logo

trugen jacn

مەھبۇس ھەسەن ئىمىن ئانىسىنىڭ نەزىرىنى ئۆتكۈزمىگەنلىكى ئۈچۈن 10يىللىق كېسىلگەن

 

شۆھرەت ھوشۇر

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئايكۆل پەيشەنبەبازارلىق سىياسىي تۇتقۇنلار (4)

مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇ ئايكۆلنىڭ پەيشەنبەبازاردا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىلىرىدىن ھەسەن ئىمىن، بۇلتۇر 6‏-ئايدا ئۇيغۇر رايونىدا باشلانغان بىر يىل مۇددەتلىك ئاتالمىش «تېررورلۇققا قارشى زەربە بېرىش دولقۇنى» دا 10 يىللىق كېسىلگەن.

ئۇنىڭ جازالىنىشىغا، ۋاپات بولغان ئانىسىنىڭ نەزىرىنى ئۆتكۈزمىگەنلىكى ۋە ئاچىسىنىڭ نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرگەنلىكى سەۋەب بولغان. شاھىتلارنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ يۇقىرىقى ئىككى قىلمىشى «ئاتالمىش ئەسەبىي كۈچلەرگە ئەگىشىش» ۋە «دۆلەتنىڭ دىنىي سىياسىتىگە خىلاپلىق قىلىش» دەپ قارالغان.

خىتاي دائىرىلىرى بۇلتۇر «22‏-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى» دىن كېيىن ئۇيغۇر رايونىدا مۇددىتى بىر يىللىق ئاتالمىش «تېررورچىلارغا قاتتىق زەربە بېرىش دولقۇنى» قوزغىدى. ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دولقۇن يەرلىك ساقچى ئورگانلىرىدا زەربە بېرىش نىشانلىرىنى تېپىش ۋە بېكىتىش قىيىنچىلىقىنى تۇغدۇرغان، نەتىجىدە يەرلىك دائىرىلەر بۇرۇن تەكشۈرۈلۈپ گۇناھسىز، دەپ قويۇپ بېرىلگەن سابىق گۇماندارلارنى قايتىدىن تۇتۇش ۋە ئۇلارغا بەلگىلىك جىنايەتلەرنى ئارتىش ئارقىلىق ۋەزىپە ئورۇنداش يولىنى تۇتقان.

مەھبۇس ھەسەن ئىمىن مەزكۇر دولقۇندا، ۋاپات بولغان ئانىسىنىڭ نەزىرىنى ئۆتكۈزمىگەنلىكى ئۈچۈن «ئەسەبىيلىك» بىلەن، ئاچىسىنىڭ نامىزىنى ئۆزى چۈشۈرگەنلىكى ئۈچۈن «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت» بىلەن ئەيىبلەنگەن ۋە 10 يىللىق كېسىلگەن. ئۇ نۆۋەتتە ئاپتونوم رايوننىڭ يەكەندىكى تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/xitay-besimi-11102015144406.html

Share
1276 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.