logo

trugen jacn

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلھام توختىنىڭ خىزمەت ئىستاژىنى بىكار قىلغان

 

 مېھرىبان

 

مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى دائىرىلىرىنىڭ تۇتقۇندىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ خىزمەت ئىستاژىنى بىكار قىلغانلىقى مەلۇم. ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ نۆۋەتتە مەكتەپنىڭ مەزكۇر قارارى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا ھازىرلانغان.

ئالدىنقى قېتىملىق ئاڭلىتىشىمىزدا ئىلھام توختىنىڭ 8 ياشلىق ئوغلىنىڭ ساقچىلار پەيدا قىلغان روھىي بېسىم تۈپەيلى يۈرەك ئاجىزلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدۇق. بۈگۈن ئىگىلىشىمىزچە، گۈزەلنۇر خانىمنىڭ قاتتىق نارازىلىقى نەتىجىسىدە بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى ئىلھام توختىنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرغان ساقچىلىرىنى ئېلىپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان.

مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، 2014-يىلى 2-ئايدىن باشلاپ ئىلھام توختىغا بۇ مەكتەپتىن بېرىلىدىغان مائاشىنىڭ توختىتىلىدىغانلىقى ۋە مەكتەپتە ئىشلىگەن خىزمەت ئىستاژىنىڭمۇ بىكار قىلىنغانلىقى، دۆلەت بېكىتكەن ئاساسىي مائاشىنىڭ پەقەت 75 پىرسەنتىنىڭلا بالىلىرىنىڭ تۇرمۇش راسخوتى ئۈچۈن بېرىلىدىغانلىقى يېزىلغان. ئەمما، ئىلھام ئەپەندىگە بېرىلىۋاتقان مائاشنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالمىغان.

مەكتەپ كادىرلار بۆلۈمىنىڭ خادىمى گۈزەلنۇر خانىمغا 5-ئايدىن باشلاپ بالىلىرىنى بېقىش ئۈچۈن بېرىلىدىغان 2000 سوم خەلق پۇلىنىڭ خىتاي خەلق ئىشلار ئىدارىسى تەرىپىدىن بېرىش بەلگىلەنگەن بالىلارنىڭ تۇرمۇش ۋە ئوقۇش ياردەم پۇلى ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن بۇ ئائىلىگە كەلگەن ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىم ۋە روھى بېسىملا ئالدىدا قەددىنى تىك تۇتۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن گۈزەلنۇر خانىم سۆزىدە، مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ئېرىنىڭ 20 نەچچە يىللىق خىزمەت ئىستاژىنى بىكار قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، مەكتەپنىڭ بۇ خىل قانۇنسىز قىلمىشى ئۈستىدىن ئەرز قىلىشقا تەييارلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىم يەنە 8 ياشلىق ئوغلىنىڭ يۈرەك ئاجىزلىقى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشىغا بۇ ئائىلىنى نەزەربەند قىلىۋاتقان خىتاي ساقچىلىرى سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتىپ، نارازىلىق بىلدۈرگەندىن كېيىن، كارىدوردا بۇ ئائىلىنى 24 سائەت نۆۋەتتە تۇرۇپ نازارەت قىلىۋاتقان ساقچىلارنىڭ ئورۇن-كۆرپىلىرىنى يىغىشتۇرۇپ كېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى، ساقچىلارنىڭ ئەمدى بۇ ئائىلىگە قاراتقان ئاشكارا نازارەتنى يوشۇرۇن ھالەتكە ئۆزگەرتكەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى 2009-يىلى يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىلھام ئەپەندىنى نەزەربەند قىلىپ تەكشۈرگەن مەزگىلىدىمۇ ئۇنىڭغا بېرىلىدىغان مائاشىنى توختىتىۋېتىش ئەھۋالى يۈز بەرگەن.

يېقىندا ئامېرىكا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىشلەنگەن ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمدىمۇ، ئىلھام ئەپەندىنىڭ 2009-يىلى 11-ئايدا تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر قاتارلىق دوستلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن بىر قېتىملىق سىنئالغۇ خاتىرىسىدىن نەقىل ئېلىنغان.

ئەينى چاغدا ئىلھام ئەپەندى بايانىدا 2009-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا ئۇنىڭ مائاشى توختىتىلىپ، بارلىق بانكا ھېسابلىرى تاقىۋېتىلگەنلىكىنى، بېيجىڭدەك يۇقىرى ئىستېمال شەھىرىدە كىچىك ئوغلىغا ھامىلىدار بولغان ئايالى گۈزەلنۇر، مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان 15 ياشلىق قىزى جەۋھەر قاتارلىق بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ روھىي ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئېغىر بېسىمغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقنى سۆزلەش ئىرادىسىدىن يانمايدىغانلىقى، بېشىغا كېلىش ئېھتىمالى بولغان ئەڭ ئېغىر قىسمەتلەرگىمۇ تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى

 

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-05162014171004.html

Share
1584 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.