logo

trugen jacn

مۇھاجىرەتتە ياشىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى خاتا چۈشەنجە

 

ئابدىغېنى سابىت

 

 مۇھاجىرەتتە ياشىغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى خاتا چۈشەنجە

 

مەن ئون نەچچە دۆلەتكە بارغان ، مەن بارغان يەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ سانلىقى ئورتاق پىكىردە ئىكەن ، يەنى ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەتتىكى يەرلىك خەلىقنىڭ ۋە دۆلەتنىڭ ئەيىپىنى ، يامانلىقلىرىنى سۆزلەش ، تەشۋىق قىلىش ۋە خاتالىقىنى ئىزدەپ تېپىش ئىكەن

مەقسەتكە كەلسەك ؛ بىزنىڭ خەلىقىمىزگە بۇ خىزمەتنى كىم بەرگەن ؟ كىم بۇ يەرگە تەكلىپ قىلىپ يەرلىك خەلىقنىڭ ئەيىپ – نۇقسانلىرىنى ساناپ چىقىشنى ئەيىپلەشنى كىم بۇيرىغان ؟ كىم بىزنى بۇ خىزمەتكە سالدى ؟ خىتتايمۇ ياكى بىز تۇرىۋاتقان دۆلەتتىكى خەلىقمۇ ياكى ھاكىمىيەتمۇ ؟ زادى نىمە ؟ ئىنساپ بىلەن ئويلىنايلى ! بىر قارىساق بۇ قېرىنداشلىرىمىز دىندار كۆرۈنىدۇ ، دىندارلىقىمۇ راست ، يەنە بىر قارىساق بۇزغۇنچى مۇناپىق كۆرۈنىدۇ ، لىكىن بۇنىڭغا ئەگىشىپ بىزلەرگە ئەگىشىپ تونۇشلۇق بولغان ساغلام كىشىلىرىمىزنىڭمۇ تىللايدىغانلىقىنى كۆرىمىز ، يۇقىرىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك بۇنىڭ ئىچىدە ئوقۇغۇچى زىيالى ۋە دىنىي ئوقۇغۇچىلارمۇ بار

ئەمدى بىز ئۆزىمىزگە بىر قارىۋەتسەك : بىز نۇقسانسىز ، ئەيىپسىز خاتالىقتىن خالىي ، يۇقىرى مەلۇماتلىق ساپالىق ۋە دىندا 20~30 يىل ئوقۇپ ئالىم بولۇپ كەتكەن ، دوكتور ، ماگىستىر باكلاۋۇرلارمۇ ياكى پەرىشتە سۈپەت ئىنسانلارمۇ ؟ بىز ئاجىزلىقتىن موھتاجلىقتىن خالىي باي باياشات كىشىلەرمۇ ؟ بىزنىڭ ھالىمىز قانداق ؟

ئەمدى ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ئەڭ كۆپ توپلاشقان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىگە كىلىپ ئولتۇراقلىشىپ ياشاۋاتقان ۋە پائالىيەت قىلىۋاتقان خەلىقىمىزدە تىللاش ھاقارەتلەش ، مەيلى ئۆز ئارا قېرىنداش ئۇيغۇرلار بولسۇن ، مەيلى يەرلىك خەلىقلەر بولسۇن ، مەيلى دۆلەت ئەربابلىرى بولسۇن بەرىبىر ھەممىنى تىللىيالايدىغان ، باھادىر ، چاقىرىلمىغان سوتچى تەپتىشلەرنى كۆرىۋاتىمىز ، بۇ خىزمەتكە سىلەرنى كىم قويدى ؟ ئۆزىمىزگە قارايدىغان بولساق بىزدە مۇھتاجلىق بىچچارىلىك ، ئاجىزلىق ، بىلىمسىزلىك قالاقلىق ، نادانلىق ، ھەسەتخور مۇناپىقلىقنىڭ سۈپەتلىرى ۋە ئەخلاقسىزلىق ھەممىسى تېپىلىدىكەن ، ئۆزىمىزنى ئىنساپ بىلەن تەكشۈرەيلى قېرىنداشلار

بىز بۇ يەرگە نىمە ئۈچۈن كەلدۇق ؟ نىمىشقا كەلدۇق … ھاياتىمىزغا ھەر ۋاقىت ئېغىر خەۋىپ بار ! دۇنيادا ئوخشىشى يوق خورلۇق بار ! ھەر ۋاقىت كەمسىتىلىش ھاقارەتلىنىش بار ! يەرشارىدا كۆرۈلمىگەن مىللىي يوقۇتۇش بار ! سىياسىي جەھەتتىن قول قىلىش بار ! يەنى بىر پۈتۈن زۇلمەت ئىچىدە قالدۇق ! دىمەك بىز بۇ يەرگە قۇتۇلۇش يولىنى ئىزدەش ، ئىتتىپاقلىشىپ بىر كۈچ بولۇپ تەشكىللىنىش ئۈچۈن مۇھاجىر بولۇپ كەلدۇق . ئەمدى بىز ئىنسانىيەتنىڭ يول باشچىسى ، ئوقۇتقۇچى ئۇستازى ، زۇلمەت زالالەتتىن قۇتقازغۇچى ، ئادالەتلىك ھاياتقا ئېرىشتۈرگۈچى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام نىڭ مەدىنىگە كىرىشى بىلەن قىلغان تۇنجى چاقىرىقى : “ ئى خالايىق ئىتتىپاقلىشايلى ، بىرلىشەيلى ، ئۆز ئارا يېقىندىن بولايلى ۋە دوسلۇق ھەمكارلىق ئورنىتايلى “ ! بۇ كۈندە نىمىشقا ئى مۆئمىنلەر مۇسۇلمانلار دەپ چاقىرىق قىلمايدۇ ، ئويلىننڭلار قېرىنداشلار ! بۇ شەھەردە يەھۇدىي خىرىستىيان ، مۇشرىك مۇناپىق ھەممىسى بار ئىدى ، رەسۇلۇللاھ مۇشۇنداق مۇرەككەپ بىر جەمىيەتتە تەشكىلىي بىر ئىنتىزام قۇردى ، ئىتتىپاقلىق ۋە دوسلۇق ئورناتتى . بىزنىڭ خەلىقىمىزنىڭ بۇ يەرگە كىلىپ ، بۇ ئەركىنلىكتىن پايدىلىنىپ ۋەتەندىكى ئۈممەتنىڭ غېمىنى قىلماي بۇ يەردە چاقىرىلمىغان سوتچى ئادۇۋكات بولىۋىلىشى بۇ قۇتۇلۇشنىڭ يولى ئەمەس ، بەلكى خورلۇقنىڭ ئۈستىگە خورلۇق يۈكلەش

ئىتتىپاقسىزلىق دۈشمەنلىك پىكىرى : بۇنىڭ ئارقىسىدا كىمنىڭ قولى بار بۇنى بىلمەستىن ئەگەشتى ، مۇناپىق ساختا يالغان موللىلارمۇ ۋە زىيالىلارمۇ بار ۋە ئەگەشكۈچى ئوت يۈرەك ساپ دىللىق سىياسەتتىن ئۇقۇمى يوق ، دىنى ساپا تېخى يوق ، يا بىر سىستىمىلىق تەلىم تەربىيە ئالمىغان قېرىنداشلىرىمىز ئەگىشىپ ئەۋجىگە چىقىپتۇ بۇ پىتنە پاسات بازىرى خىتتاي بەرگەن يۇقۇملۇق زەھەردە يۇقۇملاندى . شۇڭا تەۋسىيە قىلماقچى بولغىنىم ئۆتۈنۈشۈم ، بىز بىر بىرىمىزگە يول قويىدىغان كەڭ قورساق يىراققا قارايدىغان دوسلۇققا قېرىنداشلىققا رىئايە قىلىدىغان ئىنساپلىق كىشىلەردىن بولايلى ! دىمەك بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز خىتتاينىڭ سىياسىي سۈيقەستىنى بىلگىدەك ئەھۋالدا ئەمەس ، شۇڭا بۇرادەرلىرىمىزگە قاتتىق سۆز ئىبارىلەرنى ئىشلەتمەي تەربىيە قىلايلى ، ئاللاھ خالىسا ئۈنۈم بىرىدۇ ، بىز غەلبە قىلىمىز ، چۈنكى بىز بىر پۈتۈن ئىسلام مىللىتى ، بىر دىنلىق بىر مەدەنىيەتلىك مىللەت ، بىر تىل بىر ۋەتەن ؛ دىمەك مەقسەت بىر نىيەت بىر ، دۈشمەن بىر . بىز چوقۇم پات پۇرسەتتە بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلىنىشىمىز . ئۇيغۇرنىڭ مىللەتنىڭ خىزمىتىنى قىلىمەن دىگىنى سىزنىڭ ئۇقۇمىڭىزدىكى مىللەتچىلىك ئەمەس ، چۈنكى بىز ئەرەپ دىيارىدىكى يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى ئۇيغۇر جۇغراپىيەسىگە مىسال قىلساق يېڭىلىمىز

ساتقىن ، مۇناپىق موللىلار ئەگەشكۈچى تەلۋە موللىلار ھىجرىيەت پەرىز ، ئۇ تاغۇت بۇ تاغۇت دىگەندەك ، جىھاد روھى يوق دىگەندەك يۇقىرى پىكىرلەر بىلەن بىر قىسىم ئوت يۈرەك ساپ ئىمانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى يۇقۇملاندۇرغان كاتتىۋاشلار ھازىرمۇ ۋەتەن ئىچىدە خاتىرجەم يۈرىۋاتىدۇ ، يەنى چەتئەلدە ئالاھىدە يەم بىرىلگەن ساتقىنلارنىڭ بولۇشى تەبىي ئەھۋال . ئۈرۈمچىدە مىسىردا ئوقۇپ كەلگەن ئابدۇسەمەت داموللام ھىجرەت پىكرىدە بولغان قېرىنداشلىرىمىزنى توسقان ئىدى (2015-يىلى ) بۇ كىشى خىتتاي تۈرمىسىدە ئېغىر تاياق ھاقارەت زەربە يىگەن ، نىمە ئۈچۈن توسىسەن ؟ مەقسىتىڭ نىمىتى دەپ ، بۇ بىر مىسال . – ھاي ئىشىڭ بار كۈتۈپ تۇر ،سەبىر قىل دىگەن ئۇستازلارنىڭ بىرىنجىسى ئابلىمىت داموللام ئىدى ، خىتتاي تۈرمىدە شىھىت قىلدى . ئەمدى ئىبرەت ئالايلى ئوت يۈرەك قېرىنداشلار ، مۇھەممەد سالىھ داموللام ، ئابدۇسەمەت داموللام … قاتارلىق ئۇستازلارنى خىتتاينىڭ يەنە نىمە قىلشىنى ھىچكىم بىلمەيدۇ ، ئاللاھ بىلگۈچى ئاللاھ ساقلىسۇن

بىز ئەمدى نىمە ئىش قىلىمىز ؟ نىمىش قىلالايمىز دىگەننى ئويلىنايلى قېرىنداشلىرىم ساپ قەلىپ ئىگىلىرى ئوت يۈرەك قېرىنداشلار ئەمدى ئالدانمايلى . چۈنكى شەيتانمۇ ساھابىگە قۇرئان ئوقۇپ بىرىپ قۇتۇلغان ئىكەن ، پەيغەمبىرىمىز شەيتان ئۆمۈرىدە بىرقېتىم راست سۆزلەپتۇ دەپىكەن ، لىكىن ساھابىلەر ئارقىدىن كەتمەپتىكەن
ياش ئوت يۈرەك مۇجاھىد سۈپەت قېرىنداشلىرىمىز مۇسۇلماندىن تاغۇت ئىزدەپ يۈرىيدۇ ، دۈشمىنى ئاز كىلىپ قالغانمۇ ؟ بۇ نىمە ئىش ؟؟ يەنە بەزىلەر بەزىلەرنى خىرىستىياننىڭ قۇچىقىغا چىقىۋالدى دەپ تىللىسا ، بەزى ئىش بېشىدىكى چوڭلىرىمىز ساقاللىقلار ئۇنداق بۇنداق دىسە ، بەزىلەر سۈكۈتتە تۇرغانلارنى ئەيىپلىسە ، مەن نىمىش قىلاي دەپ، كىمنى تىللاي ؟ ئىسلامدا ھاقارەتلەپ دەۋەت قىلىش ، تىللاش يوق بولسا كىرەك – يا مەن بىلمىدىممۇ ؟ تىللاپ رەقىپنى يەڭگىلى بولماس

قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئاللاھتىن قورقۇشۇنى ئۆتۈنىمەن ، ئەمدى ئېغىزىمىزنى گۈزەل سۆزلەر بىلەن بىزەيلى ، سەت قوپال ، كۆڭۈل ئاغىرتىدىغان سۆز ئىبارىلەر چىقمىسۇن . چۈنكى ئىسلامدا ئارقىدىن تىللاپ يۈرۈش ئىبادەت دىگەن ئىبارە يوق ، ھەم بىزگە تىللاش خاپىلىق ئېلىپ كىلىدۇكى ئامەت ئېلىپ كەلمەيدۇ . يەنە قايتا تەكىتلەيمەن قېرىنداشلار ، بىزنى ھىچكىم سوتچى ئادۇۋكاتلىققا تەكلىپ قىلغىنى يوق

بىرى دىدى مۇستاپا كامال كىم دەپ
بىرى دىدى ئەردوغان كىم دەپ
بىرى دىدى ئابدۇقادىر ياپچان كىم دەپ
بىرى دىدى ئىراق سۈرىيە قانداق دەپ

مەن دىدىم مەن كىم ؟ بىز كىم ؟ ھالىمىز نىچۈك ؟ مەن نەدە ؟ بىز نەدە ؟

 

مەنبە: فاسبۇك

Share
28497 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.