logo

trugen jacn

مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ قىزى فاتىمە بۇغرا 91 يېشىدا تۈركىيەدە ۋاپات بولدى

20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەشھۇر ئىنقىلابچى، دىنىي ئالىم، سىياسىيون ۋە تارىخچى مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ قىزى فاتىمە بۇغرا خانىم 30-ئاۋغۇست كۈنى تۈركىيەنىڭ ئىزمىر شەھىرىدىكى قارابۇرۇن دېگەن ساياھەت ئورنىدا 91 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى.

بىز مەرھۇم فاتىمە بۇغرا خانىم ۋە ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ئەپەندىنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق رەئىسى ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ۋە فاتىمە بۇغرا خانىمنىڭ ئانا تەرەپ تۇغقانلىرىدىن ھازىر ئىستانبۇلدا ياشاۋاتقان ئېلى ئەلىئوغلۇ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ فاتىمە خانىم بىلەن ئۈرۈمچىدىكى يىللاردىلا تونۇشىدىغانلىقىنى، 1949-يىلى ۋەتەندىن ھىندىستانغا بىرلىكتە ھىجرەت قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ۋاپاتىنى ئاڭلاپ كۆڭلىنىڭ بەكمۇ يېرىم بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

فاتىمە بۇغرا خانىمنىڭ ئانا تەرەپتىن تۇغقانلىرىدىن ھازىر ئىستانبۇلدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان ئېلى ئەلىئوغلۇ ئەپەندى فاتىمە خانىمنىڭ 1927-يىلى تۇغۇلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھاياتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئازادلىق كۈرەشلىرى ئىچىدە ئۆتكەن بىر ھايات ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى مەرھۇم مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ۋە قىزى فاتىمە خانىملارنىڭ تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن ئائىلىسى بىلەن بىللە تۇرغانلىقىنى، 1954-يىلى مۇھەممەتئىمىن بۇغرا ئائىلىسى ئىستانبۇلدىن ئەنقەرەگە كۆچۈپ كەتكەندىن كېيىنمۇ ئىككى ئائىلىنىڭ داۋاملىق ئىزدىشىپ ئۆتكەنلىكىنى بايان قىلدى.

مەرھۇم ئىنقىلابچى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردىكى سىياسىي رەھبەرلىرىدىن بىرى بولغان مەرھۇم مۇھەممەتئىمىن بۇغرا 1949-يىلىنىڭ ئاخىرى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر دىيارىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھىندىستانغا ھىجرەت قىلىپ، كەشمىردە بىر قانچە يىل تۇرغان. 1952-يىلى ئىستانبۇلغا كەلگەن. 1954-يىلى بۇغرا ئائىلىسى ئەنقەرەگە كېلىپ ئولتۇراقلاشقان. ئۇلار ئەنقەرەگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئايالى ئامىنە خانىم ئالەمدىن ئۆتكەن. شۇ يىللاردا فاتىمە بۇغرا خانىم بىلەن يولدىشى يۇنۇس بۇغرا ئەپەندى دادىسى مۇھەممەتئىمىن بۇغراغا ياردەملىشىپ تەرجىمانلىق ۋە خەت-چەك يېزىش ئىشلىرىنى ئۈستىگە ئالغان. شۇنداقلا تۇرمۇش ئىشلىرىغا يېقىندىن ياردەمدە بولغان. بۇ ھەقتە ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى ئۆزى بىلىدىغان ئەھۋاللاردىن مەلۇمات بەردى.

قىممەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا بىر سىياسىيون، ئىنقىلابچى ۋە 1930-يىللاردا قولىغا قورال ئېلىپ ئىنقىلاب قىلغان غازى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە مەشھۇر تارىخچىدۇر. ئۇ ئافغانىستاندىكى ھىجرەت يىللىرىدا قولىغا قەلەم ئېلىپ ۋەتەن تارىخىنى يېزىپ چىقىشقا كىرىشكەن. ئۇ بۇ جەرياندا تۈركچە، ئەرەبچە، پارىسچە ۋە ئىنگلىزچە قاتارلىق تىللاردىكى 40 پارچىدەك مەنبە ئەسەردىن پايدىلىنىپ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى» ناملىق كاتتا ئەسىرىنى يېزىپ چىققان. فاتىمە بۇغرا خانىم كېيىنكى يىللاردا دادىسىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان تارىخى»، «ۋەتەن قايغۇسى» قاتارلىق كىتابلىرىنى نەشرگە تەييارلاشتا ۋە مۇھەممەتئىمىن بۇغرانىڭ ئارخىپلىرىنى رەتلەپ چىقىشقا زور رول ئوينىغان. فاتىمە بۇغرا خانىمنىڭ ئانا تەرەپ تۇغقانلىرىدىن بولغان ئېلى ئەلىئوغلۇ ئەپەندى بۇ توغرىلىق بەزى مەلۇماتلار بەردى.

مەرھۇم فاتىمە بۇغرا خانىم 1927-يىلى خوتەندە دۇنياغا كەلگەن. ئۇنىڭ قۇياش بۇغرا ۋە ئىپار بۇغرا ئىسىملىك ئىككى قىزى بار بولۇپ، قۇياش بۇغرا تۈركىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بوغازىچى ئۇنىۋېرسىتېتىدا بىئولوگىيە كەسپى بويىچە پروفېسسور بولۇپ خىزمەت قىلماقتا. كىچىك قىزى ئىپار بۇغرا ئۆتكەن يىلى 9-ئايدا راك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان ئىدى. بۈگۈن 91 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن فاتىمە بۇغرا خانىمنىڭ ۋاپاتى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، شەرقىي تۈركىستان ۋەخپى، شەرقىي تۈركىستان ياشلار تەشكىلاتى ۋە ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئارقا-ئارقىدىن تەزىيەنامە ئېلان قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا سەۋر تىلىدى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/fatime-bughra-wapat-boldi-08302018233420.html

Share
2192 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.