logo

trugen jacn

مەمەت ئىمىن : ئادالەتسىزلىك ئازابى كىشىلەرنى ئادالەتلىك قىلامدۇ؟

ئادالەتسىزلىك ئازابى كىشىلەرنى ئادالەتلىك قىلامدۇ؟

مەمەت ئىمىن

بىر ئىنساننىڭ دائىم ئادالەتسىزلىككە دۇچ كىلىشى بىلەن ئۇ ئىنساننىڭ ئادالەتلىك بولۇشى ياكى ئادالەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇرەككەپ بولۇپ، بىر ئىنساننىڭ خورلۇق ياكى ئادالەتسىزلىكنىڭ دەردىنى كۆپ تارتىشى، بەزىدە ئۇ ئىنساننى ئادالەتنى تەشەببۇس قىلىشقا يېتەكلەپ، ئادىللىقنىڭ چېمپىيونىغا ئايلاندۇرسا، يەنە بەزىدە ئۇ ئىنساننىڭ ئۆزىدىن باشقىسىنى ئويلىمايدىغان، باشقىلارغا گۇمان ۋە يامان كۆزى بىلەن قارايدىغان شەخسىيەتچى، ئادالەتسىز بىر ئىنسان بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

بىر ئىنساننىڭ ئادالەتلىك بولۇشى ۋە ياكى ئۇنىڭ ئادالەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىشى، ئۇ ئىنساننىڭ داىم ئادالەتسىزلىىكى دۇچ كىلىشى ياكى ئادالەتسىزلىكنىڭ دەردىنى كۆپ تارتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولماستىن، بەلكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئادالەتكە بولغان ئىشەنچىسى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

بىر ئىنسان ئەگەر ئادالەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشەنسە، ئادالەتسىزلىككە قانچىلىك دۇچ كىلىشتىن قەتتىي نەزەر، ئادالەتنى ياقىلاشتىن ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ. بىر ئىنسان ئەگەر ئادالەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا ئىشەنمىسە ياكى باشتىن كۆچۈرگەن ئوڭۇشسىزلىق، ھەقسىزلىق، ئادالەتسىزلىك ۋە ياكى پاجەلەر تۈپەيلىدىن ئادالەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تامامەن يوقاتسا، ئۇنداق ئىنساننىڭ ئادالەتلىك بولۇشىدىن ياكى ئادالەت ئۈچۈن كۆرەش قىلىشىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ.

دۇچ كەلگەن ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئادالەتسىزلىكلەر تۈپەيلىدىن، بەزى ئىنسانلار، ئادالەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تامامەن يوقۇتۇپ، دۇنياغا ھەر زامان گۇمان بىلەن قارايدىغان، ھېچ بىر ئىنساننىڭ سەمىمىيىتىگە ئىشەنمەيدىغان ياكى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر زامان ناھايتى ئىھتىيات قىلىدىغان، جاما ئەتتىن يىراق تۇرىدىغان، ھەتتا باشقىلارنىڭ ئۆزىگە قىلغان ياخشىلىقىنى «جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا» دەپ قارايدىغان بىرسىگە ئايلىنىشى مۇمكىن.

پىسخولوگىيەلىك ئانالىزلارغا ئاساسلانغاندا، دائىم ئادالەتسىزلىككە دۇچ كەلگەن، ئادالەتسىزلىكنىڭ دەردىنى كۆپ تارتقان ۋە ئادالەتلىزلىكنىڭ ئىنسانغا ئىلىپ كىلىدىغان روھىي ۋە جىسمانى ئازابلىرىنى ياخشى چۈشىنىدىغان، ئۇنىڭغا قارىتا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرىدىغان بەزى شەخسلەر، ۋەزىيەتكە قاراپ جەمئىيەتكە تاجاۋۇزچىلىق ياكى دىكتاتۇرلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن جاۋاب قايتۇرۇشى مۇمكىن؛ يەنە بەزى كىشىلەر ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ قاتتىق رېئاللىقىدىن پالەچ بولۇپ قېلىپ، ئۇنى سەزمەسلىك ئۈچۈن ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانماسلىقى مۇمكىن.

ئومۇمەن قىلىپ ئەيىتقاندا، ئىنسانلارنىڭ ئادالەتسىزلىككە دۇچار بولۇشى، بەزىلەرنىڭ ئادالەتنى تەشەببۇس قىلغۇچىغا ئايلىنىشىدىكى كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولالىسىمۇ، ئەمما ئۇ ئومۇملۇق ئەمەس. ئىنسانلارنىڭ ئادالەتسىزلىكنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن «ئادالەتنى تەشەببۇس قىلغۇچى» غا ئايلىنىشى، ئۇلارنىڭ ئادالەتنىڭ مەۋجۇتلىقىغا بولغان ئىشەنچىسى، قەيسەرلىكى، تەجىربە ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، ئۇنى ئاكتىپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى قاتارلىقلارغا باغلىق.

Share
41 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.