logo

trugen jacn

مەكىت قۇمقۇساردا گۇماندار قەيسەر قۇربان ئىككى نەپەر ساقچىنى پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرگەن

 

شۆھرەت ھوشۇر

ئاشكارىلىنىشىچە، مەكىت ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى، 23 ياشلىق گۇماندار قەيسەر قۇرباننى مۇشۇ ئاينىڭ 14-كۈنى سوراق قىلىپ، ئۇنى زوراۋانلىق ئەسۋابلىرىنى ياسىغان ۋە ساقلىغانلىقىغا ئىقرار قىلدۇرغان.

ئۆتكەن ھەپتە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا، مەكىت ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىر ماتەم مۇراسىمى ھەققىدە رەسىملىك بىر ئۇچۇر تارقالدى. بۇ ئۇچۇردا پەقەت مۇراسىمنىڭ لوزۇنكىسى ۋە مۇراسىمدا ماتەم بىلدۈرۈلگەن ئىككى ساقچىنىڭ رەسىمى كۆرسىتىلگەن. لوزۇنكىدا بولسا 14-ئىيۇن ۋەقەسىدە ئۆلگەن ئىككى ساقچىغا ماتەم بىلدۈرۈلگەن.

بىز بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن مەكىت ناھىيىسىدىكى ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەردىن مەلۇمات ئىگىلىدۇق. ئاشكارىلىنىشىچە ۋەقە مەكىتنىڭ قۇمقۇسار يېزىسىدا يۈز بەرگەن. قۇمقۇسارنىڭ 6-كەنتىدىن بولغان گۇماندار قەيسەر قۇربان، شۇ كۈنى كېچە سائەت 11:30 ئەتراپىدا ئۆيىگە يالاپ ئەكېلىنگەن. قەيسەر قۇربان پاش قىلغان ئەسۋابلىرىنى ئۆزلىرى ئاختۇرۇپ تېپىش ۋە يىغىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ساقچىلار، ئۇنىڭ قولىدىكى كويزىنى چىقىرىۋېتىپ، ھۇجۇم ئەسۋابلىرىنى ئۆزىگە تاپتۇرغان ۋە توپلاتقۇزغان. مەلۇم بولۇشىچە قەيسەر قۇربان بىر قىسىم تىغلىق ئەسۋاب ۋە پارتلاتقۇچقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى ئۆيىنىڭ ئۆگزىسى ۋە باشقا جايلىرىدىن ئېلىپ ساقچىلارغا تاپشۇرغان. يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇنى يالاپ ئېلىپ كەلگەن 8 نەپەر ساقچى خادىمىنىڭ ئىچىدىكى ئىككى نەپەر ئۇيغۇر خادىم قەيسەر قۇرباننىڭ يېنىدا، يەنى ئۆينىڭ ئىچىدە ۋەزىپە ئىجرا قىلغان، قالغان 6 نەپەر خىتاي ساقچى ھويلا ۋە دەرۋازا ئالدىدا نازارەت قىلىپ تۇرغان. گۇماندار قەيسەر قۇربان ئۆي ئىچىدە توپلانغان ھۇجۇم ئەسۋاب ۋە بۇيۇملىرى ئالدىدا رەسىمگە تارتىلماقچى بولغاندا، ئۇ ياندىكى 50 سانتىمېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى خەنجەرنى قولىغا ئېلىپ ئىككى نەپەر ساقچىغا ھۇجۇم قىلغان. بۇ چاغدا ھويلىدىكى خىتاي ساقچىلار ئوق چىقىرىپ قەيسەر قۇرباننى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن. ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ساقچىلاردىن بىرى-ناھىيىلىك دۆلەت ئامانلىق ئەترىتىنىڭ خادىمى نەق مەيداندا؛ يەنە بىرى، قۇمقۇسار يېزىلىق ساقچىخانا خادىمى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلىۋاتقاندا ئۆلگەن.

قۇمقۇسار ۋەقەسى، خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئىجرا قىلىش داۋامىدا ئۇيغۇر ساقچىلارنى ئۆزلىرىگە قالقان سۈپىتىدە پايدىلىنىۋاتقانلىقى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/qanun/saqchigha-hujum-06252014162626.html

Share
1632 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.