logo

trugen jacn

سەكسەن ياشلىق بۇۋاي مۇھەممەت ئەمىن «تۈركىستاندا 60 يىل زۇلۇم كۆرۈپ» ئىسلام دۆلىتىگە قېتىلغان

image

ئىراق-شام ئىسلام دۆلىتىدىكى ئەڭ ياشانغان «جىھادچى» نىڭ بۇ يىل 80 ياشلىق ئۇيغۇر بوۋاي مۇھەممەت ئەمىن ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى. ئۇنىڭ بىر ئوغلى سۈرىيەدە ئۇرۇشۇپ ئۆلگەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ، «جىھادچىلار» قوشۇنىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغان.

ئىسلام دۆلىتى تەشۋىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 80 ياشلاردىكى خوتەنلىك بوۋاي ئوغلى، كېلىنى، قىزى ۋە 4 نەۋرىسىنى ئېلىپ نۇرغۇن مۇشەققەتلەر بىلەن سۈرىيەگە كېلىپ، ئىسلام دۆلىتىگە قاناشقان.

مۇھەممەت ئەمىننىڭ سىنئالغۇ سۆھبىتى جىھادچىلارنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ۋە خىتاينىڭ سىياسىتىگە قوزغىدى. سىنئالغۇدا، قولىدا كالاشنىكوف كۆتۈرۈۋالغان مۇھەممەت ئەمىن بوۋاي، «مەن تۈركىستاندا 60 يىل خىتاينىڭ قولىدا زۇلۇمغا ئۇچۇردۇم. مەن ئوغلۇمنىڭ مۇجاھىدلار بىلەن بىللە جەڭ قىلىپ ئۆلگەنلىك سىنئالغۇسىنى كۆرۈپ، ھىجرەت قىلىشنى قارار قىلدىم» دەيدۇ.

مۇھەممەت ئەمىن ئۇرۇشقا قاتناشتۇرۇلمىغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ ھەربىي مەشىقنى تاماملاپ، بىر كالاشنىكوف مۇكاپات ئالغان. ئامېرىكا باشلىق ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ئىسلام دۆلىتىنى زور تېررورلۇق تەھدىت، دەپ قاراۋاتقان مەزگىلدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىسلام دۆلىتىگە قاتنىشىشى غەربتىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ سەزگۈرلۈكىنى قوزغاپ كەلگەن ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق قانۇنلۇق پائالىيەتلىرىنى چەكلىگەچكە ئامالسىز قالغان ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل چىقىش يوللىرىنى ئىزدەشكە مەجبۇرلىماقتىكەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/islam-doliti-06052015165921.html

Share
3129 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.