logo

trugen jacn
08 فېۋرال 2014

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاي دائىرىلىرىنى ئىلھام توختى قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرماقتا

ilhamخىتاي دائىرىلىرى 15-يانۋار كۈنى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلغاندىن بۇيان، ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قەيەرگە قامالغانلىقى ھەققىدە ھازىرغىچە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىدى.

3 ھەپتىدىن بۇيان، خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئىجتىمائىي ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى بايانات ۋە چاقىرىقلار ئېلان قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ نۆۋەتتە ئىمزا توپلاش، نامايىش قىلىش قاتارلىق ھەر خىل پائالىيەتلەر ئارقىلىق خىتاي دائىرىلىرىدىن ئىلھام توختى قاتارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلماقتا. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئابلىكىم ئەپەندى، ئېلشات ئەپەندى قاتارلىقلار ئۆز بايانلىرىدا ئىلھام توختى ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپقا ئوخشاش ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بەدەل تۆلىگەن قەھرىمانلار ئۈچۈن سۆزلەش، ئۇلارنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ئىشلارنى قىلىش، ئۆزىنى ئۇيغۇر دەپ ھېسابلىغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ باش تارتىپ بولماس بۇرچى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

«ئىلھام توختى خۇددى ھىندىستاندىكى گاندى، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى نېلسېن ماندلاغا ئوخشاش تىنچلىق يول بىلەن، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن خىتاينىڭ مەركىزى بولغان بېيجىڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى سۆزلەپ كەلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ قەلىمى ۋە ئاۋازى ئارقىلىق پۈتۈن جاھانغا ۋە خىتاي خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىتىپ كەلدى. ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ئۇنى يەنىلا تۇتقۇن قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ تىنچ يول بىلەن ئۆز ھەققىنى تەلەپ قىلىش يولىنىمۇ توسماقتا. مانا مۇشۇنداق شارائىتتا، ھەر بىر ئۇيغۇر ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلىگەن قەھرىمانلىرى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىشنى ئۆز بۇرچى دەپ بىلىشى كېرەك دەپ قارايمەن.»

يۇقىرىقىلار تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 5-فېۋرالنى خاتىرىلەش نامايىشىغا قاتناشقان ئابلىكىم ئەپەندىنىڭ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا دېگەن سۆزلىرى.

5-فېۋرال كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ چاقىرىقىغا بىنائەن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز دۆلەتلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ،1997-يىلدىكى 5-فېۋرال قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش بىلەن بىللە، بۇ يىل 15-يانۋار كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە بۇلتۇر 8-ئاي مەزگىلىدە تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى تەشەببۇسچىسى ئابدۇۋەلى ئايۇپ قاتارلىق بىر تۈركۈم ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئابلىكىم ئەپەندى يەنە خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى تۇتقۇن قىلغاندىن بۇيان ئۇلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە خەلقئاراغا قايىل قىلارلىق جاۋاب بەرمىگەن مۇشۇنداق بىر شارائىتتا، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر خىل يوللار ئارقىلىق، خەلقئاراغا مۇراجىئەت قىلىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى يەنىمۇ تارتىشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ئەپەندىمۇ رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ،خىتاي دائىرىلىرى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قەيەردىلىكى ھەققىدە خەلقئاراغا جاۋاب بېرىشنى كېچىكتۈرۈۋاتقان بىر مۇشۇنداق بىر مەزگىلدە، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىپ، خىتاينى ئىلھام توختىغا ئوخشاش تىنچ يول بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقىنى سۆزلىگەن بىر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىشتا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆزىگە ئەڭ قۇلاي شارائىتىدىن پايدىلىنىپ كۆرسەتكەن ھەرقانداق تىرىشچانلىقىنىڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۈگۈن 6-فېۋرال كۈنىمۇ، ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن. گۈزەلنۇر خانىم سۆزىدە يەنە ئېرى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ۋە نۇرغۇن دوستلارنىڭ ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ دائىرىلەردىن ئېرى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈش ئىرادىسىنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان مۇستەقىل تەتقىقاتچى بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، نۇرغۇنلىغان خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ئىلھام توختى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلىپ كەلمەكتە.
http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/ilham-toxti-02062014162924.html

Share
2303 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.