logo

trugen jacn

مەمەت ئوغۇزى ئەپەندى : ئۇيغۇرلار 16 تامغا ئۇردۇرغاندىن كېيىن پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىگە ئېگە بولىدۇ

 

ئەركىن تارىم

2014-u1212-erkin.mp3ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014-12-12
pasport-jedwel-tamgha-1.jpg

ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن ئېلىشى زورۈر بولغان تامغىلار

RFA/Erkin Tarim

ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى تەشكىلاتلىرى تەييارلىغان دوكلاتلارغا كۆرسىتىلىشىچە، بۈگۈن ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ يوق بولۇشى ئىكەن.

مالايشىيا ۋە تايلاند ئارقىلىق تۈركىيەگە كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈن شەرقىي جەنۇبى ئاسيا دۆلەتلىرىدە سەرسان بولۇپ يۈرۈشكە، لاگىرلاردا سولىنىشقا مەجبۇر بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ ۋەزىيەتكە چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئەڭ مۇھىم سەۋەبلىرىدىن بىرى، ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنىدە پاسپورت ئېلىشىنىڭ قېيىنلىقى ئىكەن. بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپى قانۇنىي يول بىلەن پاسپورت بېجىرەلمىگەچكە قانۇنسىز يوللار بىلەن چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر بولغان.

ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن ئېلىشى زورۈر بولغان تامغىلار (داۋامى)
ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن ئېلىشى زورۈر بولغان تامغىلار (داۋامى)

ھازىر ئۇيغۇرلار چەتئەلگە چىقىش ئۈچۈن پاسپورت بېجىرمەكچى بولسا، چەتئەلگە چىققۇچىلارنى تەكشۈرۈش جەدىۋىلىنى تولدۇرۇپ، 17 ئورۇندىن تەستىقلىتىپ، تامغا باستۇرغاندىن كېيىن، ئاران پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدىكەن. بۇ رەسمىيەت ئەگەر كوممۇنىست پارتىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك كادىرلىرىغا پۇل بەرگەن تەقدىردە 6 – 7 ئايدا تۈگەيدىكەن. ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ 70% ى رەت قىلىنىدىكەن. بىز قولغا چۈشۈرگەن بۇخىل جەدىۋەل توغرىسىدا كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن قانۇن فاكۈلتىتىنى پۈتتۈرگەن مەمەت ئوغۇزى ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، چەتئەلگە چىققۇچى ئۇيغۇرنىڭ «چەتئەلگە چىققۇچىلارنى تەكشۈرۈش جەدىۋىلى» نى تولدۇرغاندىن كېيىن 16 – 17 ئورۇندىن تەستىقلىتىپ، تامغا باستۇرغاندىن كېيىن، ئاران پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولىدىغانلىقى، ئۇندىن كېيىنكى رەسمىيەتلەرنىڭ ئىنتايىن كۆپ ئىكەنلىكىنى، خىتايلارنىڭ بولسا تور ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىپ 2 – 3 كۈن ئىچىدە پاسپورت ئالالايدىغانلىقىنى ئېيتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/uyghur-passport-12122014221151.html
Share
2289 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.