logo

trugen jacn

مۇزىكانت جوئې خامىلتون 5 – ئىيۇل ناخشىسى ۋە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى

indir

مېھرىبان

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

شوتلاندىيىلىك مۇزىكانت ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى جوئې خامىلتون ئەپەندى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 6 يىللىقىغا بېغىشلانغان «2009 – يىل 5 – ئىيۇلدا» (شەرقىي تۈركىستان ناخشىسى)نى ئۆتكەن ھەپتە ئىجات قىلىپ يۇتۇبې تور بېكىتىدە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ ناخشا ئىجتىمائى ئالاقە تورلىرىدىن فېسيبوك، تىۋىتىر ئارقىلىق چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىگە قىزىققۇچىلار ئارىسىدا تارقىلىپ، مۇنازىرە قوزغىدى.

بۇ ئۇنىڭ 2014 – يىلى 4 – ئاينىڭ 17 – كۈنى 5 – ئىيۇلدىكى تۇتقۇندا ئوغلى غايىپ قىلىۋېتىلگەن ئۇيغۇر ئانا پاتىگۈل غۇلام ئۈچۈن يازغان ئانىنىڭ يىغىسى ناملىق ناخشىسى ۋە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان مەشھۇر ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختى ئەپەندىگە بېغىشلاپ يازغان ناخشىلىرىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىجات قىلغان يەنە بىر ناخشىسى. جوئې خامىلتون ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «2009 – يىل 5 – ئىيۇلدا» ناملىق ناخشىنى ئىجات قىلىشقا سەۋەب بولغان ئامىللار ۋە بۇ ناخشىنى ئىجات قىلىشتىكى مەقسىتى قاتارلىقلار ھەققىدە توختالدى.

بۈگۈن سەن يەنىلا كۈچلۈك،
ھوقۇقىڭمۇ ھەم زور،
لېكىن سېنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرىڭ يېقىنلاشماقتا،
ئاخىرەتلىك سائىتىڭنىڭ
قوڭغۇرىقى چېلىنغىنىدا،
قىلمىشلىرىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە بېرىسەن ھىساب.

ئۇلار ھەرگىز ئۇنتۇمايدۇ ھەم كەچۈرمەيدۇ،
ئۆلۈم دەھشىتى ھۆكۈم سۈرگەن ئازاپلىق كۈنلەرنى،
ئۇلار يولۇققان بارلىق قىسمەتلەر
سېنىڭ سەۋەبىڭدىن بولدى.
گەرچە توقۇساڭمۇ مىڭلارچە يالغان،
ئۇنتۇلماس ئەسلا 2009 دىكى 5-ئىيۇل.
……..

رادىئو ئاڭلىغۇچى دوستلار، نۆۋەتتە ئاڭلاۋاتقىنىڭلار خەلقئارادا تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، شوتلاندىيىلىك مۇزىكانت جوئې خامىلتون ئەپەندىنىڭ 2009 – يىلدىكى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 6 يىللىق خاتىرىسىگە بېغىشلاپ ئىجات قىلغان «2009 – يىل 5 – ئىيۇلدا» يەنى (شەرقىي تۈركىستان ناخشىسى) نىڭ يۇتۇب تورىغا قويۇلغان سىنئالغۇ فىلىمى.

جوئې خامىلتون ئەپەندى ئۆتكەن ھەپتە ئىجاد قىلغان بۇ ناخشىسىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2009 – يىلى 5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئېلىپ بارغان قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى ئەيىبلىگەن ۋە دۇنيا جامائىتىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغان بۇ قانلىق ۋەقەنى ئەستىن چىقارماسلىققا چاقىرغان. جوئې ئەپەندى بۇ ناخشىسىغا 2009 – يىلى 7 – ئاينىڭ 5 – كۈنى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى تىنچلىق نامايىشىدىن كېيىن، خىتاي ئارمىيىسى ئۈرۈمچىنىڭ ئات بەيگە مەيدانى قاتارلىق جايلاردا ئېلىپ بارغان ئۆيمۇ – ئۆي ئاختۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلغان سىنئالغۇ فىلىمىنى كىرىشتۈرۈلگەن.

جوئې خامىلتون ئەپەندى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2009 – يىلى 6 – 7 – ئىيۇل كۈنلىرى خىتاي قوراللىق ئەسكەرلىرى ئېلىپ بارغان ئۆي ئاختۇرۇشتا ئۇيغۇر ئەرلىرى دەھشەتلىك يوسۇندا تۇتقۇن قىلىنغان بۇ ئېچىنىشلىق سىنئالغۇ فىلىمىنى ناخشىسىغا كىرىشتۈرۈشتىكى مەقسىتىنىڭ، ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان شەپقەتسىز باستۇرۇش سىياسىتى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنى دۇنياغا جاكارلاش ۋە دۇنيا خەلقى ۋە ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنى ئۇيغۇرلار باستۇرۇلۇۋاتقان ۋەزىيەتكە دىققەت قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

تىبەتلەرنىڭ ئەركىنلىگى قوللاپ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ۋە دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىگى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارغا مەدەت بېرىپ ئىجاد قىلغان ناخشىلىرى بىلەن ئاۋسترالىيە ۋە غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تونۇلغان مۇزىكانت جوئې خامىلتون ئەپەندى 2014 يىلى 17 – ئاپرىلدىن22 – ئاپرىلغىچە 5 كۈن ئىچىدە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئارقا – ئارقىدىن ئىجات قىلغان «ئانىنىڭ يىغىسى»، «ئادالەت ئۈچۈن» ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىگە بېغىشلىغان«سەن ئۆيگە قايتقۇچە» ناملىق ناخشىلىرى بىلەن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان ئىدى.

شۇندىن بۇيان جوئې خامىلتون ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ناخشا ئىجات قىلىپ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپلا قالماستىن، يەنە گېرمانىيە قاتارلىق ياۋروپا دۆلەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقان، ھەتتا ئۆز ئالدىغا پائالىيەت ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىيقانى دەۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن. ئۇ بۇ يىل 4 – ئاپرىلدىن 5 – ئاپرىلغىچە «24 سائەتلىك پىيادە يۈرۈش» پائالىيىتىنى ئېلىپ بېرىپ، 1990 – يىلدىكى بارىن ئىنقىلابىنىڭ 25 يىللىقىنى ۋە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ، تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى خاتىرىلىگەن ئىدى.

تۈنۈگۈن يەنى 8 – ئىيۇل كۈنى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ تايلاندتا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان 109 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كېيىن، جوئې خامىلتون ئەپەندى رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە ئىنكاس يوللاپ، بۇ ۋەقەگە قاتتىق ئېچىنغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۆزىنىڭ 9 – ئىيۇل گېرمانىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن تايلاند ۋە خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدىكى نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى بايان قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدا ئېغىر تۈرمە ئازابى، ھەتتا ھاياتى خەۋپكە ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان بۇ ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە خىلاپ ھالدا خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنى ئۇيغۇرلار بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەشكە، ئۇيغۇرلار باستۇرۇلۇۋاتقان رىئال ۋەزىيەتنى دۇنياغا ئاڭلىتىشقا چاقىردى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/joe-hamilton-5-iyul-07092015215218.html

Share
1185 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.