logo

trugen jacn

مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرىدىكى سۇ مەسىلىسى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاساسىي مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، سۇ تاپچىللىقى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدا تالاش-تارتىش قوزغاۋاتقان جىددىي مەسىلىگە ئايلاندى. كېيىنكى ۋاقىتلاردا تاجىكىستان ۋە قىرغىزىستاننىڭ نارىن ۋە ۋاخش دەريالىرىدا روگۇن ۋە كامباراتا-1 گىدرو ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇش لايىھىلىرى قوشنا ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستاننى بىئارام قىلىشقا باشلىغان ئىدى. بولۇپمۇ روگۇن ئىستانسىسىنىڭ سېلىنىشى تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى كەسكىنلەشتۈردى، ھەتتا بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرىچە، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدا قوراللىق توقۇنۇش ۋەقەلىرىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىشى مۇمكىن.

روگۇن ئىستانسىسىنى سېلىش پىلانى سوۋېت دەۋرىدە تەستىقلانغان بولۇپ، 1987-يىلى قۇرۇلۇش ئىشلىرى باشلانغان ئىدى. ئۇ ۋاقىتتا مەزكۇر ئىستانسىنىڭ سېلىنىشى تاجىكىستاننىڭ ئېنېرگىيىلىك مەنپەئەتلىرىگە، ئۆزبېكىستاننىڭ يېزا ئىگىلىكى مەنپەئەتلىرىگە جاۋاب بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما تاجىكىستان جامائەتچىلىكى بۇ لايىھىگە قارشى چىققان ئىدى، چۈنكى، ئۇنىڭ قۇرۇلۇشى تاجىكىستان ئېكولوگىيىسىنىڭ بۇزۇلۇشىغا ئېلىپ كېلەتتى. ئەمما، ئۇنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن توختاپ قالدى. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا رۇسىيە ۋە تاجىكىستان ئوتتۇرىسىدا روگۇن ئىستانسىسىنى بىرلىشىپ سېلىش كېلىشىمى ئىمزالاندى.سۇ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش بويىچە ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىر نەچچە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، بۇ ھېچ نەتىجە بەرمىدى.

بۇ مەسىلە 7-ئىيۇندا تۈركمەنىستان پايتەختى ئاشخابادتا ئۆتكەن « مۇھىتنى قوغداش ۋە مەركىزىي ئاسىيانىڭ تۇراقلىق تەرەققىياتى ساھەلىرىدە ھەمكارلىشىش تەشەببۇسلىرى» تېمىسىدىكى خەلقئارا ئېكولوگىيىلىك يىغىندا يەنە قارالدى. يىغىننى تۈركمەنىستان مۇھىتنى قوغداش ۋە يەر مەنبەلىرى بويىچە دۆلەت كومىتېتى ھەم مەركىزىي ئاسىيا رايونلۇق ئېكولوگىيىلىك مەركەز ئۇيۇشتۇرغان. ئۇنىڭغا مەركىزىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا بىخەتەرلىك ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى، دۇنيا بانكىسى ۋە باشقىمۇ تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى قاتناشتى. بۇ ھەقتە «تۈركمەنىنفورم» ئاگېنتلىقى خەۋەر قىلدى.

مەركىزىي ئاسىيا يېڭىلىقلار خىزمىتى ئاگېنتلىقى ئېلان قىلغان «ئاشخابادتا رايونلۇق سۇدىن پايدىلىنىش مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىندى» ناملىق ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، سۇ مەنبەلىرىنىڭ تاپچىللىقى مەركىزىي ئاسىيادىكى مۇرەككەپ مەسىلىلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە قارالغان. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۆلەتلەر ئارا ئۆتىدىغان دەريالار سۈيىدىن پايدىلىنىشتا مەركىزىي ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى ئارىسىدىكى قارىمۇ-قارشىلىقلار تەكىتلىنىپ، ئۇلارنى ھەل قىلىش مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان. بولۇپمۇ، قازاقىستان ۋە تۈركمەنىستان بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا خەلقئارا تەجرىبىلەردىن پايدىلىنىش تەكلىپىنى بەرگەن.

مەزكۇر يىغىندا يېڭى سېلىنىۋاتقان گىدروتېخنىكىلىق قۇرۇلۇشلار ئەنە شۇ دەريالار تارماقلىرىدا جايلاشقان بارلىق مەملىكەتلەرنىڭ مەنپەئەتلىرىنى ھېسابقا ئالغان ھەم ئۇلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى كەمسىتمىگەن ھالدا ئېلىپ بېرىلىش لازىملىقى، بۇ جەھەتتە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نورمىلىرىنى ساقلاش، شۇنداقلا مۇستەقىل خەلقئارا تەكشۈرۈش ئىشلىرىنى يۈرگۈزۈش ۋە باشقىلار تەكلىپ قىلىندى. ئۆز نۆۋىتىدە قىرغىزىستان ۋەكىلى رايوندىكى بارلىق مەملىكەتلەر ئارىسىدا سۇدىن پايدىلىنىشنىڭ ئىقتىسادىي مېخانىزمىنى ئىشلەپ چىقىش ھەم شۇنىڭ ئارقىلىق ئۆز-ئارا زىددىيەتلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىپىنى بەردى.

قازاقىستاننىڭ بىرىنچى پرېزىدېنتى فوندى يېنىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىتى ئىنستىتۇتى ياۋروئاسىيا تەتقىقاتلىرى پروگراممىسىنىڭ رەھبىرى رۇسلان ئىزىموف مەركىزىي ئاسىيادىكى سۇ مەسىلىسىنىڭ ئونلىغان يىللار داۋامىدا تالاش-تارتىش تۇغدۇرۇۋاتقان مۇرەككەپ مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، مۇنداق دېدى: «ئومۇمەن سۇ مەسىلىسى ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىللىق ئالغاندىن كېيىن، شۇنداقلا ئۇلارنى بىر تۈزۈمدە تۇتۇپ كەلگەن سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن ئوتتۇرىغا چىقتى. ھەر بىر جۇمھۇرىيەت ئۆز سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشكە باشلىدى. بۇنىڭ ئاقىۋىتىدە تۆۋەن ئېقىمدىكى مەملىكەتلەر ئاز مۆلچەردە سۇغا ئىگە بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى بۇ ئۇلارنىڭ ئېھتىياجلىرىغا جاۋاب بېرەلمەيدىغان بولدى. بۇنىڭدىن تاشقىرى سۇنىڭ تازىلىقى، يەنى ئېكولوگىيە مەسىلىسىمۇ مەۋجۇت. ئۆتكەن ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكەن ‹بىر بەلۋاغ، بىر يول› يىغىنىدا قازاقىستان پرېزىدېنتى يەنە شۇ مەسىلىنى كۈن تەرتىپىگە قويۇپ، سۇدىن ئورۇنلۇق پايدىلىنىش تەكلىپىنى بەرگەن ئىدى. ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتلىقىغا شاۋكەت مىرزىيېيېفنىڭ كېلىشى بىلەن مەملىكەت ئىچىدە ھەم ئۇنىڭ تاشقى سىياسىتىدە قانداقتۇر بىر ئۈمىدلەر، ئىجابىي ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولدى. لېكىن مەن مۇتەخەسسىس سۈپىتىدە شۇنى ئېيتقان بولار ئىدىمكى، شەخسەن ئۆزۈم بۇنىڭغا ئوپتىمىستىك باھا بېرەلمەيمەن. ئۆزبېكىستان ئىلگىرى ھەم تاجىكىستان، ھەم قىرغىزىستان تېررىتورىيىسىدىكى گىدرو تېخنىكىلىق قۇرۇلۇشلارغا قانچىلىك قارشى بولغان بولسا، ھازىرمۇ شۇنداقلا قارشى تۇرىدۇ.» ر. ئىزىموف ئۆزبېكىستاننىڭ مۇشۇ كۈندە روگۇن گىدرو ئېلېكتر ئىستانسىسىنىڭ سېلىنىشىغا ئاكتىپ ھالدا قارشى چىقمايۋاتقانلىقىنى ئۇنىڭ مۇشۇنداق تاكتىكا ئارقىلىق خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئىگە بولۇشقا ئىنتىلىۋاتقانلىقى بىلەن چۈشەندۈرىدۇ. ر. ئىزىموف ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سۇ مەسىلىسىنىڭ يېقىن ئارىدا ھەل بولمايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەل-فارابى نامىدىكى قازاق مىللىي ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى شېرىپجان نادىروفنىڭ پىكرىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىنىڭ پات يېقىندا بۇ مەسىلىدە بىرلىككە كېلىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن شۇنداقتىمۇ ئۇلار بۇنىڭغا تىرىشىۋاتماقتا. بولۇپمۇ ئۆزبېكىستان يېزا ئىگىلىكى، ئاساسەن پاختا ئۆستۈرۈش ئېتىزلىقلىرىنى قىسقارتىش ئارقىلىق پايدىلىنىدىغان سۇنىڭ كۆلىمىنى ئازايتىش ئاماللىرىنى قىلماقتا. ش. نادىروف سۇ مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش سەۋەبىنى كۆرسىتىپ، مۇنداق دېدى: «ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سۇ مەسىلىسى، بىرىنچىدىن، بۇ ئىقتىساد مەسىلىسى. قازاقىستاننىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىدە ئۇلار قازاقىستان سودىسىنىڭ بارى-يوقى ئىككى يېرىم پىرسەنتىنى ئىگىلەيدۇ. بۇ قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلغاندا سىياسىي تەرەپلەرگە قارىماستىن، بەلكى ئىقتىسادىي مۇمكىنچىلىك رېتىدە قاراش كېرەك.»

ش. نادىروف ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ بىردەك ئەمەسلىكىنى، رۇسىيە، خىتاي ئوخشاش مەملىكەتلەرنىڭمۇ بۇ رايوندىكى تەسىرىنىڭ چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشتا خەلقئارا تەشكىلاتلار چوڭ رول ئوينىشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسەتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/muhit-salametlik/merkizi-asiya-su-mesilisi-06112017191209.html

Share
1239 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.