logo

trugen jacn

مەشئەل ئۇيغۇر گۈرۇپپىسى: خىتتاي مىڭلىغان ” تەسىر مەھبۇسلىرى” نى قويۇپ بەر

 

مەشئەل ئۇيغۇر گۈرۇپپىسى: خىتتاي مىڭلىغان ” تەسىر مەھبۇسلىرى” نى قويۇپ بەر

ھۆكۈمىتىدىن   ”يىغىۋىلىش لاگىر“ لىرىغا  قامالغان بىر مىليون ئۇيغۇر خەلقىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلغانىدۇق. خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە ئۇيغۇر ئومۇمىي نوپۇسىنىڭ 10% (2010-يىللىق خىتاي نوپۇس سىتاستېكىسى ) گە توغرا كېلىدىغان بىر مىليون ئۇيغۇر خەلقىنى ناتسىسلارنىڭ جازا لاگىرىغا ئوخشاش خاراكتىردىكى ئاتالمىش ”قايتا تەربىيە ئېلىش مەركىزى“ لىرىگە قاماپ، ئۇلارنىڭ ئىگە ـچاقىسىز قالغان بالىلىرىنى دارىلتاملارغا يوللاۋاتىدۇ.  (http://chn.ge/2CAIJFR http://chn.ge/2Dw8YAU   خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىلدىكى لاگىرلارنى ئۈزلۈكسىز قۇرماقتا. ھەتتا بەزى رايونلاردا  لاگىرلار  يېتىشمىگەنلىكتىن  مەكتەپ ۋە مەسچىتلەرنى لاگىرلارغا ئۆزگەرتىپ ئىشلىتىۋاتقانلىقى مەلۇم. 2009ـ يىلىدىكى 5ـ ئىيۇل ئۇرۇمچى قىرغىنچىلىقىدىن بېرى ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشنى  باشلىغانىدى. 2016-يىلى  ئاتالمىش «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى»غا سېكىرتار بولۇپ، كەلگەن  چىن چۈۋەنگو  تۇتقۇن قىلىشنىڭ دائېرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىۋەتتى. ئۇنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار جەمىيەتنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىغا تەۋە بولۇپ، (تەپسىلىي مىساللار بۇ ئۇلۇنۇشتا، http://freedomsherald.org/ET/unb/ ئۇلارنىڭ  كۆپىنچىسى  ئۇيغۇر جەميىتىدە  مەلۈم  تەىسىرگە ئىگە ،كۆزگە كۆرۈنگەن  ئالىملار، تەتقىقاتچىلار، سەنئەتكارلار، كارخانچىلار، تەنتەربىيەچىلەر ئىدى.  ئۇلار ۋىجدان مەھبۇسلىرىدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمۈسىمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ جەميەتتىكى بەلگىلىك تەسىرىدىن قورقۇپ، ئۇلارنى تۇتقۇن قىلماقتا. بىز مەشئەل ئۇيغۇر گۇرپۇسى، بۇ بىر گۇرپپا ئۇيغۇرلارنى، ئۇلارنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچۇراشتىكى سەۋەبىگە ئاساسەن ”تەسىر مەھبۇسلىرى“ دەپ ئىزھات بەردۇق.

شەرقىي تۈركىستاندا تەسىر مەھبۇسلىرىنىڭ سانى   ئۈزلۈكسىز كۆپەيمەكتە. تېخى يېقىندا تەسىر مەھبۇسىغا ئايلانغان ئۇيغۇرلارغا ۋاكالەتەن ، تىببىي ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ  مۇدىرى در. خالمۇرات غوپۇر، “دۇتتار شاھى” ئابدۇرەھىم ھېيىت، قۇران-كەرىمنى تۇنجى بولۇپ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان، 82 ياشلىق دىنىي ئۆلىما مۇھەممەد سالىھ داموللام (مەرھۇم تۈرمىدە شېھىد قىلىندى)، مىسىردا ئوقۇغان در. ھەبىبۇللا توختى قاتارلىقلارنى كۆرسۈتۈپ ئۆتەلەيمىز. ئۇنىڭدىن باشقا ئىسمى ئاتالمىغان، ئىقتىسادىي تەسىرىدىن تۈرمىگە تاشلانغان قەشقەردىكى تۆت سودىگەرنىمۇ بۇ يەردە كۆرسۈتۈپ ئۆتەلەيمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىر مەھبۇسلىرىغا ئارتقان جىنايەتلىرىنى  ۋە ئۇلار ھەققىدە يېزىلغان ماقالىلارنى بۇ (http://freedomsherald.org/ET/unb ) ئۇلۇنىشىدىن كۆرەلەيسىز.

بىز مەشئەل ئۇيغۇر گۇرپىسى، يېقىندا ۋەتەندىن چىققان كىشىلەردىن تەسىر مەھبۇسلىرىغا ئالاقىدار بىر قىسىم ئەمىلى مەلۇماتلارنى ئېلىشقا  مۇۋەقەت بولدۇق. ئەمما، بىز بۇ تەسىر مەھبۇسلىرىنىڭ ئايلە –تاۋاباتلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئىسملىرىنى  بۇ يەردە تىلغا ئېلىشنى لايىق كۆرمىدۇق . بىز يەنە ئۇلاردىن  خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ  ئۇيغۇرلارنى كوللىكتىپ تۇتقۇن قىلىشتا قوللانغان  كونكىرىت چارە-تەدبىرلىرىنى ۋە ئەمىلىلەشتۈرۈشتىكى بىر قىسىم ئۇسۇللىرىنى ئىگەللىدۇق. بۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقوقلىرىنى دۆلەت كۈچىگى تاينىپ قانداق ئۇسۇللاردا دەپسەندە قىلۋاتقانلىقىنىڭ ۋە دۆلەت تېرورلىقى يۈرگىزىۋاتقانلىقىنىڭ  ئەمىلىي پاكىتلىرىدۇر.

بىز ئىگەللىگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا،  خىتاي ھۆكۈمىتى خىتاي ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئايرىدۇرۇم خىزمەتچىلىرىگە ”تۇتقۇن قىلىش ۋاقىت جەدۋىلى “ ،“ئىزدەپ تېپىش جەدۋىلى“ ۋە  ئىسمى يېزىلمىغان  سوت ھۆكۈملىرىنى تارقاتقان. بۇ ئۇسۇل رايون دەرىجىلىك كادىرلاردىن تارتىپ تاكى   يېزا كەنت باشلىقلىرىغىچە ئومۇملاشتۇرۇلغان. ئۇلارغا مۇشۇ ئۇسۇل بۇيىچە  «گۇمانلىق » دەپ قارالغان  ھەرقانداق  ئۇيغۇرغا  سوت قىلماي تۇرۇپ،  نەق مەيداندا 3 يىلدىن 7 يىلغىچە؛ 7 يىلدىن 10 يىلغىچە ۋە 10 يىلدىن يۇقىرى مۇددەت بۇيچە  قامماققا ھۆكۈم قىلىش ھوقۇقى بېرىلگەن. تۆۋەندىكىلەر  «گۇماندار» ئۇيغۇرغا ئارتىلىدىغان «جىنايەتلەر»نىڭ  بىر قىسىم مىساللىرىدۇر. خىتاي خوشنىسى بىلەن ئارىسىدا  سۈركۈلۈش بولۇپ قالغانلار «ھۆكۈمەتكە نارازى»؛  ئوقۇتقۇچىسى ئوقۇغۇچىسىغا سادىر پالۋان ھەققىدە مەلۇمات بەرسە «مىللى ئېڭى كۈچلۈك»؛ ناماز ئوقۇغان ياكى ساقىلى ھۆكۈمەتنىڭ ئۆلچۈمۈدىن ئېشىپ كېتىپ قالغانلار «دىنغا مايىل»؛ خىتاي باشلىقىغا خىتايچە، ئۇيغۇر باشلىقىغا ئۇيغۇرچە سۆزلىگەن كادىر « ئىككى يۈلۈمۈچى»، دەپ جازالانغان.  بولۇپمۇ يانفونىدىن تېپىلغان مەزمۇنلارغا قارتا كوكىرىت جىنايەت ئارتىش ئۇيغۇرلارنى قاماققا ئېلىشنىڭ يەنە بىر ئۇسۇلى بولۇپ قالغان.  شۇ سەۋەپتىن، دۇنيا زىرەكفونغايۈزلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار قايتىدىن  ئىنتېرنېت مۇلازمىتىنى قوللىمايدىغان كونا تىپتىكى تېلفونلارنى ئىشلىتىشكە باشلىغان.

خىتاي ھۆكۈمىتى  ئۇيغۇرلارنى كولىكتىپ تۇتقۇن قىلىش ئۈچۈن جىنايەت تۈرلۈرىنى ئىجاد قىلىش ۋە ئەمىللەشتۈرۈش سىياسىتىنى چەت-ئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغىچە كېڭەيتكەن. 2016- يىلدىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ھوكۈمىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەندىكى ئاتا – ئانىلىرىغا تەھدىت  سېلىپ،  ئۇلارنى  ئوقۇشلىرىنى تاشلاپ قايتىپ كېتىشىكە مەجبۇر قىلغان. قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار چېگىردىن كىرگەن ھامان قولغا ئېلىنىپ، زور كۆپچىلىكى نەق مەيداندىلا 3يىلدىن 7 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان. بۇلارنىڭ بەزىلىرى تۈرمىلەردە سەۋەپسىز ئۆلۈپ كەتكەن.

ئامېرىكا دۆلەت  ئىشلىرى  كاتىبى رېكىس تىللېرسون ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىدا بەرگەن باياناتىدا :« يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى  قانۇنلۇق دىنى ئىتىقاد ھوقۇقلىرى قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچۇرماقتا» دېگەن ئىدى .ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ يىللىق ئىنسان ھەقلىرى دوكلاتىغىمۇ  ئۇيغۇرلارنىڭ سۆزلەش، پائالىيەت قىلىش، تەشكىللىنىش ۋە يىغىلىش ھوقۇقلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى كىرگۈزىلگەن . بىز مەشئەل گورۇپپىسىدىكىلەر  ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقوقلىرىغا كۆڭۈل بۆلىۋاتقان ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى ھۆكۈمەتلەرگە  ۋە خەلىقارالىق ئورگانلارغا رەھمەت ئېيتىمىز. بىز يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلارىغا    مىڭلىغان ئۇيغۇر  تەسىر مەھبۇسلىرىنىڭ  شەرتسىز قويۇپ بېرلىشى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىپ ئىشلىتىشىگە چاقىرىق قىلىمىز.

 

خىتاي دۆلىتىنىڭ دۇنيادىكى ئىككىنجى چوڭ ئىقتىسادى گەۋدە بولۇشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانى ھەق-ھوقوقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشىغا دەستەك بولماسلىقى كېرەك. بىز مەشئەل ئۇيغۇر گۇرۇپپىسى پۇتۇن دۇنيا خەلقىغە مۇراجەت قىلىمىزكى،  خىتاي ھۆكۈمىتى يەتكۈزۋاتقان ۋاقىتلىق ئىقتىسادى نەپ ئۈچۈن ئاجىزلار زۇلۇمغا ئۇچرىغاندا ئۇنىڭغا قارشى سۆز قىلىش ھوقوقۇڭلارنى ساتماڭلار!  ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق –ھوقۇقلىرىنىڭ  دەپسەندە بولىشىغا سۆكۈت قىلماڭلار ،سۆكۈت قىلماڭ! بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇ مۇراجىئەتنامىگە ئىمزا قويىشىڭىزنى ۋە ئەتراپىڭىزدىكى ئىنسانلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋازى بولۇشىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن ئۈمىت قىلىمىز! رەھمەت

https://www.change.org/p/united-nations-china-release-the-thousands-of-uyghur-prisoners-of-influence

Share
5330 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.