logo

trugen jacn

مەھبۇس ئابلىمىت داموللامنىڭ ئائىلە قورۇسىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۆتكەن ئايلاردا مۇھاجىرەتتىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا قەشقەردە 1990-يىللاردا چەتئەل تىلى مەكتىپى ئاچقان دىنىي ئالىم ئابلىمىت داموللامنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغان ئىدى. بىر ھەپتىدىن بۇيان ئابلىمىت داموللامنىڭ چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچىلىرىدىن بىر نەچچىسى رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، ئۇنىڭ ئۆتكەن ھەپتە تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزدى. بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەردىكى ساقچىخانىلاردىن ئەھۋال ئىگىلىشى داۋامىدا، ئابلىمىت داموللامنىڭ بىر مەزگىل ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى دەلىللىنىش بىلەن بىرلىكتە، نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئائىلە قورۇسىنىڭ بىر گۇرۇپپا ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

قەشقەردە دىنىي ۋە مائارىپ ساھەسىدە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى سەۋەبلىك ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە بەلگىلىك دەرىجىدە تونۇلغان ئابلىمىت داموللامنىڭ تۈرمىگە تاشلانغانلىق ۋە تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىك ئۇچۇرىنىڭ توغرا-خاتالىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، قەشقەردىكى ھەرقايسى ساقچىخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ساقچىخانا خادىملىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئابلىمىت داموللام ھەققىدە ئېغىز ئېچىشتىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى. ساقچىلاردىن بىرى ئابلىمىت داموللامنىڭ بىر مەزگىل ئاۋۋال تۇتقۇن قىلىنغانلىقىدىن خەۋىرىنى بارلىقىنى ئېيتتى. نەزەرباغ ساقچى خادىملىرى ئابلىمىت داموللامنىڭ ئائىلە-قورۇسىنىڭ نۆۋەتتە غوپۇرجان زېمىن ئىسىملىك بىر ساقچى تەرىپىدىن نازارەت ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان غوپۇرجان زېمىن ئۆزىنىڭ نۆۋەتتە بىر گۇرۇپپا ساقچىلار بىلەن ئابلىمىت داموللامنىڭ ئائىلە قورۇسىنى نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى؛ ئەمما قانداق بىر سەۋەب ۋە زۆرۈرىيەت بىلەن نازارەت قىلىۋاتقانلىقى ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلدى.

قانداق ئەھۋال ئاستىدا بىر مەھبۇس ئائىلىسىنىڭ نازارەت ئاستىغا ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ۋەزىپە ئۆتىگەن سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە، ئادەتتە خىتاي قانۇن سىستېمىسىدا بىر مەھبۇس ئائىلىسىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىش، پەقەت شۇ مەھبۇس بىلەن ئالاقىدار چوڭ بىر ۋەقە يۈز بەرگەندە، ساقچىلار ئائىلە-ئەزالىرى ياكى قوشنىلىرىنىڭ قارشىلىق ھەرىكىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغان بىر بىخەتەرلىك تەدبىرىدۇر.

يۇقىرىقى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا ئابلىمىت داموللامنىڭ تۈرمىدە جان ئۈزگەنلىكى ئۇچۇرى ساقچىلار تەرىپىدىن مۇئەييەنلەشتۈرۈلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىگىلەنگەن مەلۇماتلار مەزكۇر ئۇچۇرنىڭ توغرىلىق ئېھتىماللىقىدىن بېشارەت بەرمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/ablimit-damolla-06132017161101.html

Share
1107 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.