logo

trugen jacn

مۇئاۋىن پىرزدىنىت مايىك پەنسنىڭ ئامېرىكىنىڭ ختتاي سياسىتى ھەققىدىكى تارىخى نۇتۇقى

مۇئاۋىن پىرزدىنىت مايىك پەنسنىڭ ئامېرىكىنىڭ ختتاي سياسىتى ھەققىدىكى تارىخى نۇتۇقى

Remarks by Vice President Pence on the Administration’s Policy Toward China

Translated By Tahir Imin Uighurian (Uighur Agency Network)

ۋاقتى 2018-يىلى 4-ئۆكتەبىر،

ئورنى ھاسۇن ئىنۇستىتۇتى،ۋاشنگىتون ئالاھىدە رايونى.

سائەت 11:07

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ختتايغا قارىتىلغان سياسى ،ئېقتسادى ،ھەربى سياستى ھەققىدە ئۇنېۋرسال نۇتۇق بولۇپ،ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدىكى ختتاي  كومپارتىيسى ۋە رەھبەرلىكىنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ھەرىكەتلىرى،ئۆز خەلقىگە قارىتىلغان سياسەتلىرى تولۇق ئېچىپ بىرىلگەن.

ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغۇچى:تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

تونۇشتۇرغىنىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت ، كېن!  ئشەنچلىكلەر گۇرۇپپىسى ئەزالىرىغا،      دوكتۇر مايكىل

پىلزبۇرىغا ، ئالاھىدە مىھمانلارغا ، ھەممىڭلارغا كۆپ رەھمەت!  غايەڭلار بەرھەق:

(كەلگۈسى ھەققىدە ئۆزگىچە ئويلايمىز)، ھادسۇن ئىنۇستىتۇتىغا قايتا كەلگىنىمدىن شەرەپ ھىس قىلىمەن.

يىرىم ئەسردىن كۆپرەك ۋاقتتىن بىرى، مەزكۇر ئىنۇستىتۇت «يەرشارى بىخەتەرلىكى،  گۈللىنىشى ۋە ئەركىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش « ئۈچۈن ئۆزىنى بېغشلاپ كەلدى.گەرچە يىللارسرى ھادسوننىڭ مەركىزى ئورنى ئالماشقان بولسمۇ، ئەمما بىر نەرسە ئىزچىل داۋام قىلدى: سلەرھەمىشە ئىنتايىن مۇھىم بىر ھەقىقەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلدىڭلار، ئۇ بولسمۇ ئامېرىكىنىڭ رەھبەرلىكى (دۇنياغا) يورۇقلۇق ئىلىپ كىلىدۇ!

بۈگۈن سلەرگە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا ئامېرىكا رەھبەرلىكى روھىنىڭ يولباشچىسى ،ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ 45-نۆۋەتلىك پىرىزدىنتى دونالد تىرامپنىڭ تەبرىك-سالامىنى ئىلىپ كەلدىم.

بۇ قېتىملىق ھۆكۈمەتنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىن باشلاپ،  پىرزدىنت تىرامپ ختتاي ۋە پىرىزدىنت شى بىلەن بولغان مۇناسۋەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغان ئىدى.ئۆتكەن يىلى 6-ئاپرىلدا،پىرزدىنت تىرامپ پىرزدىنت شىنى مارىلاگودا كۈتۈۋالغانىدى.ئۆتكەن يىلى 8-نويابىردا پىرزدىنىت تىرامپ بيېجىڭغا زىيارەتكە باردى،ختتاي رەھبەرلىرى ئۇنى قىزغىن قارشى ئالدى.

ئۆتكەن ئىككى يىلدىن بىرى،پىرزدىنت تىرامپ ختتاي خەلق جۇمھۇرىيتى پىرزدىنتى بىلەن كۈچلۈك مۇناسۋەت ئورناتتى شۇنداقلا ئورتاق مەنپەئەتلىك مەسللەردە ئەڭ مۇھىمى كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ يادروسزلاشتۇرۇلۇشىغا ئوخشاش مەسللەردە ناھايتى زىچ ھەمكارلاشتى…

بۈگۈن ئالدىڭلارغا كىلىپ سۆزلىشىمنىڭ بىر سەۋەبى بار:ئامېرىكا خەلقىنىڭ شۇنى بىلىش ھەققى باركى،بىز سۆزلەۋاتقان مۇشۇ دەقىقىدە، بيېجىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا ئۆزىنىڭ تەسىرى ۋە مەنپەئىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن بارلىق ھۆكۈمەت تەدبىرلىرى جۈملىدىن سياسى،ئېقتسادى ۋە ھەربى ۋاستىلەرنى قوللىنىپ كەلمەكتە.

ختتاي يەنە ھەرقاچانقىدىن بەكرەك ئالدىن قول سلىش خاراكتىرلىك ھەرىكەت قوللىنىپ،دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سياسەتلىرىگە تەسر كۆرستىش ۋە ئارىلىشش ئۈچۈن كۈچ ئشلەتمەكتە. بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ختتايغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئۈچۈن مۇشۇ مۇنبەر، زاللاردا  ئۇزۇندىن بىرى تەشەببۇس قىلىنپ كەلگەن پىرنسپلار ۋە سياسەتلەرنى قوللىنىپ، ھەل قىلغۇچ ھەرىكەتلەرنى قوللاندۇق.

«پىرزدىنىت تىرامپ ئۆتكەن دىكابىردا ئىلان قىلىنغان «دۆلەت بىخەتەرلىك ستىراتىگىيە دوكلاتى«دا  يېڭى «بۈيۈك كۈچلەر رىقابىتى« دەۋرىنى بايان قىلدى.چەتئەل دۆلەتلىرى «ئۆزلىرىنىڭ رايون ۋە يەرشارىدىكى تەسرى«نى كۈچەيتىشنى باشلىدى ،ئۇلار«ئامېرىكىنىڭ گىئوپولوتىكىلىق ئەۋزەللىكلىرىگە خىرىس قىلىپ،يەرشارى تەرتىۋىنى ئۆز پايدىسىغا يەڭگۈشلەش ئۈچۈن تىرىشماقتا»

بۇ ستىراتىگىيەدە، پىرزدىنت تىرامپ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ  ختتايغا قارىتا بىر يېڭى تەدبىر يولغا قويغانلىقىنى ئوچۇقلىدى. بىز ئادىللىق، باراۋەرلىك ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى ئاساس قىلغان مۇناسۋەت ئىزدەيمىز ۋە بۇ خىل نشانغا يېتىش ئۈچۈن كۈچلۈك ۋە ماس قەدەملىك ھەرىكەت قوللاندۇق.               

پىرىزدىنت تىرامپ ئۆتكەن يىلى ختتاينى زىيارەت قىلغاندا ئىيتقاندەك، «بىزنىڭ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرسدىكى مۇناسۋەتنى كۈچەيتىش ۋە پۇقرالىرىمىزنىڭ ھاياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش پۇرستىمىز بار«.

بىزنىڭ كەلگۈسى ھەققىدىكى قارشىمىز ئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن ختتاي ئوچۇق-يورۇق بولۇش ۋە دوسلۇق ئاساسدا مۇناسۋەت ئورناتقانغا ئوخشاش ،ئۆتمۈشمىزدىكى ئەڭ ياخشى تەرەپلەر ئۈستىگە قۇرۇلغان.

بىزنىڭ ياش دۆلىتىمىز ئىنقىلاپ خاراكتىرلىك ئۇرۇشتىن كىين يېڭى ئېكسپورت بازىرى ئىزدەش ئۈچۈن

يولغا چىققاندا،  ختتاي خەلقى ئادەمگىياھ ۋە يۇڭ قاچىلاپ كەلگەن ئامېرىكىلىق سودىگەرلەرنى قارشى ئالغانىدى.                  

ختتاي «يۇز يىللىق نومۇس« مەزگىلىدە  كەمستىلىش ۋە خورلىنىشقا ئۇچرىغاندا، ئامېرىكا ختتاينى خورلىغۇچىلار سپىگە قوشۇلۇشنى رەت قىلدى ۋە ختتاي بىلەن ئەركىن سودا قىلىش ، ئۇلارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن <<ئىشكنى ئېچىۋىتىش> سياستىنى تەشەببۇس قىلدى.

ئامېرىكا مسسئونىرلىرى ختتاي قىرغاقلىرىغا خوش خەۋەر ئىلىپ كەلگەندە، ئۇلار مول ۋە قەدىمى مەدەنىيەت، شۇنداقلا ھاياتى كۈچكە ئىگە خەلقتىن تەسرلەنگەن ئىدى، ئامېرىكىقلار ختتايدا پەقەت دىن تارقىتىپلا قالماي، ئۇلار يەنە ختتايدىكى تۇنجى ۋە ئەڭ ياخشى ئۇنۋېرستىتلارنى قۇرۇپ بەرگەن ئىدى.

ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى قوزغالغاندا، بىز ختتاي بىلەن بىللە ئىمپىرىيالىزىمغا قارشى ئېتتپاقداش بولدۇق…شۇ قېتىملىق ئۇرۇشتىن كېىين، ئامېرىكا ختتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيسى ئەزاسى ۋە ئۇرۇشتىن كىينكى دۇنيانى قۇرغۇچىلار قاتارىدىن  بولىدىغانلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلدى.     

بىراق ختتاي كوممۇنست پارتىيسى 1949-يىلى ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغاندىن كىين، ھاكىممۇتلەقلىق كېڭەيمىچىلىك سياسىتىنى يولغا قويدى.بۇ ئىككى دۆلەت بىر سەپتە تۇرۇپ ئۇرۇش قىلىپ بەش يىلدىن كىين، كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ تاغ- جىلغىلىرىدا  بىر-بىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلدى. مىنىڭ دادام بۇ ئۇرۇشلارغا ئەركىنلىكنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرۇپ شاھىت بولغانىدى.

ھەتتا ئېچىنىشلىق كورىيە ئۇرۇشىمۇ ھەر ئىككى تەرەپنىڭ بىزنى شۇنچە ئۇزۇن باغلاپ تۇرغان مۇناسۋەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئورتاق ئارزۇسنى يوقىتالمىدى. ختتاينىڭ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىن يىراقلىششى 1972-يىلىدىن باشلاپ ئاياقلاشتى،ئارقىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا بىز دىپلوماتىك مۇناسۋەتنى قايتا قۇرۇپ،ئۆز-ئارا ئېقتساد يولىمىزنى ئاچتۇق ،ئامېرىكا ئۇنېۋرستىتلىرى يېڭى ئەۋلات ختتاي ئىنژىنىرلىرى،سودا ساھەسدىكى لىدىرلار،ئالىملار ۋە ئەمەلدارلارنى تەربىيلەشنى باشلىدى.

سۆۋىت ئېتتپاقى يېقىلغاندىن كىين، بىز ختتاي چوقۇم ئەركىن دۆلەتكە ئايلىنىدۇ دەپ ئويلىدۇق. ئامېرىكا كەلگۈسىگە ئۈمۈتۋارلىق بىلەن نەزەر تاشلاپ ، 21-ئەسرنىڭ يېتىپ كىلىشى بىلەن تەڭ بېيجىڭغا  ئېقتسادىمىزنىڭ ئىشكنى ئاچتۇق. ختتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئىلىپ كىردۇق.

بىزدىن ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەر ختتاينىڭ پەقەت ئېقتسادى جەھەتتىلا ئەمەس، بەلكى سياسى جەھەتتىمۇ شەخسى ئىگىدارچىلىق ، دىنى ئەركىنلىك ۋە ئىنسانى ھوقۇق قاتارلىق كىلاسسك لىبرال پىرىنسپلارنى ھۇرمەت قىلىدىغان ئەركىنلىككە قاراپ تەرەققى قىلىشىنى ئۈمىد قىلغانىدى. بىراق بۇ ئۈمىدى ئەمەلگە ئاشمىدى.

>ئەركىنلىك چۈشى ختتاي خەلقىدىن ناھايتى يىراق بولۇپ كەلدى.بېجىڭ يالغاندىن  <ئسلاھات ۋە ئىشكنى ئېچىۋېتىش> ئويۇنىنى ئوينىغان بولسمۇ ،دىڭ شياۋپىڭنىڭ مەشھۇرسياستىگە قۇرۇق پېتى قالدى.

ئۆتكەن 17 يىلدا،ختتاينىڭ ئىچكى ئشلەپچىقىرىش ئومۇمى قېمىىتى 9 قاتلىنىپ،دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئېقتسادى گەۋدىگە ئايلاندى.بۇ مۇۋەپپەقىيەتنىڭ كۆپ قسمى ئامېرىكىنىڭ ختتايغا مەبلەغ سلىشدىن كەلگەن. ختتاي كوممۇنىست پارتىيسى يەنە ئىغىر تاموژنا بېجى، ئىمپورت مىقدارىنى چەكلەش،  پۇل قېممىتىنى مونوپۇل قىلىش، تېخنىكا مەخپىيتنى ئاشكارىلاشقا مەجبۇرلاش، ئەقلى مۈلۈكنى ئوغرىلاش، ساناپ كەلسەك كەمپۈت سانائىتىگە ئوخشاش ساھەلەردە ئشسزلىق ياردەم پۇلى بىرىش قاتارلىق ئەركىن ۋە ئادىل سودا قائىدىلىرىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان  سياسەت قورال ئامبىرىنى ئشلىتىپ كەلدى.

بېجىڭ بۇ  سياسەتلەر بىلەن رىقابەتچىلىرى ،بولۇپمۇ ئامېرىكىنى زىيانغا ئۇچرىتىپ، ئۆزىنىڭ سانائەت ئشلەپچىقىرىش ئاساسنى قۇرۇپ چېقتى.       

ختتاينىڭ ھەرىكەتلىرى ئۆتكەن يىلى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىلەن بولغان سودىدا 375 مىليارد دوللارلىق  سودا قېزىل رەقىمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇ بىزنىڭ يەرشارى ئومۇمى سودا قېزىل رەقىمىنىڭ تەخمىنەن يېرىمىغا تەڭ. پىرزدىنت تىرامپ بۇ ھەپتە شۇنداق دىدى:«بىز ئۆتكەن 25 يىلدا ختتاينى ئۆزىمىز قۇرۇپ چىقتۇق«      

نۆۋەتتە، ختتاي كوممۇنستىك پارتىيسى «2025-يىلى ختتاي سانائەت پىلانى«  ئارقىلىق دۇنيانىڭ ئەڭ ئىلغار تېخنىكىلىرى جۇملىدىن ماشنا ئادەم تېخنىكىسى، بىئوتېخنولوگىيسى ۋە سۈنئى ئىدراك تېخنىكىلىرىنى كونتىرۇل قىلىشنى نشانلىدى. 21-ئەسر ئېقتىسادىنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىگە قوماندانلىق قىلىش ئۈچۈن بېيجىڭ ئۆزىنىڭ بيۇكراتلىرى ۋە سودىگەرلىرىگە ھىچقانداق ۋاستە تاللىماستىن دۆلىتىمىزنىڭ دۇنيادىكى ئېقتسادى ھۆكۈمرانلىق ئاساسى بولغان ئامېرىكىنىڭ ئەقلى مۈلكىنى قولغا چۈشۈرۈشكە بۇيرۇق چۈشۈردى.

بېيجىڭ ھازىر نۇرغۇن ئامېرىكا شركەتلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ سودا مەخپىيەتلىكىنى ختتايدا سودا قىلىش بەدىلىگە تاپشۇرۇپ بىرىشنى تەلەپ قىلماقتا. ختتاي يەنە ئامېرىكا شركەتلىرىنىڭ ئىجادى مەھسۇلاتلىرىغا ئېرىشش ئۈچۈن ئامېرىكا شركەتلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ماسلاشتۇرۋاتىدۇ، ئېقتسادى ياردەم بىرىۋاتىدۇ. ھەممىدىن يامىنى، ختتاينىڭ بىخەتەرلىك تارماقلىرى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ۋە ئۆزگىچە ھەربى تېخنىكىلىرىغىچە توپ ستىۋىلىش ئۈچۈن پەردە ئارقىسدا قوماندانلىق قىلىۋاتىدۇ.

ختتاي كوممۇنتسك پارتىيسى بۇ ئوغرىلانغان تېخنىكىلارنى ئشلىتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ پالتە-كەكىلىرىنى بىلەپ ئەڭ ئۆتكۇر شەمشەرگە ئايلاندۇرماقتا.

ختتاينىڭ ھەربى خىراجەتكە ئاجراتقان چېقىمى پۈتۈن ئاسيا دۆلەتلىرىنىڭ ئومۇمى يېغىندىسدىنمۇ كۆپ بولۇپ، بېيجىڭ ئامېرىكىنىڭ قۇرۇقلۇق، دېڭىز، ھاۋا ۋە ئالەم بوشلۇقىنىڭ ھەربى ساھەسدىكى بارلىق ئەۋزەللىكلىرىنى يوقتىشنى ئالدىنقى نشان قىلىپ تىرىشۋاتىدۇ. ختتاي ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنى غەربى يېرىم شاردىن قوغلاپ چېقىرىپ، بىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئېتتپاقداشلىرىمىزغا ياردەم بىرىشىمىزدىن توسماقچى بولۇۋاتىدۇ.   

بېيجىڭ ئۆزىنىڭ كۇچىنى ئەزەلدىن بۇنداق ئشلىتىپ باقمىغان. ختتاي ھەربى پاراخوتلىرى ياپونىيە  باشقۇرۇشدىكى سنكاكۇ تاقىم ئاراللىرى ئەتراپىدا قەرەللىك چارلاش ئىلىپ بىرىۋاتىدۇ. ختتاي رەھبىرى 2015-يىلى ئاق ساراينىڭ ئەتىرگۇل باغچىسدا تۇرۇپ ، ئۆز دۆلىتىنىڭ جەنۇبى ختتاي دېڭىز تەۋەلىكىنى ھەربىيلەشتۈرۈش مۇددىئاسى يوقلۇقىنى ئىيتقان بولسا، بۇگۇن بيېجىڭ ئۆزى ياسىغان سۈنئى ئاراللارنىڭ ئۈستىگە قۇرغان ھەربى بازىلىرىدا ئەڭ ئىلغار بولغان پاراخوت ۋە ھاۋادىن باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارغا قارشى ئۈسكۇنىلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

ختتاينىڭ ئىغۋاگەرچىلىكى بۇ ھەپتە ئوچۇق ئاشكارىلاندى:ئامېرىكا دىڭىز ئارميسنىڭ ۋەيران قىلغۇچى پاراخوتى جەنۇبى ختتاي دىڭىز رايونىدا ئەركىن يۇرۈش ھوقۇقىنى ئىجرا قىلىۋاتقاندا، ختتاي دېڭىز  ئارمىيسنىڭ پاراخوتلىرى 45 ياردقىچە يېقىنلاپ،پاراخوتىمىزنى سوقۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن دەرھال چېكىنىشكە مەجبۇرلىدى.بۇنداق تەلۋىلەرچە ئىغۋاگەرچىلىككە قارشى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى دېڭىز ئارمىيسى خەلقئارا قانۇن رۇخسەت قىلغان ۋە دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئىتى تەلەپ قىلغان ھەر قانداق دائىرىدە ئۇچۇش،دېڭىز يۇرۇشى قىلىش ۋە مەشغۇلات قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدۇ.بىز ھەرگىز قورقۇپ قالمايمىز،بىز ھەرگىز ئارقىمىزغا چېكىنمەيمىز.

ئامېرىكا – ئېقتسادى ئەركىنلىكنىڭ ختتاينى بىز ۋە دۇنيا بىلەن تېخىمۇ زور كۆلەمدە ھەمكارلىششقا ئىلىپ بىرىشنى ئۈمىد قىلغانىدۇق.ئەكسچە،ختتاي ئۆزىنىڭ ئېشۋاتقان ھەربى كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئېقتسادى ئىغۋاگەرچىلىكنى تاللىدى.

بېيجىڭ يەنە بىز ئۈمىد قىلغاندەك ئۆز خەلقىگىمۇ  ئەركىنلىك بەرمىدى.بىر مەزگىل بېيجىڭ ئەركىنلىك ۋە ئنسانى ھوقۇقنى ھۇرمەت قىلىشقا بىر غېرىچ ئىلگىرلىگەن بولسا،يېقىندىن بىرى،ئۇ يەنە ئارقىغا چېكىنىپ كونتىرۇل قىلىش ۋە زۇلۇم قىلىش سياستىگە  قايتىپ كەلدى.     

بۇگۇن،ختتاي تارىختا مسلى كۆرۇلمىگەن پۇقرالارنى نازارەت قىلىش دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتى. ،ھەممە يەرنى قاپلىغان بۇ نازارەت ھەمىشە ئامېرىكا تېخنىكىسنىڭ ياردىمى بىلەن بارغانسرى كۆپەيمەكتە ۋە كېڭەيمەكتە.ختتاينىڭ «بۇيۇك تام توساق پىلانى«ئۇچۇرلارنىڭ ختتاي خەلقىگە ئەركىن يېتىپ بىرىشنى پۇتۇن ئاماللار بىلەن توسماقتا.2020-يىلىغا بارغاندا،ختتاي ھۆكۈمرانلىرى ئورۋىلىيانچە زوراۋانلىق سستىمىنى يولغا قويۇپ، «ئىجتىمائى ئشەنچ نۇمۇر«ئارقىلىق ھەر بىر پۇقرانىڭ يۇزىنى تونۇيدىغان دەرىجىدە جەمئىيەتنى كونتىرۇل قىلماقچى.مەزكۇر پىراگراممىنىڭ لايىھەسىدە مۇنداق دىيىلگەن:ئشەنچىلىك كىشلەرنى ھەممە يەردە ئەركىن يايرايدىغان قىلىپ،ئشەنچسز كىشلەرنى بىر قەدەممۇ ئالالمايدىغان قىلىش كىرەك«

دىنى ئەركىنلىك مەسلىسگە كەلسەك، ختتاي خىرستئانلىرى، بۇددىتسلار ۋە مۇسۇلمانلارغا قارىتىلغان ۋەھشى باستۇرۇشنىڭ يېڭى دولقۇنى باشلاندى.

ئۆتكەن ئايدا،بېيجىڭ ختتايدىكى ئەڭ چوڭ يەر ئاستى چىركاۋدىن بىرىنى تاقىۋەتتى. دۆلەتنىڭ ھەممە يېرىدە ، دائىرىلەر كىرستلارنى كۇكۇم تالقان قىلدى، ئىنجىللارنى كۆيدۇردى، ئىتقادچىلارنى تۈرمىگە سولىدى.بيېجىڭ ۋاتىكان بىلەن كىلىشىم تۇزۇپ، ئوچۇق- ئاشكارا ئاتېئىست بولغان كوممۇنىست پارتىيگە كاتولىك پوپلىرىنى بىۋاستە تەيىنلەش ھوقۇقىغا ئىرشتى. ختتايدىكى خىرستىئانلار ئۈچۈن بۇ بىر ئاپەت دەۋر ھسابلىنىدۇ.   

  

بېيجىڭ يەنە بۇددىزىم دىنىنى چەتكە قاقماقتا. ئۆتكەن ئون يىلدىن بىرى،150دىن ئارتۇق تېبەت بۇددا راھىپلىرى ختتاينىڭ ئۇلارنىڭ ئېتىقادى ۋە مەدەنىيتىنى باستۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۇرۇپ ئۆزىگە ئوت قويۇۋالدى.شنجاڭ(ئۇيغۇر دۆلىتى-ت ) دە، ختتاي كوممۇنست پارتىيسى بىر مىلىيوندەك ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى 24 سائەت كاللا يۇيىدىغان ھۆكۈمەت لاگىرلىرىغا قامىدى.بۇ لاگىرلاردىن ئامان قالغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ كەچۈرمشلىرىنى بييجىڭنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيتىنى سېقىپ چېقىرىش ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادىنى ۋەيران قىلشقا ئۇرۇنۇش بىلەن تەسۋىرلەپ كەلمەكتە.

ئەمما  خۇددى تارىخ ئسپاتلىغاندەك، ئۆز خەلقىنى ئېكسپالاتاسسيە قىلىدىغان دۆلەت ناھايتى ئاز ھۆكۈم سۈرەلەيدۇ.بيجىڭ ئۆزىنىڭ زۇلۇمىنى دۇنيا بويلاپ كېڭەيتىشكە ئۇرۇندى.خۇددى ھادسوننىڭ تەتقىقاتچىسى دوكتۇر مايكىل پىلىزبۇرى ئىيتقاندەك،«ختتاي ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەرىكىتى ۋە نشىانىغا قارشى تۇرىدۇ،ئەمەلىيەتتە،ختتاي بېيجىڭنىڭ ئۆزىنىڭ تىچلىق ياكى ئىجابى بولغان

مەقسەتلىرىگە قارشى ھالدا ئامېرىكىنڭ ئېتتپاقداشلىرى ۋە دۈشمەنلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتماقتا.«

ختتاي ئاتالمىش << قەرز دىپلوماتىيەسى>ئۇسۇلىنى ئشلىتىپ،ئۆز تەسر دائىرسنى كىڭەيتمەكتە.

بۇگۇن،بۇ دۆلەت ئاسيادىن ئافىرىغىغىچە، ياروپادىن لاتىن ئامېرىكىسغىچە ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئاساسى مۇئەسسە قۇرۇلۇش قەرزى ئۇچۇن يۇز مىلياردلاپ دوللار تەمىنلىمەكتە.بۇ قەرزنىڭ شەرتلىرى بولسا مەخپى بولۇپ، ھەقىقى پايدىسى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە ختتايغا ئاقماقتا.

بىز سرىلانكىغا قاراپ باقايلى، ئۇلار ختتاي دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شركەتلەردىن سودا قىممىتى يتەرلىك بولمىغان پورت ياساش ئۈچۈن غايەت زور سوممىدا قەرز ئالغان،ئىككى يىل ئاۋال،بۇ دۆلەت بۇ قەرزنى تۆلىيەلمەي قالدى.شۇنىڭ بىلەن ختتاي سىرلانكىنى بۇ يېڭى پورتنى ختتايغا ئۆتكۈزۈپ بىرىشكە قستىدى.بەلكىم بۇ پورت ئۇزۇنغا بارماي،ختتاينىڭ ئېشۋاتقان دىڭىز ئارمىيسنىڭ ئاۋانگارد ھەربى بازىسغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

ئۆزىمىزنىڭ يېرىم شارىمىزغا كەلسەك، بېيجىڭ ۋىنسۇئىلادىكى چىرىك ۋە ئېىقتىدارسز مادۇرو رىجىمغا ھايات شەربىتى ئۇزاتتى، نېفىت بىلەن قايتۇرسا بولىدىغانغا ئادەمدە شەك قوزغايدىغان 5 مىلىيارد دوللارلىق قەرز ۋەدە قىلدى.بېيجىڭ بۇ دۆلەتنىڭ ئەڭ چوڭ بىردىنبىر قەرز بەرگۈچىسى بولۇپ،ۋىنسۇئىلا خەلقىنى 50 مىليارد دوللارلىق قەرزگە پاتۇردى.بېيجىڭ يەنە ختتاينىڭ ستراتىگىيەلىك نشانلىرىنى شارائىت بىلەن تەمىنلەشكە ۋەدە قىلغان كاندىداتلار ۋە پارتىيەلەرنى بىۋاستە قوللاش ئارقىلىق بەزى دۆلەتلەرنىڭ سياسى ساھەسنى چىرىكلەشتۈرمەكتە.

ئۆتكەن يىلدىن بىرى،ختتاي كوممۇنست پارتىسى لاتىن ئامېرىكىسدىكى ئۇچ دۆلەتنى تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسۋەتنى ئۇزۇپ،بيېجىڭنى ئېتىراپ قىلىشقا قايىل قىلدى.بۇ ھەرىكەتلەر تەيۋەن بوغۇزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىغىر تەھدىت ئىلىپ كەلدى،ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بۇنى ئەيىپلىدى.ھۆكۈمىتىمىزئۇچ بىرلەشمە بايانات ۋە تەيۋەن مۇناسۋەت قانۇنىدا ئىيتىلغاندەك، بىر دۆلەت سياسىتىنى ھۈرمەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە،ئامېرىكا داۋاملىق تەيۋەننىڭ دىموكراتىيە يولىدا تۇرۇشى بارلىق ختتاي خەلقى ئۈچۈن ياخشى بىر يول كۆرستىدىغانلىقىغا ئشىنىدۇ.

بۇلار ختتاينىڭ ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى ستىراتىگىيەلىك مەنپەئىتىنى تېخىمۇ زور كۆلەملەشكەن ۋە پۇختا

بولغان ئۇسۇللار بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن يولغا قويۇۋاتقان ئۇسۇللىرىدىن ئاران بىر نەچچىسدۇر.ئەمما ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتلەر ختتاينىڭ ھەرىكەتلىرىگە سەل قارىدى،ھەتتا نۇرغۇن ساھەلەردە ختتاينىڭ نىشانىغا ياردەم بەردى.ئەمما ئۇ كۇنلەر ئەمدى كەلمەسكە كەتتى.

پىرىزدىنىت تىرامپنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا،ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىزنىڭ مەنپەئىتمىزنى يېڭىلانغان ئامېرىكا قۇدرىتى بىلەن قوغدىماقتا.

بىز تارىختىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ھەربى كۈچىمىزنى ھىلىھەم كۈچلۈك قىلىش ئۈچۈن تىرىشۋاتىمىز.بۇ يىلنىڭ بېشىدا،پىرزىدنىت تىرامپ ھەربى قۇدىرىتىمىزنى ھەممە ساھەدە كۈچەيتىش ئۈچۈن 716 مىلىيارد دوللارلىق خامچوت قانۇنىغا ئىمزا قويدى،بۇ پىرىزدىنىت رونالد رىگاندىن بىرىقى ئەڭ چوڭ دۆلەت بىخەتەرلىك تەييارلىقى بولۇپ ھسابلىنىدۇ. 

  

بىز يادرو قورال ئامبىرىمىزنى زامانىۋىيلاشتۇرۋاتىمىز،بىز يېڭى ۋە دەۋر بۆلگۈچ كۆرەشچى ئايروپىلانلىرىمىزنى تەرەققى قىلدۇرۋاتىمىز.بىز يېڭى ئەۋلات ئالەم بوشلۇقى كېىملىرىمىز ۋە جەڭ پاراخوتلىرىمىزنى نى تەرەققى قىلدۇرۋاتىمىز.قوراللىق كۈچلىرىمىزگە تارىختىن بىرىقى ئەڭ زور كۆلەمدە مەبلەغ سلىۋاتىمىز.بۇ بىزنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى كۈچىمىزنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئالەم بوشلۇقى ئارمىيسىنى قۇرۇشىمىز،دۈشمەنلىرىمىزنى چەكلەش ئۈچۈن تور دۇنياسدىكى ئىقتىدارىمىزنى ئاشۇرۇش قاتارلىق تىرىشچانلىقىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.   

نۆۋەتتە پىرىزدىنىت تىرامپنىڭ رەھبەرلىكىدە،دۆلىتىمىز 250 مىلىيارد دوللارلىق ختتاي مەھسۇلاتىغا تاموژنا بېجى جازاسى يولغا قويدۇق.بۇ بېيجىڭنىڭ قولغا چۈشۈرۈش ۋە كونتىرۇل قىلىشقا ئۇرۇنىۋاتقان ئىلغار تېخنىكا ساھەسىنى قاراتمىلىق ھالدا نشانلىغان.پىرزدىنىت شۇنى ئوچۇق جاكارلىدىكى،ئادىل ۋە مۇۋاپىق كىلىشىم تۈزمىگۈچە بىز بۇ ساننى ئىككى ھەسسە قاتلاش ئىھتىمالى بولغان دەرىجىدە تېخىمۇ كۆپ جازا يۇرگۈزىمىز.

تەدبىرلىرىمىز مۇھىم نەتىجىلەرگە ئېرشتى.ختتاينىڭ ئەڭ چوڭ پاي بازىرى مۇشۇ يىلنىڭ ئالدىنقى توققۇز ئېيىدا 25 % تۆۋەنلىدى،بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى دۆلىتىمىزنىڭ بېيجىڭنىڭ سودا قىلمىشغا قارىتا ئورنىدىن دەرس تۇرغانلىقى بىلەن مۇناسۋەتلىكتۇر.

خۇددى پىرىزدىنىت تىرامپ ئىيتقاندەك،بىز ختتاي بازىرىنىڭ زىيان تارتىشنى خالىمايمىز.ئەمەلىيەتتە بىز ئۇلارنىڭ گۈللىنىشنى خالايمىز.بىراق ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بېيجىڭىنىڭ ئەركىن،ئادىل ۋە ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزىدىغان سودا سياستنى قوللاشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئەپسۇسلىنارلىقى ، ختتاي ھۆكۈمرانلىرى ھازىرغىچە بۇنداق بىر يول ئىلىشنى رەت قىلدى.ئامېرىكا خەلقىنىڭ شۇنى بىلىش ھەققى باركى،بېيجىڭ پىرزدىنىت تىرامپنىڭ قوللانغان ھەرىكىتىدىن ئۆچ ئىلىش ئۈچۈن،بىزنىڭ پىرزدىنتىمىز،بىزنىڭ غايىمىز ۋە بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئەڭ قىممەتلىك پىرىنسپلىرىنى قوللاشنى بېچىت قىلىش ئۇچۇن  ناھايتى مۇكەممەل ۋە ماسلاشتۇرۇلغان بىر ھەرىكەت باشلىدى.

بۇگۇن مىنىڭ سلەرگە ختتاينىڭ ھەرىكەتلىرى ھەققىدە دەپ بەرمەكچى بولغىنىم،بەزىلىرى بىزنىڭ ئاخبارات تارماقلىرىمىزنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەن،بەزىلىرى ئاشكارا ئىرىشكىلى بولىدىغان پاكىتلاردىن ئىبارەت.

مەن يۇقىرىدا ئىيتقاندەك، بېجىڭ ئۆزىنىڭ تەسىرىنى ئاشۇرۇش ۋە مەنپەئىتىنى كاپالەتلەندۇرۇش ئۇچۇن دۆلەتنىڭ بارلىق چارىلىرىنى ئشقا سىلىۋاتىدۇ.ختتاي ئۆز كۈچىنى ئالدىن قول سىلىش ۋە مەجبۇرلاش خاراكتىرىدە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە تاشقى سياستىگە ئارىلىشش ئۇچۇن ئشلىتىۋاتىدۇ.

ختتاي كوممۇنتس پارتىيسى ئامېرىكا شركەتلىرى،  كىنو ستۇدىيلىرى،   ئۇنېۋېرستىتلىرى، ئاقىللار ئامبارلىرى، تەتقىقاتچىلار، مۇخبرلار ۋە يەرلىك، شتاتلىق، فىدراتسيە دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرىنى ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىششقا مۇكاپاتلاۋاتىدۇ ياكى مەجبۇرلاۋاتىدۇ.

ھەممىدىن يامىنى، ختتاي ئامېرىكا جامائەت پىكرىگە تەسر كۆرستىش ۋە 2020-يىلدىكى پىرزدىنت سايلىمىنى ئۆزىگە پايدىلىق مۇھىتقا ئايلاندۇرۇش ئۇچۇن  2018-يىللىق ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا تەسر كۆرستىش ئۈچۈن مسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە تىرىشچانلىق قىلىۋاتىدۇ.

گەپنىڭ ئوچۇقىنى ئىيتساق،  پىرزدىنىت تىرامپنىڭ رەھبەرلىكى ھۆكۈم سۇرىۋاتىدۇ،شۇنداقلا ختتاي باشقا بىر ئامېرىكا پىرزىدىنتىنى ئىزدەۋاتىدۇ.

ختتاي ئامېرىكا دىموكراتىيەسگە ئارىلىشۋاتىدۇ.خۇددى پىرزىدىنت تىرامپ ئۆتكەن ھەپتە ئىيتىپ ئۆتكەندەك،بىز ختتاينىڭ ئالدىمىزدىكى 2018-يىللىق ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا ئارىلىششقا ئۇرۇنىۋاتقانلىقىنى بايقىدۇق«

بىزنىڭ ئاخبارات -ئۇچۇر تارماقلىرىمىز شۇنداق دەيدۇ:ختتاي ئامېرىكىنىڭ فىدراتسيە ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئوتتۇرىسدا سياسەت جەھەتتە بۆلۇنۇش پەيدا قىلىش ،بيجىڭنىڭ  سياسى تەسرىنى ئاشۇرۇش ئۇچۇن سودىدا جازالاشقا ئوخشاش ئۇسۇللار بىلەن ئامېرىكىنىڭ شتات ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى نشانلاپ كەلمەكتە.

ئالتىنچى ئايدا،بيېجىڭ «تەشۋىقات ۋە نازارەت ئىزاھاتى « نامىدا ناھايتى سەزگۈر بىر ھۈججەتنى تارقاتتى،ئۇنىڭدا ،ختتاي چوقۇم «ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدىكى ئوخشمىغان گۇرۇپپىلارنى بۆلۇش ئۈچۈن ناھايتى ئەستايىدىللىق ۋە ئىنچىكىلىك بىلەن قاتتىق ھەرىكەت قىلىش كىرەك>«دېيىلگەن.

بۇ مەقسەت ئۈچۈن،بېيجىڭ مەخپى رول ئوينىغۇچىلار،ئالدىنقى سەپتىكى تەشكىلاتلار ،تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى ھەرىكەتلەندۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ  ختتاي سياسىيتى  چۈشەنچىسنى بۇرىماقچى بولغان.بىزنىڭ ئاخبارات تارماقلىرىمىزنىڭ بىر  يۇقىرى دەرىجىلىك ئەزاسنىڭ ماڭا ئىيشتىچە،ختتاينىڭ دۆلىتىمىزدە قىلىۋاتقانلىرى ئالدىدا روسيەنىڭ قىلمشلىرى ھىچنىمە ئەمەسكەن.

يۇقىرى دەرىجىلىك ختتاي ئەمەلدارلىرى ئامېرىكا شركەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنى ختتايدىكى سودسنى داۋاملاشتۇرۇش ئۇچۇن ،ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ختتايغا قاراتقان سودا جازاسنى ئەيىپلەشكە قستىغان.يېقىنقى بىر مسالدا،ختتاي ئەمەلدالىرى بىر چوڭ ئامېرىكا شركىتىگە ئەگەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ختاي سياستىنى ئەيىپلىمىسە، ئۇلارنىڭ ختتايدىكى تىجارەت كىنىشكىسنى تارتىۋالىمىز دەپ تەھدىت سالغان.

ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامغا تەسر كۆرستىش ئشىغا كەلسەك،سلەر بېجىڭنىڭ بىزنىڭ تاموژنا بىجى جازايىمىزغا قارشى ئىنكاسغا قارساڭلار بولىدۇ.ئۇلار 2018-يىللىق سايلامدا مۇھىم رول ئوينايدىغان سودا ساھەلىرى ۋە شتاتلىرىنى ئالاھىدە نىشانغا ئالدى.

بىر پەرەزدە 2016-يىلى پىرزىدىنىت تىرامپ ئۇچۇن بىلەت تاشلىغان ئامېرىكىدىكى 80 % ناھىيلەر ختتاي تەرىپىدىن نىشانلانغان بولۇپ،ختتاي بۇ يەردىكى بىلەت تاشلىغۇچىلارنى بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىزگە قارشى تۇرغۇزۇشقا ئۇرۇنماقتا.

ختتاي يەنە ئامېرىكا سايلىغۇچىلىرىغا بىۋاستە تەدبىر قوللانماقتا.ئۆتكەن ھەپتە ختتاي ھۆكۈمىتى بىزنىڭ ختتايدىكى باش ئەلچىمىزنىڭ يۇرتى ،2018-يىلدىكى مۇھىم بولغان شتاتتىكى بىر گىزىت دەس مونىيەس خاتىرسىگە كۆپ بەتلىك قوشۇمچە بەت چىقىرىش ئۇچۇن پۇل تۆلىگەن.بۇ قوشۇمچە بەت قارىماققا گېزىتتەك لايىھەلەنگەن بولۇپ،بىزنىڭ سودا سياستىمىزنى ئاساسسز ۋە ئايئوۋالىقلارغا زىيانلىق قىلىپ سۇپەتلىگەن.

تەلىيمىزگە يارشا،ئامېرىكىقلار بۇنى قوبۇل قىلمايدۇ.مەسلەن،ئامېرىكا دىھقانلىرى بۇ پىرىزدىنىت بىلەن بىر سەپتە تۇرىۋاتىدۇ ،ئۇلار پىرزدىنتىنىڭ كەسكىن مەيدانىدىن كەلگەن نەتىجىنى كۆرىۋاتىدۇ.بۇ ھەپتىلىل ئامېرىكا-كانادا-مېكسكا كىلىشمى بۇنىڭ جۈملسدىن بولۇپ،بىز بۇنىڭدا شمالى ئامېرىكا بازارلىرىنى ئامېرىكا دىھقانلىرى ۋە سانائەتچىلىرى ئۈچۈن چوڭ غەلبە ئىلىپ كەلگۇدەك دەرىجىدە ئاچتۇق.

بىراق ختتاينىڭ ھەرىكەتلىرى پەقەت بىزنىڭ سياستىمىز ۋە سياسەتلىرىمىزگە تەسر كۆرستىشكىلا مەركەزلەشمىگەن. بېيجىڭ ئۆزىنىڭ ئېقتسادى ئەۋزەللىكىنى كېڭەيتىش، ختتاينىڭ چوڭ ئىچكى بازىرى بىلەن ئازدۇرۇش ۋە ئۆزىنىڭ ئامېرىكا شركەتلىرىگە بولغان تەسرىنى  ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن قەدەملەرنى ئالماقتا.

بېيجىڭ ھازىر ختتايدا مەشغۇلات ئىلىپ بارىدىغان ئامېرىكا بىرلەشمە مەبلەغ شركەتلىرىدىن كوممۇنستىك پارتىينىڭ ئادەم ئشلىتىش ۋە مەبلەغ سلىشنى قارار قىلىشتا كۇچلۇك ھوقۇقىنى ئىلىش ئۇچۇن شركەتلەردە <كومپارتىيە ياچىيكىلىرى>نى قۇرۇشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.

ختتاي دائىرلىرى يەنە تەيۋەننى ئالاھىدە جۇغراپىيلىك گەۋدە دەپ تەسۋىرلىگەن ياكى تېبەتنى ئايرىپ قارىغان ئامېرىكا شركەتلىرىگە تەھدىت سالغان.بېيجىڭ دىلتا ئاۋىئاتسيە شركىتىنىڭ تەيۋەننى<ختتاينىڭ بىر ئۆلكىسى >دەپ ئاتىمىغانلىقى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ تور بېكىتىدە ئاشكارا كەچۈرۈم سوراشقا مەجبۇرلىغان.ختتاي يەنە ماررىئوت مىھمانخانىسنىڭ تېبەت ھەققىدىكى بىر تىۋېتىىر ئۇچۇرىنى ياقتۇرۇپ يۇرەك بەرگەن بىر ئامېرىكىلىق خىزمەتچىسنى ئشتن بوشتىشقا بېسم چۇشۇرگەن.

بېيجىڭ يەنە قەرەللىك ھالدا ختتاينى پۇتۇنلەي ئىجابى يوسۇندا تەسۋىرلەشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ،ئۇنداق قىلمىغان ستۇدىيو ۋە فىلىم ئشلىگۇچىلەرنى جازالىغان.ييجىڭنىڭ سنزورلىرى ختتاينى ھەتتا ئازراقلا تەنقىد قىلغان فىلىملەرنىمۇ قانۇنسز دەپ ئىلان قىلىشقا ياكى تەھرىرلەشكە ناھايتى تىز تۇتۇش قىلىپ كەلگەن.«دۇنيا ئۇرۇشى زەت« ناملىق فىلىمىدە ختتايدا بارلىققا كەلگەن بىر ۋىرۇسنىڭ گىپى چىققانلىقى تىلغا ئىلىنغان سەھنە سۆزى كېسۋىتىلگەن.«قېزىل سەھەر« فىلىمىدىكى ناچار ئەبلەخلەر ختتاي ئەمەس،شمالى كورىيەلىك قىلىپ ئۆزگەرتىۋىتىلگەن.

سودىدىن باشقا،ختتاي كوممۇنست پارتىيسى مىلىياردلىغان دوللارنى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە باشقا دۆلەتلەردە تەشۋىقات ئۈچۈن ئشلىتىۋاتىدۇ.      

ختتاي خەلقئارا رادىئوسى ھازىر بيجىڭنى ماختايدىغان پىروگىراممىلىرىنى 30 دىن ئارتۇق ئامېرىكاامىديالىرىدا ،نۇرغۇن ئامېرىكا شەھەرلىرىدە تارقىتىدۇ.ختتاي خەلقئارا تىلىۋىزىيە قانىلى 75 مىلىيون ئامېرىكىلىقلارغا تارقىتىدىغان بولۇپ،ئۇلار بۇيرۇقنى بىۋاستە ختتاي كوممۇنست پارتىيسدىكى خوجايىنلىرىدىن قوبۇل قىلىدۇ. ختتاينىڭ يۇقىرى ئەمەلدارى بۇ قانالنىڭ باش ئىدارسنى زىيارەت قىلغاندا ئىيتقاندەك،« پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت  باشقۇرۇشدىكى مېدىيا تەشۋىقاتنىڭ ئالدىنقى فىرونتىدۇر،ئۇلارنىڭ فامىلىسى-پارتىيە بولۇشى كىرەك«

شۇڭا ئامېرىكا ئادالەت منستىرلىكى ئۆتكەن ھەپتە ئۇلاردىن ئۆزىنى چەتئەل ئاگىنىتلىقى دەپ

تېزىملىتىشنى تەلەپ قىلدى.

كوممۇنستىك پارتىيە يەنە تەكشۇرۇشتە چوڭقۇرلىغان ئامېرىكىلىق مۇخبىرلارنىڭ ختتايدىكى تۇققانلىرىغا تەھدىت سالغان ۋە تۇتقۇن قىلغان.ختتاي ئامېرىكا مدىيا شركەتلىرىنىڭ تور بېكەتلىرىنى تاقىۋەتكەن، ئامېرىكىلىق مۇخبىرلارغا ۋىزا ئىلىشنى قىينلاشتۇرغان. بۇ نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى بىر قسم ختاي  رەھبەرلىرىنڭ بايلىقى ھەققىدىكى تەكشۇرۇش دوكلاتىنى نەشر قىلغاندىن كىين يۈز بەرگەن.

بىراق مدىيا ختتاي كوممۇنست پارتىيسى سنزور مەدەنىيتىنى يىتىلدۇرۇشنى ئىزدەۋاتقان بىردىنبىر جاي ئەمەس. ختتاي ئاكادېمىك ساھەلەردىمۇ شۇنداق قىلىۋاتىدۇ.

ختتاي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە ئالىملار بىرلەشمىلىرىگە قاراپ باقايلى، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىدىكى مەكتەپلەردە 150دىن ئارتۇق تارماقلىرى بولۇپ ،بۇ گۇرۇپپىلار ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان 430 مىڭدىن ئارتۇق ختتاي مىللىتىدىن بولغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىجتىمائى پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەشكە ياردەم بىرىدۇ.ئۇلار يەنەختتاي ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئامېرىكا مەكتەپلىرىنىڭ كوممۇنست پارتىيە سياسىتگە زىت بولغان  ھامان ختتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە كونسۇلخانىلىرىغا خەۋەر بىرىدۇ.

مارىلاند شتاتىدىكى بىر ختتاي ئوقۇغۇچى ئۆزىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسمىدىكى سۆزىدە «ئامېرىكىدىكى ئەركىن سۆزلەش مۇھىتى ۋە ئەركىن ھاۋا> نى تىلغا ئالغان.ختتاي كوممۇنست پارتىيسنىڭ ئورگان گېزىتى دەرھال ئۇنى قاتتىق ئەيىپلىگەن.ئۇ ختتايدىكى قاتتىق كونتىرۇل قىلىنىدىغان ئىجتىمائى تاراتقۇدىكى قاتتىق ھۇجۇملارنىڭ قۇربانى بولغان،ئاتا-ئانىسى ھاقارەتلەنگەن.ئۇنېۋرستتىنىڭ ئۆزىگە كەلسەك،بۇرۇنقى سەلدەك ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئەمدىلىكتە تامچىغا ئايلىنىپ قالغان.

ختتاي ئاكادېمىيە ساھەسدىكى بسملىرىنى يەنە باشقا ئۇسۇللار بىلەن ئىجرا قىلماقتا. بېجىڭ ئۇنېۋرستىتلار،ئاقىللار ئامبارلىرى ۋە ئالىملارغا سخيلىق بىلەن فوندى تەمىنلەپ،ختتاي كوممۇنست پارتىيسى ياقتۇرمايدىغان ياكى خەتەرلىك دەپ قارايدىغان ئىدىيەلەردىن يىراقلىششنى ئۇمىد قىلغان.

ختتاي مۇتەخەسسلىرى شۇنى بىلىدۇكى، ئەگەر ئۇلارنىڭ تەتقىقاتى بىيجىڭنىڭ مەيدانى بىلەن ئوخشاش بولمىسا ،ئۆزلىرىنىڭ ۋېزا ئالالمايدىغانلىقى ياكى كىچىكتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدۇ.

ھادسۇن ئىنۇستىتۇتى ئۆزى بىۋاستە دۇچ كەلگەندەك، ختتاي فوندىدىن ئۆزىنى قاچۇرغان ئالىملار ۋە گۇرۇپپىلارمۇ ھۇجۇم نشانى بولۇپ قالغان. ھادسۇندىكىلەر بېجىڭ ياقتۇرمايدىغان بىر سۆزلىگۇچىگە سۆزلەش پۇرستى بەرگەندىن كىين، سلەرنىڭ تور بېكىتىڭلار شاڭخەيدىن كەلگەن بىر قېتىملىق قاتتىق تور ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.ھادسۇن ئىنۇستىتۇتى شۇنى ھەممىدىن ياخشى بىلىدۇكى،ختتاي كوممۇنستىك پارتىيسى بۇگۇنكى ئامېرىكىدا ئاكادېمىك ئەركىنلىك ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى بېتچىت قىلىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق قىلماقتا.

ختتاي قوللانغان بارلىق ھەرىكەتلەرنى بىرلەشتۇرۇپ قارساق، ئامېرىكا جامائەت پىكرى ۋە سياستىنى پىرىزدىنت دونالد تىرامپ رەھبەرلىكىدىكى <ئامېرىكا بىرىنچى> سياسىتىدىن يىراقلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۇچەيتىۋاتقان بىر ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز.

بىراق بىزنىڭ ختتاي ھۆكۇمرانلىرىغا بىرىدىغان ئۇچۇرىمىز :ئامېرىكا پىرزدىنتى ھەرگىز ئارقىغا چېكىنمەيدۇ. (ئالقىش) ئامېرىكا خەلقى ھەرگىز سلەرگە ئاغمايدۇ.بىز بېجىڭ بىلەن مۇناسۋەتنى ياخشلاشنى ئۇمىد قىلىش بىلەن بىرگە،بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىز ۋە ئېقتسادىمىز ئۈچۈن كۈچلۈك تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىمىز.

بىزنىڭ ھۆكۈمىتىمىز ئامېرىكا مەنپەئىتى،ئامېرىكلىقلارنىڭ خىزمەت پۇرستى ۋە ئامېرىكا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن ھەل قىلغۇچى ھەرىكەتلەرنى داۋاملاشتۇرىدۇ.

بىز ھەربى كۇچىمىزنى قايتا قۇرغاندەك،بىز ھىندى-تىچ ئوكيان بويلاپ ئامېرىكا مەنپەئىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىمىز.

بىز ختتاينىڭ سودا قىلمىشغا ئىنكاس قايتۇرۇش بىلەن بىرگە،بىز ختتاي بىلەن داۋاملىق ئەركىن،ئادىل ۋە ئۆز-ئارا بولغان سودا پۇرستىنى تەلەپ قىلىمىز.بىز بېجىڭنىڭ ئۆزىنىڭ سودا توساقلىرىنى بىكار قىلىشنى،مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشنى ،خۇددى بىز ئۆز ئېقتسادىمىزنى ئاچقاندەك بىزگىمۇ ئېقتسادىنى تولۇق ئىېچىشنى تەلەپ قىلىمىز.

بىز تاكى بېجىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەقلى مۈلۈك ھوقۇقىنى ئوغرىلاشنى مەڭگۈلۈك توختاتقانغا قەدەر بېيجىڭغا قارشى ھەرىكەت قىلىشنى داۋاملاشتۇرىمىز.

بېجىڭ مەجبۇرى تېخنىكا ئاشكارىلاشقا زورلاش قىلمسنى توختاتقا قەدەر بىز قەتئى كۈچلۈك تۇرىمىز. بىز ئامېرىكا كارخانىلىرىنىڭ شەخسى ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى قەتئى قوغدايمىز (ئالقىش)

بىز ئەركىن ۋە ئوچۇق ھىندى-تىچ ئوكيان غايىمىزنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن،بىز رايوندىكى ھىندستاندىن باشلاپ ساموراغىچە بىز بىلەن ئورتاق قىممەت قاراشلارغا ئىگە دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىمىزنى كۇچەيتىمىز.بىزنىڭ مۇناسۋىتىمىز ئىگەللىۋىلىش ئەمەس بەلكى ھەمكارلىق ئۇستىگە قۇرۇلغان ھۇرمەت روھىدىن تەرەققى قىلىدۇ.

بىزنىڭ يېڭى سودا كىلىشىملىرىمىز خۇددى ئۆتكەن ھەپتە پىرىزدىنىت دونالد تىرامپ جەنۇبى كورىيە بىلەن كۇچەيتىلگەن سودا توختامى ئىمزالىغاندەك،ئىككى تەرەپلىك مەنپەئەتكە ئاساسلىنىدۇ.بىز يەنە پات ئارىدا ياپونىيە بىلەن ئىككى تەرەپلىك ئەركىن سودا كىلىشمى ئىمزالاش ئۇچۇن تارىخى سۆھبەتلەرنى باشلايمىز .(ئالقىش)

مەن سلەرگە يەنە شۇنى دىگەنلىكىمدىن خۇرسەنمەن، بىز خەلقئارا تەرەققىيات ۋە پۇل-مۇئامىلە پىروگىراممىلىرىنى ئىلگىرى سۇرىۋاتىمىز. بىز چەتئەل دۆلەتلىرىگە ختتاينىڭ قەرز قىلتىقى دىپلوماتىيەسى ئورنىغا ئادىل ۋە ئاشكارا بولغان تاللاشنى سۇنىمىز.مۇھىمى، مۇشۇ ھەپتە پىرزدىنت تىرامپ «قۇرۇلۇش قانۇن لايىھىسى«قانۇنىغا ئىمزا قويىدۇ.

كىلەر ئايدا،مەن شەرەپ بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا ۋاكالىتەن سنگاپوردىكى ئاسيا باشلىقلار يېغىنى ۋە ئاسيا-تىچ ئوكيان ئېقتسادى ھەمكارلىق يېغىنىغا قاتنىشمەن.بۇ يەردە بىز ئەركىن ۋە ئاشكارا بولغان ھىندى-تىچ ئوكياننى قوللاش ئۈچۈن يېڭى تەدبىرلەرنى ئاشكارىلايمىز.مەن پىرزدىنت تىرامپنىڭ نامىدىن ،ئامېرىكىنىڭ ھىندى-تىچ ئوكيانغا بولغان ئەھدىسى ئەزەلدىن بۇنچە كۇچلۇك بولمىغانلىقىنى يەتكۇزىمەن.(ئالقىش)

دۆلىتىمىزگە نسبەتەن،بىز ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئىتىمىزنى قوغداش ئۈچۈن <چەتئەل مەبلىغى كومىتىتى>نى كۇچەيتىپ،دۆلەت بىخەتەرلىكىمىزنى بېيجىڭنىڭ زىيانلىق قىلمىشلىرىدىن ساقلاش ئۈچۈن ختتاينىڭ ئامېرىكىدىكى مەبلەغ سلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىشنى كۇچەيتىمىز.

بېيجىڭنىڭ ئامېرىكىنىڭ سياستى ۋە سياسەتلىرىگە يامان غەرەزلىك بىلەن ئارلىشش قىلمىشغا كەلسەك،مەيلى ئۇ قانداق شەكىلدە بولۇشدىن قەتئىينەزەر بۇنى ئاشكارىلاشنى داۋاملاشتۇرىمىز.بىز جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە رەھبەرلەر بىلەن بىرلىشپ، دۆلىتىمىزنىڭ مەنپەئىتى ۋە ئەڭ قىممەتلىك ئىدىيەلىرىنى قوغدايمىز. ئامېرىكا خەلقى ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ، دەرۋەقە ئۇلار مۇھىم رول ئويناپ كەلمەكتە.

بىز بۇ يەردە توپلاشقان مۇشۇ پەيتتە ،ئامېرىكىنىڭ ھەممە يېرىدە بىر ئورتاق تونۇش باش كۆتۈرمەكتە.

تېخىمۇ كۆپ شركەت رەھبەرلىرى كىلەر پەسلى ختتاي بازىرىغا شۇڭغۇپ كىرىشتىن بۇرۇن ئەقلى مۈلۈكىنى ئۆتۇنۇپ بىرىش ياكى ختتاينىڭ پۇقرالارغا زۇلۇم قىلىشغا ياردەم بىرىشتىن دىرەك بىرەمدۇ يوق بۇ ھەقتە ئىككى قېىتىم ئويلىنىدىغان بولدى.بىراق تېخىمۇ كۆپ كارخانىلار قائىدىگە بويسۇنۇشى كىرەك،مەسلەن:گۇگىل دەرھال ختتاي كوممۇنستك پارتىيسنىڭ نازارەتچىلىكىنى كۇچەيتىدىغان ۋە ختتاي پۇقرالىرىنىڭ شەخسى ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىدىغان «ئۇچار ئەجدەرھا« پىلانىنى دەرھال توختىتىشى كىرەك.(ئالقىش)

تېخىمۇ كۆپ مۇخبىرلارنىڭ ھىچقانداق قورقۇنچ ياكى مەنپەئەتنى ئويلاشماستىن ختتاينىڭ بىزنىڭ جەمئىيتىمىزگە قانداق ۋە نىمە ئۇچۇن شۇڭغۇپ كىرگەنلىكىنى خەۋەر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۇش كىشنى خۇرسەن قىلىدۇ.بىز ئامېرىكا ۋە خەلقئارا خەۋەر ئورگانلىرىنىڭ بۇ ھەرىكەتكە تېخىمۇ كۆلەملەشكەن ھالدا قاتنىششنى ئۇمىد قىلىمىز.

تېخىمۇ كۆپ ئالىملار ئىلمى تەتقىقات ئەركىنلىكىنى قوغداش ئۈچۈن سۆزلەۋاتىدۇ،ھەر بىر دوللار پۇلنىڭ مۇناسپ تەلىۋى بولىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن تېخىمۇ كۆپ ئۇنېۋرستىتلار ۋە ئاقىللار ئامبارلىرى ھەر بېيجىڭنىڭ ئىزىزىقتۇرغۇچى پۇلىنى رەت قىلىشقا باشلىدى.بىز بۇ خىل ئېقىمنىڭ كۆپىيشگە ئىشنىمىز.

دۆلىتىمىزنىڭ ھەممە يېرىدە،ئامېرىكا خەلقى ھۆكۈمىتىمىزنىڭ ھەرىكەتلىرى ۋە پىرىزدىنتىنىڭ رەھبەرلىكى ئارقىلىق نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ختتاي بىلەن  ئېقتسادى ۋە ستراتىگىيەلىك مۇناسۋىتىنى قايتا تەڭشەشكە بولغان يېڭى مىننەتدارلىقى ۋە سەزگۇرلىكىنى تونۇپ يەتتۇق.

پىرزدىنىت تىرامپنىڭ رەھبەرلىكى ئاستىدا ،مەن سلەرگە ئامېرىكىنىڭ ئۆز يولىدا مۇستەھكەم تۇرىدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرىمەن،ختتاي ئامېرىكا خەلقى ۋە ھەر ئىككى پارتىيەدىن  سايلانغان ئەمەلدارلارنىڭ قەتئى ئىرادىگە كەلگەنلىكىنى بىلىشى كىرەك.

بىزنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ستىراتىگىيمىز بايان قىلغاندەك،بىز شۇنى ئەستە ساقلىشمىز كىرەككى،<رىقابەت ھەمىشە دۈشمەنلىكتىن دىرەك بەرمەيدۇ> .پىرزدىنىت ئوچۇق جاكارلىدىكى،بىز بېجىڭ بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ گۈللىنىشى ۋە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مۇناسۋەتنى ئىجابى مۇناسۋەتنى خالايمىز.بېجىڭ بۇ خىل غايىدىن يىراقلىشۋاتقان بولسمۇ،ختتاي ھۆكۈمرانلىرى ھىلىھەم رىلىسقا قايتىپ،ئىككى تەرەپنىڭ نەچچە ئون يىل بۇرۇنقى مۇناسۋىتىنى سۇپەتلەيدىغان ئسلاھات ۋە ئېچۋىتىش روھىغا قايتىپ كىلەلەيدۇ.ئامېرىكا خەلقى بۇنىڭدىن كۆپ نەرسگە مۇھتاج ئەمەس،ختتاي خەلقىمۇ ئۇنىڭدىن ئاز نەرسگە ھەقدار ئەمەس.

ئۇلۇغ يازغۇچى لۇشۇن ھەمىشە ئۆز دۆلىتىدىن شۇنداق زارلاپ مۇنداق يازىدۇ،ئەجنەبيلەرگە ھەمىشە ياكى زوراۋانلاردەك قارايدۇ،ياكى مۇقەددەس پەرشىتىلەردەك مۇئامىلە قىلىدۇ،ھەرگىز باراۋەر مۇئامىلە قىلمايدۇ.مانا بۇگۇن،ئامېرىكا ختتايغا ئۆز قولىنى ئۇزاتتى.بىز بېيجىڭنىڭ تىزلا ئامېرىكىغا سۆز بىلەن ئەمەس،ھەرىكەت بىلەن ،يېڭىچە ھۇرمەت بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئۇمىد قىلىمىز.ئەمما شۇنى بىلىپ قالسۇنكى،بىز ختتاي بىلەن بولغان مۇناسۋەت تاكى ئادىللىق،ئۆز-ئارا بولۇش ۋە بىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىمىزغا ھۇرمەت قىلىش ئۇستىگە پۇختىلانمىغۇچە قەتئى بولدى قىلمايمىز.(ئالقىش)

ختتايلاردا بىر قەدىمى ماقال-تەمسل بار،<ئنسان بۇگۇننى كۆرىدۇ،تەڭرى يىراقنى >.بىز ئالدىمىزغا قاراپ ماڭىمىز،بىز قەتئى ئىرادە ۋە ئېتىقادت بىلەن تىچلىق ۋە گۈللىنىش يولىنى بويلاپ ئالغا باسايلى.بىز پىرىزدىنىت تىرامپنىڭ رەھبەرلىكى ۋە غايىسگە ،ئۇ ختتاي بىلەن ئىلىپ بىرىۋاتقان مۇناسۋەتكە ئىشنەيلى.ئامېرىكا خەلقى بىلەن ختتاي خەلقى ئوتتۇرسدىكى دوسلۇققا ئىشىنەيلى.تەڭرى كۆرۈپ تۇرغان كەلگۇسىگە ئىشىنەيلىكى،تەڭرىنىڭ ياردىمى بىلەن ئامېرىكا ۋە ختتاي كەلگۇسگە بىللە يۇزلىنىدۇ.

رەھمەت سلەرگە،تەڭرى سلەرگە ئامەت بەرسۇن،تەڭرى ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىغا ئامەت بەرسۇن!

(ئالقىش)

چۈشتىن بۇرۇن : 11:47

مۇئاۋىن پىرزدىنىت مايىك پەنسنىڭ ئامېرىكىنىڭ ختتاي سياسىتى ھەققىدىكى تارىخى نۇتۇقى

Share
1426 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.