logo

trugen jacn

مۇھەممەد يۈسۈپ: ئۈمىدىمىزنى ئاللاھقا باغلايلى

مۇھەممەد يۈسۈپ

 

ھازىر بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كېلىشمەسلىكلەر، قىيىنچىلىقلار ۋە دەرت_ ئەلەملەر بىزنىڭ ئەقىدىمىزدە، ئەمەلىيىتىمىزدە ۋە ئەخلاقىمىزغا پۈتۈنلەي ئاللاھقا قايتىشىمىز ئۈچۈن ھازىرلانغان بىر پۇرسەت بولۇشى مۇمكىن ياكى بىزنى يولغا كىرگۈزۈش كۆزدە تۇتۇلغان ئىلاھىي جازا بولۇشىمۇ مۇمكىن. نېمىلا بولمىسۇن بىزنىڭ ھازىرقى شارائىتىمىز ۋە ئەھۋالىمىز ياردەمنىڭ پەقەت ئاللاھتىنلا كېلىدىغانلىقىنى ئۆزىمىزگە ئۇقتۇرۇۋاتماقتا. بىز ئىشەنچ قىلغان ئىسلام دۇنياسى ۋە بىز ئۈمىدىمىزنى باغلىغان قېرىنداش مىللەت بىزگە دولىسىنى چۆرۈش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان مۇشۇ پەيتتە بىزنىڭ مەدەتكارىمىز، بىزنىڭ ئىگىمىز ئاللاھ ئىكەنلىكىنى كۆڭلىمىزدە تېخىمۇ روشەن ئايدىڭلاشتۇرۇۋاتىمىز، بىزنى ھازىرقى كىرىزىستىن ۋە بارلىق دەرت_ ئەلەملىرىمىزدىن قۇتقۇزغۇچى زات_ پەقەتلا ئاللاھ تائالا ئىكەنلىكىگە بولغان ئىمانىمىز تېخىمۇ كۈچەيمەكتە.
بىز باشقىلارنىڭ بىزنىڭ ھالىمىزغا يېتىشىنى، بىزگە ئىچ ئاغرىتىشىنى، ھېسداشلىق قىلىشىنى ۋە ئەھۋالىمىزغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى تەلەپ قىلىشتىن بۇرۇن بىر_ بىرىمىزگە ئىچ ئاغرىتىشىمىز، بىر_ بىرىمىزگە رەھىم قىلىشىمىز لازىم. «ئىشەك ئۆلسە قوڭى غەجەك تارتىپتۇ» دېگەندەك، بىچارە خەلقىمىز ئۈمىدىنى بىزگە باغلاپ تۇرۇۋاتسا، بىز ھېچ ئىش بولمىغاندەك ھاياتنىڭ پەيزىنى سۈرىۋاتىمىز. بىر_ بىرىمىزنى يۆلەش ئۇياقتا تۇرسۇن، بىر_ بىرىمىزنى قاقتى_ سوقتى قىلىۋاتىمىز. ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي زۇلۇمنى بىز بىر_ بىرىمىزگە قىلىۋاتىمىز. ئىنستانبۇلدا بەزى ئۇيغۇرلارنىڭ دەۋا ئىشلىرىغا ئارىلىشىپ قالدىم ۋە كۆپ ئەپسۇسلاندىم. بىز ئۆزىمىزدە بولمىغان رەھىم_ شەپقەتنى قانداقمۇ باشقىلاردىن كۈتىمىز؟ بىز ئۆزىمىز بىر_ بىرىمىزنى يۆلىمەي تۇرۇپ قانداقمۇ باشقىلاردىن بىزنى يۆلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز؟
شۇڭا بىز ھېچكىمدىن ئاغرىنمايمىز، ھېچكىمدىن خاپا بولمايمىز، چۈنكى بىزنىڭ مۇنداق قىلىش ھەققىمىز يوق. بىز پەقەتلا ئۆزىمىزنىڭ ئاللاھنىڭ ياردىمىگە ۋە نۇسرىتىگە لايىق بىر مۇسۇلمان خەلق بولالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن ئېچىنىشىمىز ۋە ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشقا تىرىشىشىمىز لازىم. چۈنكى بىز ئاللاھ تائالا تەبىئەتتە بېكىتىۋەتكەن ئىلاھىي قانۇنىيەت بىلەن ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە كۆرسىتىپ بەرگەن شەرىئەت قانۇنىغا تولۇق ئەمەل قىلىدىغان، ئەخلاقىمىز قۇرئاننىڭ ئەخلاقى بىلەن زىننەتلەنگەن، بارلىق يۈرۈش_ تۇرۇشىمىز ئاللاھ تائالا تەلەپ قىلغان شەكىلدە بولغاندىلا ئاندىن بىز ئاللاھ تائالانىڭ قوللىشىغا ۋە نۇسرىتىگە لايىق بولىمىز، شۇ چاغدا ئاللاھ تائالانىڭ ياردىمى بىزگە ھەر خىل يوللار ئارقىلىق تۈرلۈك تەرەپلەردىن كېلىشكە باشلايدۇ.
ئىلاھىي قانۇنىيەت دېگىنىمىز: ئىشلەش، تىرىشىش، سەۋەب قىلىش قاتارلىقلارنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ تائالا بۇ قانۇنىيەتنى بايان قىلىپ نەجم سۈرىسىدە « ئىنسان پەقەت ئۆزى ئىشلىگەن ئىشىنىڭلار نەتىجىسىنى كۆرىدۇ» دەپ كۆرسەتكەن. بىز ئۇيغۇرلاردىمۇ « ئىشلىگەن چىشلەيدۇ» دەيدىغان ھېكمەت بار. بۇ دۇنيا ئىشلىگەننىڭ بولىدۇ. «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ ياتقانلار ياتقان يېرىدە قېلىۋېرىدۇ، ئۇلارغا ھېچكىم ئىچ ئاغرىتمايدۇ، ئۇلار ئۆلسە، تۈگىشىپ كەتسە، ئۇلارغا ھېچكىم يىغلىمايدۇ. مانا بۇ، دۇنيانىڭ قانۇنىيىتىدۇر.
شەرىئەت قانۇنى دېگىنىمىز: ئاللاھ تائالانىڭ بىزدىن «قىل»، «قىلما» دېگەن .ئەمر_ پەرمانلىرى ئارقىلىق بىزدىن تەلەپ قىلغانلىرىدۇر. شەرىئەت قانۇنى دېگەن پەقەتلا كىشىلەرنىڭ دەۋالىرىنى سوراش، ئۇلارنىڭ ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش قانۇنى ئەمەس، بەلكى شەرىئەت ھايات قانۇنىدۇر. ئەخلاقىمىزنى، ئىبادەتلىرىمىزنى، ئەمەلىمىزنى ۋە بارلىق ھاياتىمىزنى ئاللاھ تائالا سىزىپ بەرگەن چەك_ چېگرا ئىچىدە ئېلىپ بېرىش دېگەنلىكتۇر. ئەگەر بىز ھەممە ئىشىمىزدا ئاللاھ تائالانىڭ رازىلىقىنى كۆزلەپ، ئاللاھ تائالا بۇيرۇغان بويىچە توغرا، دۇرۇس ئىش قىلساق، بىزنىڭ ھاياتىمىز پۈتۈنلەي ئىبادەت ئىچىدە بولغان بولىدۇ. ئاللاھ تائالانىڭ «مەن جىنلارنى ۋە ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلسۇن دەپ ياراتتىم» دېگەن مۇبارەك سۆزى بۇنى ئىپادىلەيدۇ. بۇ ئايەتتىكى ئىبادەت ئاللاھ تائالا تەلەپ قىلغان بويىچە ھايات كەچۈرۈش دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. چۈنكى ئىبادەت بىز بىلىدىغان ناماز، زاكات، روزا ۋە ھەج قاتارلىق چەكلىك ئىبادەتلەردىن ئەلۋەتتە كۆپتۇر.
بىز يۇقىرىقى ئىككى قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغان بولساق، چوقۇم غەلىبىگە ئېرىشىمىز، ھەرگىزمۇ بۈگۈنكىدەك خارلىنىپ قالمايمىز. بۇ بىر ئەمەلىي سىناقتۇر. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھاياتى بىزگە ئەڭ ياخشى ئۈلگىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ئىككى قانۇنغا تولۇق ئەمەل قىلغان يەنى ئاللاھقا تايىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا سەۋەب قىلىشنى قولدىن بەرمىگەن. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام كېلىشتىن ئىلگىرى ئەرەبلەر ئەخلاق جەھەتتە ئەڭ چىرىكلەشكەن، ئىقتىسادىي جەھەتتە ئەڭ نامرات، ئىجتىمائىي جەھەتتە ئەڭ چېچىلاڭغۇ، ھەممە جەھەتتىن بۇزۇلغان بىر مىللەت ئىدى. بەلكى بىزنىڭ ھازىرقى بىچارە ھالىتىمىزگە ئوخشاپ قالغان بولۇپ، ئۇلارنى ھېچكىم كۆزگە ئىلمايتتى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالادىن كەلگەن ۋەھيىنىڭ سايىسىدا ئۇلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش ئارقىلىق ئۇلار دىيانەتتە، پىداكارلىقتا، ئەخلاق_ پەزىلەتتە ۋە بارچە ياخشى ئىشتا دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ئۇستازىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي، ئەخلاقىي ئەھۋالى پۈتۈنلەي ئۆزگەردى.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن ۋە ئەرەبلەرنى، جۈملىدىن دۇنيانى ئۆزگەرتىۋەتكەن شۇ ۋەھيى ھازىرمۇ بىزنىڭ قولىمىزدا بار. ئۇ بولسىمۇ، قۇرئاندۇر. بۇنىڭدىن كېيىن دۇنيانى ۋە ئىنسانلارنى ئۆزگەرتىكىلى، ئېزىلگەنلەرنى ئازاتلىققا چىقارغىلى پەيغەمبەر كەلمەيدۇ، پەقەت شۇ ئاخىرقى پەيغەمبەرگە چۈشكەن ئۇلۇغ ساماۋى كىتاب _ قۇرئان كەرىم بىلەن سۈننەت ئالەمنى ۋە ئىنسانلارنى ئۆزگەرتىدۇ. قۇرئان ۋە سۈننەت ئارقىلىق خارلىقتىن ئەزىزلىككە، مۇستەملىكىدىن ئەركىنلىككە، نامراتلىقتىن بايلىققا، ئاجىزلىقتىن كۈچلۈكلۈككە ئۆزگىرىش ئىنسانلارنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىشتۇر. خۇددى كېسەلدىن ساقىيىشنىڭ چارىسى بىمارنىڭ دوختۇر يېزىپ بەرگەن رېتسىپ بويىچە ئىش كۆرۈش بولغاندەك، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ قەد كۆتۈرۈشىمىزمۇ قۇرئان ۋە سۈننەتكە ئەمەل قىلىشىمىزغا باغلىقتۇر.
بىز ئاللاھ تائالاغا ئىمان كەلتۈرگەن مۇئمىن بولغانلىمىز ئۈچۈن تولىمۇ بەختلىك ئىنسانلارمىز. چۈنكى بىزنىڭ ئىمانىمىز ھەقىقىي چىن ئىمان بولۇپ، ئەمەلىيىتىمىز قۇرئان ۋە سۈننەتكە مۇۋاپىق بولىدىغان بولسا، بىز ھەرقانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيمىز. ئەمما مۇئمىن ئادەمنىڭ ھاياتى بىغەم ھايات ئەمەس، بەلكى دەۋا، كۈرەش، تىرىشىش ۋە توختىماستىن ئىشلەش ھاياتىدۇر. جانابى ئاللاھ تائالا بىزنى ئۆزىنىڭ ياردىمىگە لايىق مۇئمىنلەردىن قىلسۇن، ئامىن

http://turkistantimes.com/uy/news-1876.html

Share
2559 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.