logo

trugen jacn

مەكىت ناھىيەسى يەنە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتكەن

cinde-maden-kazasi-17-isci-oldu22b052b1e462d182d5cd

18 – فېۋرال كۈنى مەكىت ناھىيەسىدىن يەنە 300 نەپەر ئۇيغۇر ياش شەندۇڭ ئۆلكىسىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىلگەن. «شىنجاڭ خەۋەرلەر تورى» نىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، مەكىت ناھىيەسى 2016 – يىلى ئىچىدە «ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەش» سىياسىتى ئاستىدا جەمئىي 2000 نەپەر ئۇيغۇر ياشنى ھەرقايسى ئۆلكىلەرگە ئەۋەتىشنى پىلان قىلماقتىكەن.

خەۋەرلەردە بۇ ياشلارنىڭ «نامرات ئائىلىلەردىن كەلگەن» لىكى ۋە كىرىمنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن «ئۆزلۈكىدىن ئىچكىرىگە ماڭغانلىقى» ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

بىراق، يېزىلاردىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنى يۇرت – ماكانىدىن ئايرىپ، خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئىشلەمچىلىككە ئەۋەتىش خىزمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلمەكتە.

ئۇلار بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىدا، ھەر يىلى يۈزمىڭلىغان خىتاي كۆچمىنى ئۇيغۇر ئېلىدا ئىشلەش ۋە ياشاش شارائىتىغا ئېرىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەت ئاستىدا، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئۆز يۇرتىدا جان باقالىشى كېرەكلىكى، بۇ سىياسەتنىڭ نۇرغۇن ئىجتىمائىي مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھازىر پەقەت مەكىت ناھىيەسىدىن چىقىپ جېجياڭ ۋە چىڭداۋدا ئىشلەۋاتقان ئىشلەمچى سانىلا 500 نەپەردىن ئوشۇق ئىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/mekit-yashlar-02182016210838.html

Share
1534 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.