logo

trugen jacn

مەشھۇر دىنىي ئۆلىما ئابدۇلھېكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى تالىپلىرىمۇ تۇتقۇن قىلىنغان

67e40eb7-1723-4d96-8031-43f133800c76

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئىگىلىشىمىزچە، 1980-يىللاردا قاغىلىقتىكى مەشھۇر دىنىي ئۆلىما ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ قولىدا تەربىيەلەنگەن ئەڭ ئاخىرقى تالىپلىرىدىن بىرى-ئابلىكىمخان بۇ يىل يازدا ئۈرۈمچىدە تۇتقۇن قىلىنغان.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان، ئەمما ئەھۋالدىن خەۋەردار بىرەيلەننىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئابلىكىمخان تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، ئائىلىسىدىكىلەر خېلى ئۇزۇنغىچە ئۇ توغرىلىق ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 40 ياشلاردىكى ئابلىكىمخان قاغىلىقنىڭ زوڭلاڭ دېگەن جايىدىن بولۇپ، 1980-يىللاردا مەشھۇر دىنىي ئۆلىما ئابدۇلھېكىم مەخسۇم ھاجىمنىڭ قېشىدا تەلىم ئالغان. 1990-يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ئۇ كۆپ قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ، كۆپ قېتىم قويۇپ بېرىلگەن. كېيىنچە خىتاي ئۆلكىلىرىگە كېتىپ كاۋاپچىلىق قىلىپ كۈن كۆچۈرگەن. ئابلىكىمخان ھېچقانداق ئىشقا ئارىلاشماي ئۆز تىرىكچىلىكى بىلەن يۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ يىل ماينىڭ ئاخىرلىرىدا باشلانغان تازىلاشتا ئۈرۈمچىدە يەنە تۇتقۇن قىلىنغان.

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىل ماينىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا قوزغىغان «نۆل نۇقتا ھەرىكىتى» داۋامىدا مىڭلىغان ئۇيغۇر ياشلىرى تۇتقۇن قىلىنغان ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقالغان. ئۇلارنىڭ ئاشكارا قىلىشىچە، بۇ يىل 5-ئاينىڭ 29-كۈنى بىر قېتىمدىلا تۇتقۇن قىلىنغانلار سانىنىڭ 7 مىڭغا يېتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

28-ئىيۇلدىكى يەكەن قىرغىنچىلىقىدىن كېيىن دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى ھەسسىلەپ كۈچەيگەن. ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، يەكەن، قاغىلىق ۋە باشقا ناھىيەلەردە گۇمانلىق دەپ قارالغان كىشىلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۇتقۇن قىلىنغان.

ئەينى ۋاقىتتا قاغىلىقتىكى مەشھۇر دىنىي ئۆلىما ئابدۇلھەكىم مەخسۇم ھاجىمدا دەرس ئالغانلىقى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىنغان ئابلىكىمخاننىڭ قانچىلىك قامىلىدىغانلىقى ۋە قانداق جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەنلىكى مەلۇم ئەمەسكەن.

ئائىلىسىدىكىلەر باشقىلار ئارقىلىق ئابلىكىمخاننىڭ بۇ يىل يازدا ئۈرۈمچىدىكى تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدىن قاغىلىق ناھىيەلىك تۈرمىگە يۆتكەپ كېلىنگەنلىكىنى بىلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەن

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-10022014140534.html

Share
2262 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.