئىككىنچى بولدى
چانەر چايلاك بىلەن سەۋىم ياكاجى «سەمۇدنىڭ ئەۋلاتلىرى» ۋە «قاشتىشى» ناملىق ھېكايىلىرى بىلەن ئىككىنچىلىككە ئېرىشتى
تۈركىيە سىرتىدىن تۈركچە يازغان ھېكايىسى بىلەن مۇسابىقە قاتناشقۇچى 16 يازغۇچىلار ئارسىدىنمۇ دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر باھالاپ چىقىلىپ، «باھالىغۇچىلار رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.
ئەزەربەيجاندىن پەيكەر ئىبارھىمۇۋا «خىيالىي يازغۇچىنىڭ تەرجىمىلىرى» ناملىق ھېكايىسى بىلەن بىرىنچى، نۇرغالى جۇسىپباي «كېسىلگەن ئېلاڭگۇچ» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئىككىنچى، جاننا ئىمانقۇلوۋا «نالە» ناملىق ھېكايىسى بىلەن ئۈچىنچى بولدى
3 – نۆۋەتلىك خەلقئارا مەھمۇد قەشقىرى ھېكايە مۇسابىقىسىنىڭ ئىراق، ئەزەربەيجان، شىمالىي قىبرىس (سىپرۇس) تۈرك جۇمھۇرىتى، ئالبانىيە ۋە بوسىنىيە…. قاتارلىق دۆلەتلەردىكى بۆلىملىرىنىڭ نەتىجىلىرىمۇ پات يېقىندا ھەر قايسى دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

 

Share
1799 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.