logo

trugen jacn

ميۇنخېندا ئۇيغۇرلار دۇنياغا «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى قىرىۋاتىدۇ!!!» دەپ خىتاب قىلدى

a415677d-e889-4873-bfe6-f7faa868c21f

 ئەكرەم

ئاڭلاش ياكى چۈشۈرۈشﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرى مۇبارەك روزا ھېيتنى كۈتۈۋېلىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 7-ئاينىڭ 28- ۋە 29-كۈنلىرى شەرقى تۈركىستاننىڭ يەكەن ناھىيىسىنىڭ بىرنەچچە يېزىلىرىدا، ئۇيغۇرلارغا قارىتا زوراۋانلىق ۋە قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ بارغانلىقى پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنى قايغۇ ھەم غەزەپكە تولدۇردى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىگۇناھ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان مەزكۇر قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىگە قارشى، د ئۇ ق نىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە چاقىرىقىغا ئاساسەن د ئۇ ق مەركىزى ئورگىنى تەرىپىدىن 4-ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى خىتاينىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا ميۇنخېن ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى شەھەرلەردە ياشاۋاتقان 100 دىن ئارتۇق ۋەتەنسۆيەر، مىللەتپەرۋەر ئۇيغۇرلار قاتناشتى. نامايىش نەق مەيدان ئەھۋالى ھەققىدە ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەكرەم مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەگە تېلېفون ئارقىلىق تەپسىلىي مەلۇمات يەتكۈزدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/germaniye-namayish-08042014162510.html

Share
1646 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.