logo

trugen jacn

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئىلھام توختى دېلوسى ھەققىدىكى مەخسۇس سۆھبىتىگە رەددىيە بەردى -2

image

قۇتلان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

انالىزچىلار شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ ئىلھام توختى دېلوسى ھەققىدىكى مەخسۇس تېلېۋىزىيە سۆھبىتىنىڭ مەقسەتلىك ھالدا ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە

ئىلھام توختى ئۈرۈمچىدە سوتلىنىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25-سېنتەبىردىكى «بۈگۈنكى سۆھبەت» پروگراممىسىدا بۇ ھەقتە مەخسۇس تېلېۋىزىيە سۆھبىتى ئۇيۇشتۇرۇلغان

تېلېۋىزىيە سۆھبىتىگە شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ لېكتورى، جىنايى ئىشلار قانۇنشۇناسلىق پەنلىرى دوكتورى ئەركىن سامساق بىلەن شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قانۇن تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى فېردۇن پەتتار ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان

ئۇلار ئىككىسى تېلېۋىزىيە سۆھبىتى جەريانىدا خىتاي جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى مۇناسىۋەتلىك ماددىلاردىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئىلھام توختىنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» ئۆتكۈزگەنلىكى ۋە ئۇنىڭ دېلوسى ئۈستىدىن چىقىرىلغان سوت ھۆكۈمىنىڭ ئادىل بولغانلىقى ھەققىدە داۋراڭ سالغان

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ئىلشات ھەسەن ئەپەندى بىلەن ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندى بۇ ھەقتە رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيەسىنىڭ ئىلھام توختىنى ئەيىبلەش بويىچە ئۆتكۈزگەن سۆھبەت پروگراممىسىغا رەددىيە بەردى

ئىلشات ھەسەن ئەپەندى سۆزىدە ئىلھام توختىنىڭ سوتىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەدەبىيات-سەنتئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق سېكرېتارى ليۇ بىن ۋە مەزكۇر تېلېۋىزىيە سۆھبىتىنىڭ سۆزچىلىرىدىن ئەركىن سامساق بىلەن فېردۇن پەتتارلارنىڭ بايانلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ ئۆتتى

ئۇ ئىلھام توختىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىققا دائىر شۇنچە كۆپ ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان تۇرۇقلۇق تېلېۋىزىيىدە سۆزلىگۈچىلەرنىڭ بۇنىڭغا كۆز يۇمۇۋالغانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ ئىلھام توختىنىڭ ئىقتىسادشۇناسلىققا دائىر ئىلمىي ماقالىلىرىنىڭ «مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي ژۇرنىلى» دا، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى ھېسابلانغان «نۇر» گېزىتىدە ئېلان قىلىنغانلىقىنى تەكىتلىدى

ئادۋوكات نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ ئىلھام توختىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى سوتىنىڭ ئەمەلىيەتتە قانۇنغا ئەمەس، بەلكى سىياسەتكە تايىنىپ ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ ئەركىن سامساق بىلەن فېردۇن پەتتارنىڭ قانۇننى شىپى كەلتۈرۈپ سۆزلىگەن بايانلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئەڭ ئەقەللىي قانۇنىي ۋە ئىلمىي مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ دەپ كۆرسەتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/mulahize/ilham-toxti-10282014134102.html

Share
1369 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.