logo

trugen jacn

مۇراجەتنامىلەر نېمە ئۈچۈن موھىم؟

 

ئابدۇۋەلى ئايۇپ

 

ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا قارشى قىلىۋاتقان نامايىش، ئەرىز ۋە ئىمزا پائالىيەتلىرى 2018-يىلدىن كېيىن بىر دولقۇن ياراتتى. سېلىشتۇرۇپ قارايدىغان بولساق بۇنىڭ ئىچىدە 2018-يىلى يانۋاردىن باشلانغان مۇراجەتنامە ئېلان قىلىپ ئىمزا توپلاش پائالىيىتى بارغانچە قوللاشتىن قېلىپ، نەزەردىن ساقىت بولۇۋاتىدۇ. مۇشۇ ۋاقىتقىچە بەش قېتىم مۇراجەت ئېلان قىلىندى. ئىمزا سانى بارغاچە ئازلاپ كېتىۋاتىدۇ

 

ھەر قېتىملىق مۇراجەتتە ئەجەللىك بىر مەسىلە پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ مۇراجەتلەر دۇنيا جامائىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ دەردىنى بىلدۈرىدۇ، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ خەتىرىنى چۈشەندۈرىدۇ، ئۇيغۇر خەلقىنى بىر مىللەت سۈپىتىدە يوقاتماقچى بولغان خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىگە قىلىۋاتقان زۇلۇمنى پاكىت بىلەن ئاچىدۇ. بۇ مۇراجەتلەر تەشكىلاتلىرىمىزنى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا، خەلقئارا تەشكىكىلاتلارغا ۋە ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىغا سۇنىدىغان دوكىلات بىلەن تەمىنلەيدۇ. شۇ سەۋەپتىن بۇ مۇراجەتلەر ئۇيغۇرچە، ئېنگىلىزچە، فرانسوزچە، ئەرەبچە، تۈركچە، ئىسپانچە، خىتايچە قاتارلىق سەككىز خىل تىلدا تارقىتىلىۋاتىدۇ

مۇراجەتنامىلەرگە ئۇيغۇرنىڭ ئىمزا قويۇشى نېمە ئۈچۈن موھىم؟

 

مۇراجەتنامىلەرگە ئىمزا قويۇش ئۇيغۇرلارنىڭ مۇراجەتنامىدە ئوتتۇرىغا قويۇلغان شۇ پاكىتلارغا قوشۇلىدىغان، شۇ ئەرىزلەرنى مېنىڭمۇ ئەرزىم دەپ بىلىدىغان، شۇ زىيانكەشلىكلەرگە مەنمۇ ئۇچرۋاتىمەن دەيدىغان شاھىتلىقنى نامايەن قىلىدۇ

 

مۇراجەت ئۇيغۇرلار ھەققىدە بولغاچقا بۇنى تارقىتىدىغان، تەشۋىق قىلىدىغان، باشقىلارغا يەتكۈزىدىغان كىشىلەرنىڭ  ئۇيغۇرلار بولۇشى دۇنياغا بىزنىڭ ھەقىقى زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلايدۇ. بىز دەردىمىز بار دەپ مەيدانغا چىقمىساق، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتىمىز دەپ شاھىت بولمىساق، زۇلۇمنىڭ ئەمەلىي پاكىتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويمىساق، زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ھەققىدە ئىزدەنمىسەك زۇلۇم ئۆزلىگىدىن يوقاپ كەتمەيدۇ

 

مۇراجەتتە ئەكىس ئەتكىنى ئەقىل بىلەن، قەلەم بىلەن، تىنچلىق بىلەن قىلىنىدىغان كۆرەشنىڭ سۇنماس روھى. مەن ئۇيغۇرنىڭ دۇنياغا يىغا ئاۋازى، تەكبىر ساداسى، مىلتىق ناۋاسى بىلەن ئەمەس قولىدا ھەققانى داۋانىڭ پاكىتلىرىنى كۆتۈرگەن، ئاغزىدا ئىنسانىيەتكە بولغان سۆيگۈ، ئادالەتكە بولغان ئىشەنچ ۋە ئەركىنلىككە بولغان شەرتسىز تەلەپلىرىنى جاكارلىغان ھالدا تونۇلىشىنى ئارمان قىلىمەن. شۇڭا توختىماي ئەرىز قىلىش، توختىماي مۇراجەت قىلىش، توختىماي ھەقنى سۆزلەش ھەممىمىز ئۈچۈن ھەر دائىم موھىم

Share
2227 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.