logo

trugen jacn

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار كەلپىندە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ تۇغقانلىرى نىشان قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

fb86397c-db2f-42b0-b1df-5782be82e50e

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

كەلپىندىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن 2015-يىلى ياز پەسلىدە كەلپىندە باشلانغان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» نامىدىكى تۇتقۇن ھەرىكىتىدە، دىنىي ئېتىقادى كۈچلۈك ئائىلىلەر ۋە چەتئەللەردە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بارلارنىڭ نىشان قىلىنغانلىقى ئاشكارىلاندى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ تەھدىت سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

كەلپىندىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، بۇلتۇر يازدا كەلپىندە ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇندا كەلپىندىكى بىر بازار، تۆت يېزىنىڭ ھەممىسىدىلا تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. كەلپىننىڭ يورچى يېزىسى، گەزلىك يېزىسى، ئاچال يېزىسى، چىلان يېزىسى، كەلپىن ناھىيە بازىرى قاتارلىقلاردا تۇتقۇن قىلىنغانلار نىسبەتەن كۆپ بولغان. بۇلتۇر يازدىكى تۇتقۇندا 25 ياشتىن تۆۋەن ياشلار تۇتقۇن نىشانى قىلىنغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا خىتايدا چەكلىنىدىغان فېيسبوك قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا چەتئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ۋە تونۇشلىرى يوللىغان دىنىي ئېتىقاد ئەقىدىلىرى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى خىتاي ئىچىدىكى ئۈندىدار قاتارلىق تاراتقۇلاردا يوللىغانلىقى، ھۆكۈمەت چەكلەيدىغان دىنىي تەبلىغ پائالىيەتلىرىگە قاتناشقانلىقى، دىنىي تۈستە كىيىنگەنلىكى قاتارلىقلار جىنايەت پاكىتلىرى قىلىنغان.

كەلپىننىڭ يورچى، گەزلىك، ئاچال يېزىلىرىدىكى ساقچىخانىلاردىكى نۆۋەتچى خادىملار بۇلتۇر ياز پەسلىدە ئېلىپ بېرىلغان «قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرگە زەربە بېرىش» نامىدىكى تۇتقۇن ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كەلپىننىڭ ئۆزىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللار ۋە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كەلپىندە تۇتقۇن قىلىنغانلار ئارىسىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ھەققىدە فىلىم ئىشلەش بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان ياش رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك، گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئەيسا ساۋۇت قارى قاتارلىق ئەسلى يۇرتى كەلپىن بولغان بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بارلىقى ئاشكارىلاندى.

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدىن رىژىسسور ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ۋە كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى شائىر تۇيغۇن ئابدۇۋەلى قاتارلىقلار زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى 2015-يىلى ياز پەسلىدە كەلپىندە ئېلىپ بارغان تۇتقۇن ئارقىلىق نۆۋەتتە چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە تەھدىت سېلىش ۋە ئۇلارنىڭ يۇرتتىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى قورقۇتۇشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇراخمان ئۆزتۈرك ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ تۇتۇلۇشى ۋە سوتلىنىشىغا ئەرزىمەس ئىشلار باھانە قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كەلپىندىكى تونۇشلاردىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن نەۋرە ئاكىسى مەمەت يۈسۈپ، نەۋرە ئىنىلىرى ياسىن مەمەت، ئېمەر ئابدۇراخمان، ئەخمەت ئابدۇراخمانلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا بۇ تۇغقانلىرىنىڭ ئۆزى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى قىلغانلىقى سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئابدۇراخمان ئەپەندى يەنە 2015 يىلى ياز پەسلىدە كەلپىندە ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇننى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى پىلانلىق ئېلىپ بارغان ھەرىكەت بولۇشى مۇمكىن دېگەن پەرىزىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، بۇلتۇر يازدا كەلپىندىكى ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە ساقچىلارنىڭ ئاۋۋال ئۆي-ئۆيلەرگە كىرىپ، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانماسلىق، دىنىي تەبلىق پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان ياشلارنىڭ ئۆزىنى ئاشكارىلاش تەشۋىقاتى ئېلىپ بارغانلىقى، شۇ ئائىلىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەھۋالى ۋە چەتئەللەردىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلەش پائالىيەتلىرىدە بولغانلىقى، ئاندىن تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىپ، سوراق قىلىش ۋاسىتىلىرىنى قوللانغانلىقى قاتارلىقلارنى بايان قىلدى.

كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى، شائىر تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندى دائىرىلەرنىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان ياش رېژىسسور ئابدۇراخمان ئۆزتۈركنىڭ تۆت نەپەر نەۋرە تۇغقىنى ۋە گوللاندىيەدىكى ئۇيغۇر مائارىپ-مەدەنىيەت ئۇيۇشمىسىنىڭ باشلىقى، ئۇيغۇر پائالىيەتچىسى ئەيسا ساۋۇت قارىنىڭ بىرقانچە نەپەر تۇغقىنىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى نەقىل ئېلىپ، دائىرىلەرنىڭ چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە زەربە بېرىشلا ئەمەس، بەلكى تېخىمۇ مۇھىمى كەلپىننىڭ ئۆزىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردا ۋەھىمە تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۇيغۇن ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى بىلدۈرۈپ، چەتئەلگە چىققاندىن بۇيان يۇرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان تېلېفون ئالاقىسىدە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇلتۇر ياز كەلپىندە يۈز بەرگەن تۇتقۇندىن كېيىن، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بەرمەسلىك ئۈچۈن، ئىلگىرىكى تونۇش-بىلىش، دوست، بۇرادەرلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى پۈتۈنلەي ئۈزگەنلىكىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر يازدىكى تۇتقۇندا دائىرىلەر ئۇزۇن يىل ھۆكۈمەتكە سادىقلىق بىلەن ئىشلىگەن ئۇيغۇر كادىرلىرىنىمۇ ئاياپ قويمىغان.كەلپىن ناھىيىلىك ھۆكۈمەت ۋە پارتكومنىڭ تەرجىمانلار بۆلۈمىنىڭ باشلىقى مۇھەممەتئىمىن باراتنىڭ ئۈرۈمچىدە ئوقۇيدىغان ئوغلى قانۇنسىز دىنىي ئەقىدىلەرنى تەشۋىق قىلغان، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغان دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلىپ، مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان، 55 ياشلىق مۇھەممەتئىمىن باراتقا جامائەت سورۇنلىرىدا دىنىي ئېتىقادنى ئاشكارا تەشۋىق قىلدى، ھۆكۈمەتنىڭ دىنىي سىياسىتىنى تەنقىدلىدى دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلىپ، مۇددەتلىك 15 يىللىق قاماق جازاسى، مۇھەممەتئىمىن باراتنىڭ ئايالى ئايشەمخانغا 7 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلگەن. كەلپىن ناھىيىلىك سۇ ئىدارىسى كادىرى مەمەتجان سالىمىنىڭ ئۈرۈمچى شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئوغلى، سۇ ئىدارىسى كادىرىنىڭ ئوغلى ئابدۇقادىر ئابدۇراخمان قاتارلىقلارمۇ قانۇنسىز دىنىي ئۇچۇرلارنى تارقاتتى دېگەن جىنايەتلەر ئارتىلىپ تۇتقۇن قىلىنغان. بۇلتۇر يازدىكى تۇتقۇندا يەنە ئاياللار ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىمۇ بار بولۇپ، بىر قىسىم ئاياللار دىنىي تۈستە كىيىنگەن دېگەن باھانىدە تۇتقۇن قىلىنغان بولسا، ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بىرقانچە نەپەر ئوقۇغۇچىسى چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ۋە قانۇنسىز دىنىي ئۇچۇرلارنى تارقاتقان دېگەن باھانىلەردە تۇتقۇن قىلىنغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/qanunsiz-paaliyet-02222016140542.html

Share
1199 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.