logo

trugen jacn

مەسئۇلىيەتتىن قېچىشمۇ ياكى ئۈسسىيدىغان ئورۇن ئىزدەشمۇ؟

ئابدۇراھمان جامال كاشىغەرىي

سىياسىي ھەرىكىتى ئورگانلاشمىغان خەلقلەر مۇستەمىلىكە ياكى خاپىلىققا يولۇققاندا مەسئۇلىيەتتىن قېچىش ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى بىر بىرىگە ئارتىشقا ئۇرۇنىدۇ، بىر بىرىگە تاپا تەنە قىلىشىدۇ ۋە خاتالىقلىرىنى ياكى ئىشلىرىنىڭ ئاقماسلىقىنى ئارتىدىغان ئاسقۇ ياكى ئۈسسىيدىغان ئورۇن ئىزدەيدۇ.
مۇنداق خەلقلەرنىڭ ھەر بىرى بىر كىشىلىك ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي تۇرۇپ، بىر پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى باشقىلارنىڭ ئۈستىگە ئېلىشىنى تەلەپ قىلىشىدۇ. مەسئۇلىيەتنىڭ ئېغىرلىقى ياكى سىياسىي ۋەزىيەت ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىش ئالدىغا دېگەندەك ماڭمىغانسېرى ئۈسسيىدىغان شەخس ياكى تەشكىلات ئىزدەيدۇ. ھەر بىرى تەشكىللىنىش ۋە ئورگانلىشىش ئورنىغا يەككە باتۇرلۇق يولىنى تاللايدۇ، ئۆزىنىڭ تاللىغان ۋاسىتىسى ياكى ئۇسۇلىنى ھەممىدىن توغرا دەپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ ۋە ئۆزىنى بىردىن بىر ئىش-ھەرىكەت قىلىۋاتقان باتۇرلار، ئۆزىگە قوشۇلمىغانلارنى ئۇخلاۋاتقانلار دەپ قارايدۇ.
بىزنىڭ سىياسىي مەسىلىمىز ياكى ئەركىنلىك مەسىلىمىز ياكى مەۋجۇتلۇق مەسىلىمىز بىر قانچە يىلدىن بېرى يۈز بەرگەن يېڭى مەسىلە ئەمەس، بەلكى 100 يىلدىن بېرى ھەل بولماي كېلىۋاتقان بىر مەسىلىدۇر. بىز 100 يىلدىن بېرى مىللەت خاراكتېرلىك تەشكىللىنىش ياكى ئورگانلىشىش ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشنى ئۆگىنىپ بولالمايۋاتىمىز.

مىللەت بۈگۈنكىدەك ئېغىر كۈنگە قالغاندا بارماقتا سانىلىدىغان ئەمما ئەگەشكۈچىسى ۋە ئىمكانىيىتى يېتەرلىك بولمىغان بىر قانچە تەشكىلات قانچىلىك پائالىيەت قىلالىسۇن؟ يېتەكچى ئېتىراپ قىلىنمىسا ياكى بىرلىك تەشەببۇسى تولۇق كۈچكە ئىگە بولمىسا، ئۇ تەشكىلاتلار قانداقمۇ كۈچىيەلىسۇن؟
مىللىتىمىز بۈيۈك دۈشمىنىمىزنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي، ئەسكىرى، تەشۋىقات ۋە ئىستىخبارات ھۇجۇملىرىدا ئالدىدا ھېسسىيات ۋە ھاياجان ئارقىسىدا قەدەم بېسىۋاتقاندەك، خۇددى بۇ مەسىلە بىر قانچە ئاي ئىچىدە ھەل بولۇپ كېتىدىغاندەك، خۇددى بۇ مەسىلە يەككە خاراكتېرلىك بىر قانچە ۋاسىتىلەر ئارقىلىق مىللەتنى ئەركىنلىككە چىقىرىدىغاندەك كۆرۈنۈشلەر كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ. ھالبۇكى ھېسسىياتقا بېرىلىش ئىستىراتېگىيىلىك تەپەككۇر قىلىشنىڭ دۈشمىنى سانىلىدۇ ۋە ساغلام تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

شۇڭا بۇ يەردە ئەقىل بىلەن ھېسسىياتنى بىرلەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ئۇ ئىككىسىنى مۇناسىپ ۋاقىت ۋە مۇناسىپ ئورۇندا بىرلەشتۈرەلىگەن كىشى توغرا قارار ئالالايدۇ. بۇ كىشى ھېسسىياتقا بەك بېرىلىپ كەتمەيدۇ ياكى ئەقىلنىڭ رولىنى تۆۋەن كۆرمەيدۇ، شۇنداقلا ئەقىلنىڭ رولىنى ئاشۇرۇۋەتمەيدۇ ۋە ھېسسىياتنى تۆۋەن ئورۇنغا چۈشۈرۈپ قويمايدۇ، بەلكى ئىككىسىنىڭ ئارىسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ماڭالايدۇ.
ئەلۋەتتە تەشكىللىنىش، ئىنتىزام، پىلان، ئورگان ۋە يېتەكچى ئارقىسىدا ھەرىكەت قىلىش بىلەن يەككە كۈچكە تايىنىپ ھەرىكەت قىلىش ياكى پارچىلىنىپ ھەرىكەت قىلىش ئارىسىدا زور پەرق بار.
بىز قولىمىزدىن كېلىشىچە شەرىئەتكە ئۇيغۇن بارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىشقا مۇكەللەپ. مەسىلەن، نامايىش، زۇلۇمنى ئاڭلىتىش، شىكايەت قىلىش، ئىمزا توپلاش، دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمەنلىرىدىن پايدىلىنىش، ئۈممەت بىرلىكىدىن پايدىلىنىش، سىياسىي ھەرىكەت، دىپلوماتىيە ھەرىكىتى، ئىستىخبارات ھەرىكىتى ۋە قوراللىق ھەرىكەت… دېگەندەك نۇرغۇن ۋاسىتىلەر بار. بۇ ۋاسىتىلەرنىڭ ھەممىسىدىن پايدىلىنىشقا ئېھتىياج بار، يەنە باشقا يېڭى ۋاسىتىلەرنى تېپىپ چىقىشقىمۇ ئېھتىياج بار.

بىزنىڭ چەتئەلدىكى ھالىمىزغا قارىساق، ھەر خىل مېتودتىكى جامائەتلەر، ھەر خىل مېتودتىكى تەشكىلاتلار، مېتودى بىرلەشمىگەن تۈرلۈك مەدرىسىلەر ۋە ئوخشىمىغان ئېقىملار ئارىسىدا پارچىلىنىپ كېتىپتۇق. كىملىك ئاساسىدىكى بىرلىك ئاساسىدا بىرلەشەلمەيۋاتىمىز. ھەر بىر ئېقىم، ھەر بىر تەشكىلات ۋە ھەر بىر مەدرىسلەر گۇرۇھ پەيدا قىلىپ ئازغىنا ساندىكى بىچارە مىللەتنى تېخىمۇ پارچىلاپ تاشلىماقتا ۋە ئادەم تالىشىش بىلەن ئالدىراش بولماقتا ۋە ھەر بىرى ئۆزىنىڭ شەخسى مېتودىنى بازارغا سېلىش بىلەن مەشغۇل بولماقتا. مانا بۇ بىزنىڭ ھالىمىز ۋە رېئاللىقىمىز.
مەسىلە شۇنداق بولغان ئىكەن ھەر بىرىمىز يەككە شەكىلدە ئويلاپ تاپقان ياكى ئۇرۇنۇپ بېقىۋاتقان بىر ئىشقا ياكى بىر ۋاسىتىگە قوشۇلمىغانلارنى ئەيىبلەيدىغان، ھاقارەتلەيدىغان، ئۆزىمىزنىڭ ئىشنى ئەڭ ئۇلۇغۋار ۋە ئەڭ توغرا ھەرىكەت دەپ مونوپۇللۇق قىلىدىغان كېسەلگە گېرىپتار بولدۇق.
ئۆزىمىز قوللاپ كەتمىگەن، بارماقتا ئاران سانىغىلى بولىدىغان بىر قانچە تەشكىلاتقا ئۈسسۈپ ئۇلارغا ئازار بەرمەيلى ياكى مىللەتنىڭ پۈتۈن مەسئۇلىيىتىنى ئۇلارغا ئارتىپ قويمايلى، بەلكىم ئۇلار باشقىلاردىن پايدىلىقراق ئىش قىلىۋاتقان بولىشى مۇمكىن.
20 يىلدىن بېرى چەتئەلدىكى خەلقىمىز قورالنىمۇ سىناپ باقتى، بىراق ئۆز ئارىسىدا بىر بىرىگە قارشى سىناپ باقتى، ھازىرمۇ بۇرۇنقىدىن پەرقلىنىپ كەتمىسە كېرەك، ئۇمۇ ئەسقاتمايۋاتىدۇ.

بۈيۈك بىر غايە، ئورتاق بىر نىشان ۋە روشەن بىرلىك يول خەرىتىسى ئاساسىدا تەشكىللىنەيلى، تەجرىبىسى بار لىدەرلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلايلى، لىدىرىمىز يوق دەپ قارالسا، ياراملىق ۋە بىلىملىك لىدىرلەرنى يارىتايلى، تەشكىللىك ۋە ئورگان ئىچىدە ئىش قىلىپ سىناپ باقايلى. مەن ئەمەس بىز ئۇقۇمى بىلەن ئىش قىلايلى، مېنىڭلا توغرا ئەمەس بىزنىڭ توغرا دېگەن چۈشەنچە بىلەن بىرلىكتە ۋە ھەمكارلىق ئىچىدە قەدەم ئېلىپ باقايلى.
ئۇنداقتا بۇ مىللەت ئالىملىرىغا، سىياسىيۇنلىرىغا، تەشكىلاتلىرىغا، بايلىرىغا ۋە بىلىكىنىڭ كۈچى بار ھەقىقى ئىمانلىق، ئەخلاقلىق، بىلىملىك ۋە ۋەتەنسۆيەر ئەركەكلىرىگە مۇھتاج بولىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى بۈيۈك بىر غايە ۋە مىللىي تەشكىلات بىرلىكى ئاستىغا كەلسە، ئاندىن غەلبىدىن ياكى مۇۋەپپەقىيەتتىن ياكى ئاسانلىقتىن سۆز ئاچقىلى بولىشى مۇمكىن.

 

2019. 01.06 كۈنى

Share
1736 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.