logo

trugen jacn

مۇھەممەتجان راشىدىن: دۇسلارغا

plain-blue-background-wallpaper-3

مۇھەممەتجان راشىدىن
يامان كۈنلەر مەن بىلەن كەتكەي
ياخشى كۈنلەر سەن بىلەن بولسۇن
مەنلا تارتاي تىكەن دەردىنى
قېزىلگۈللەر سەن بىلەن بولسۇن

چوققىلارنى ساڭا ئۆتۈندۈم
ماڭا قالسۇن ساينىڭ تاپىنى
تەقدىر ساڭا تاۋار تون ياپسۇن
ماڭا قالسۇن ئەسكى چاپىنى

ماڭا قىيا باقمىغان ھۆرلەر
بېرىپ سېنىڭ چېيىڭنى قۇيسۇن
كىبىرلىكتە ماڭا غادايغان
بېرىپ سېنىڭ كىرىڭنى يۇسۇن

مەن ياسىغان كۆۋرۈكتىن ئۆتسەڭ
مېنىڭ ئۈچۈن ياساپتۇ، دەپ ئۆت
سەپەرلەردە ئۇلاغسىز قالساڭ
ھاپاشلاشقا يەنە مېنى كۈت

ئاي چىللىسا،مەن قالاي،سەن چىق
ئايدا دوستۇم بار،دەپ يۈرىمەن
پەخىرلەنسە مۈلكىدىن ئەللەر
مەن سېنىڭدىن ھوزۇر سۈرىمەن

مەن تۇرغاندا غەم قىلىپ يۈرمە
قاردا قالغان خامانلىرىڭدىن
غەلۋىر تۇتۇپ ئۆزۈم ئايرىيمەن
چەشلىرىڭنى سامانلىرىڭدىن.

دورىمايمەن «ئاغزى دوست»لارنى
ئاغرىپ قالساڭ قەلبىم يىغلايدۇ
ئىككى قولۇم تاپقانلىرىنى
سەندىن ئاياپ دۇنيا يىغمايدۇ

بىرنان تاپسام،يېرىمى سېنىڭ
تەڭ ئۆلىمىز ئاچلىقتىن ئۆلسەك
يالغۇز كۈلگەن ياخشىلىق ئەمەس
تەڭ كۈلىمىز توقلۇقتىن كۈلسەك

يامان كۈنلەر مەن بىلەن كەتكەي
ياخشى كۈنلەر سەن بىلەن بولسۇن
مەنلا تارتاي تىكەن دەردىنى
قىزىل گۈللەر سەن بىلەن بولسۇ

 

http://bbs.xjzjxh.com/forum.php?mod=viewthread&tid=1412&extra=page%3D1

يالغان

ھەزەر ئەيلەڭ بىۋاپالاردىن.
سىزگە كۆڭۇل بەرگىنى يالغان.
باغلىرىغا سىزنى كېلۇر دەپ ،
قىزىل گۇللەر تەرگىنى يالغان.

ئالدىڭىزدا ئالدايدۇ ‹‹ئۆز›› دەپ ،
‹‹ئالەمدە سەن تەنھا بىر توز!›› دەپ.
سىزنى شۇڭا، ئاتايىن ئىزلەپ،
يىراقلاردىن كەلگىنى يالغان

شەيتاننىڭ كەسپى ئىنساننى ئالداش،
كۆزلىرىدىن تۆكۇپ يالغان ياش.
ئۇلاردا يوق ئاشىقنى ئاياش،
سىز ئۇچۇن كۇلاھ كىيگەنى يالغان.

بىۋاپادا ۋەدىلەر تولا،
دۇتتارىدا پەدىلەر تولا.
يالغان كۈلكە تەنىلەر تولا،
سىزگە قۇچاق كەرگىنى يالغان.

http://baxagim.com/index.php?m=content&c=index&a=show&catid=19&id=194

 

plain-blue-background-wallpaper-3-7-768x440

Share
2724 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.