logo

trugen jacn

مەھبۇس ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى مارتېن ئەننال مۇكاپاتىنىڭ 2016-يىللىق تاللانغان نامزاتلار قاتارىغا كىردى

ball-443852_960_720 (2)

جەنۋەدىكى مارتېن ئەننال فوندى تەرىپىدىن بېرىلىدىغان مارتېن ئاننال كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتىنىڭ 2016-يىللىق تاللانغان نامزاتلىرى بۈگۈن يەنى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى تاللانغان نامزاتلار قاتارىدىن ئورۇن ئالدى. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بايان قىلىنىشىچە مەزكۇر مۇكاپاتقا تاللانغان نامزاتلار ئۈچ نەپەر بولۇپ، بۇلار ئىلھام توختىدىن باشقا يەنە سۈرىيەلىك غايىب ئۆكتىچى رازان زەيتۇنە ۋە «زون-9 » ناملىق ئېفىئوپىيەلىك بىر كىشىلىك ھوقۇق بلوگ گۇرۇپپىسى ئىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختى خىتاي تېررىتورىيەسىدە تۇرۇپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلالاشتەك ھەققانىيەتچىلىكى ۋە جاسارىتى ئۈچۈن تاللانغان نامزاتلار قاتارىغا لايىق كۆرۈلگەن. رازان زەيتۇنە سۈرىيەدە ئەسەد رېجىمىغا قارشى پائالىيەتتە بولۇۋاتقان چېغىدا ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغان؛ ئېفىئوپىيەلىك بلوگچىلار بولسا دۆلىتىدىكى قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش ھەرىكەتلىرىنى پاش قىلىش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى ئۈچۈن ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان ۋە تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن.

مارتېن ئەننال ئەسلىدە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تۇنجى باش كاتىپىنىڭ نامى بولۇپ، بۇ نامدىكى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى 1993-يىلى تەسىس قىلىنغان. مۇكاپات نامزاتلىرىنىڭ لاياقىتى دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق 9 خەلقئارالىق تەشكىلات تەرىپىدىن باھالاپ چىقىلىدۇ

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/ilham-toxti-04272016170001.html

Share
1511 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.