logo

trugen jacn

مىڭلارچە كوبانى قوللىغۇچىسى ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلدى

5389576349klnygur

گېرمانىيەنىڭ كۆلن شەھىرىدىكى ئېبېرپلاتز مەيدانىدا ئى ش ئى د غا قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن 3 مىڭدەك كىشى بىلەن 50 كىشىلىك ئۇيغۇر نامايىشچى ئارىسىدا سۈركىلىش يۈز بەردى.

كۆلننىڭ ئېبېرپلاتز مەيدانىغا توپلىنىپ، ئى ش ئى د نىڭ كوبانى (ئەينۇلئەرەب) غا ھۇجۇم قىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن 3 مىڭ ئەتراپىدا كىشى كۈچلۈك بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئاستىدا شەھەر مەركىزىگە قاراپ يۈرىدىتۈركىيەگە قارشى شوئالارنى توۋلاشقان نامايىشچىلار كۆلن چوڭ چېركاۋىنىڭ ئالدىدا كۆك بايراق ۋە تۈرك بايراقلىرىنى كۆتۈرۈۋالغان ھالدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن توپلانغان 50 ئەتراپىدىكى نامايىشچىغا ھۇجۇم قىلدى

كۆلن ساقچىلىرىنىڭ ۋاقتىدا مۇداخىلە قىلىشى نەتىجىسىدە ۋەقەنىڭ زورىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدى ئېلىندى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقلىرىنى تەلەپ قىلىش ئۈچۈن توپلانغان نامايىشچىلار ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىن يىراقلاشتۇرۇلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
1490 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.