logo

trugen jacn

مەشھۇر ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابى ۋە تارىخچى مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ۋاپاتىنىڭ 52-يىلى خاتىرىلەندى

2017-يىلى، 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر تارىخچىسى ۋە سىياسىي رەھبەرلىرىدىن بىرى مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىگە 52 يىل تولغان كۈن. بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەدىكى بەزى بىلوكلاردا ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا مەرھۇم مۇھەممەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدا ماقالىلەر، ئەسلىمىلەر ۋە خەۋەرلەر تارقىتىلماقتا. «ئۇيغۇرنېت» بىلوكىدا ئېلان قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا» ماۋزۇلۇق ماقالە بىلەن «كۆك بايراق» ناملىق تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان «ۋاپات بولغانلىقىنىڭ 52-يىلىدا مۇھەممەتئىمىن بۇغرا» ماۋزۇلۇق ماقالىلەردە مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ئىش-ئىزلىرى، كۈرەشلىرى، ئىدىيىسى قاتارلىقلار بايان قىلىنغان. ماقالىلەردە مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ تۇغۇلۇپ ئۆسكەن خوتەندە باشلىغان كۈرەش ھاياتىنىڭ 1965-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەنقەرەدە ۋاپات بولغۇچە بولغان ئارىلىقتىكى سەرگۈزەشتلىرى بايان قىلىنغان. تەتقىقاتچى، ئوبزورچى يۈجەل تاناي ئەپەندى يازغان ماقالىدە 20-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابى، تارىخچى ۋە يازغۇچى مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئەلەم ۋە قەلەم كۈرىشى ئېلىپ بارغان، كۆزگە كۆرۈنەرلىك زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي شەخس ئىكەنلىكى تەكىتلەنگەن.

كىچىكلىكىدىن بېرى مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ئالدىدا چوڭ بولغان، بۇندىن 32 يىل بۇرۇن ئەنقەرەدە بۇغرانىڭ دەپنە مۇراسىمىغا قاتناشقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ قولىغا قورال ئېلىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىپ يارىدار بولغان غازى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مۇھەممەتئىمىن بۇغرا 1952-يىلى 1-ئاينىڭ 30-كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەگە يېتىپ كەلگەن كۈندىن بېرى، كېچە-كۈندۈز ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن باش قاتۇرغان. تۈركىيەنىڭ دۆلەت رەھبەرلىرىگە، شۇنداقلا ئىسلام دۇنياسىغا ۋە خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشقان. كېيىنكى يىللاردا تۈركىيەدىكى ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا مۇھەممەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدا ئىلمىي ماقالىلەر يېزىلدى، تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيەسى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا توغرىسىدا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ تارقاتتى. «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ۋە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرا» ناملىق دوكتورا ئىلمىي ماقالىسىنى يېزىپ، 2005-يىلى نەشر قىلدۇرغان، ئىسپارتادىكى سۇلايمان دەمىرەل ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئابدۇللاھ باقىر ئەپەندى مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ پەقەتلا سىياسىي ئەرباب ئەمەس، تارىخچى ۋە يازغۇچى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «مەنچە، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا دۆلەت ئەربابى، قانۇنشۇناس، تارىخچى ھەم دىنىي ئالىم ۋە مائارىپچى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە بۈيۈك بىر ھەربىي قوماندان..»

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا كۆپ ئىشلارنى قىلغانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىنى قۇرۇپ چىققان شەخسلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى.

دوكتور ئابدۇللاھ باقىر ئەپەندى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا چەتئەلگە چىققاندىن كېيىن، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە قەلەم كۆرۈشى ئېلىپ بارغانلىقىنى، دەۋانىڭ خەلقئارالىشىشىغا زور تۆھپە قوشقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئۇ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ سىرتىدىكى مەزگىلدە خىتايغا قارشى قەلەم كۆرۈشى ئېلىپ بارغان. يازغان ئەسەرلىرى، قىلغان پائالىيەتلىرى نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ھەققانىي دەۋاسىنى چەتئەلگە تونۇتۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان، مەزكۇر دەۋانى چەتئەلگە تونۇتقان مۇھىم بىر ئەرباب.»

دوكتور ئابدۇللاھ باقىر ئەپەندى تۈركىيەدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئۇيغۇر تارىخى دەرسىدە مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ھاياتىنىڭمۇ تونۇشتۇرۇلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: «بىزنىڭ ئۇيغۇر تارىخى دەرسلىرىمىزدە شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە مەلۇمات بېرىمىز. ئۇيغۇر تارىخىدا شەرقىي تۈركىستاندا بولغان ۋەقەلەرنى سۆزلەۋاتىمىز. تۈركلەرنىڭ كۆپى مۇھەممەتئىمىن بۇغرانى ۋە ئۇنىڭ پائالىيەتلىرىنى بىلىدۇ. ئۇ، يازغان ‹شەرقىي تۈركىستان تارىخى› ناملىق ئەسەردىن بىز تارىخچىلار پايدىلىنىۋاتىمىز. ئۇ، ياخشى تارىخچى ھېسابلىنىدۇ.»

بۈگۈنكى كۈنلەردە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ نەزەرىيىۋى ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇش مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىنماقتا. تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچىلەر ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى مۇھەممەتئىمىن بۇغرالارنىڭ تۈركچىلىك يەنى تۈرك مىللەتچىلىك ئىدىيەسىنى قۇرۇپ ئۇنىڭغا تايىنىپ دەۋا ئېلىپ بارغانلىقىنى، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ يېڭى ئىدىيىگە ئېھتىياجى بارلىقىنى بايان قىلدى.

20-ئەسىردە ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابى ۋە تارىخچى مۇھەممەىئىمىن بۇغرا 1901-يىلى خوتەندە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، 1965-يىلى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ئالەمدىن ئۆتكەن. ئۇ توغرىلىق تۈركىيەدە ئىككى كىتاب، 20 پارچە ماقالە ئېلان قىلىنغاندىن سىرت، ئۇنىڭ نامى ئۆتكەن يىلى ئىسلام قامۇسىغا كىرگۈزۈلدى. تۈركىيە دۆلەت تېلېۋىزىيىسى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ھەققىدە ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ تارقاتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/medeniyet-tarix/muhemmetimin-bughra-06152017171239.html

Share
2220 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.