logo

trugen jacn

مىللەت يېزىقى


چىنار

       يېزىق ئىنسانلار جەمئىيەت بولۇپ شەكىلىنىپ بولغاندىن كېيىن جەمئىيەتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلشى نەتىجىسىدە جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجى بىلەن بارلىققا كەلگەن بىر شەيئى. ئەڭ قەدىمكى يېزىقلار–  پىتوگرافىيىلىك ( رەسىملىك ) يېزىقلاردىن كېيىن ئىجاد قىلىنغان يېزىقلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك بىر قەبىلە ياكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ياكى بىر مىللەت ئادەملىرى چىقارغان مەنىلىك تاۋۇش ئېلېمېنتلىرى— فونېما ياكى فونېما بىرىكمىلىرىگە ( بوغۇملارغا ) ئاساسەن مەزكۈر قەبىلە ياكى قەبىلىلەر ئىتتىپاقى ياكى مىللەتتىكى بىر كىشى ياكى  بىر گۇرۇپپا كىشلەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان ھەرپلەر ياكى شەكىللەر توپلىمى يەنى ھەرىپلەر ياكى شەكىللەر سىستېمىسى. بۇ خىل يېزىق رولىنى ئويناىدىغان ھەرپلەر ياكى شەكىللەر بىلەن فونېما ۋە فونېما بىرىكمىلىرىنىڭ مۇققەرەرباغلىنىشى يوق. قانداق فونېما ياكى فونېما بىرىكمىسى ئۈچۈن قانداق ھەرپ ياكى شەكىل بېكىتىش ئىجاد قىلىغۇچىلارنىڭ خاھىشىغا باغلىق بولغان. قانداقلا بولمىسۇن بۇ يېزىقلاردىكى ھەرپلەر ياكى شەكىللەر ئارىسىدا ئۆزئارا ماسلىشىش مەۋجۇت بولغان يەنى ئىلمىي ئاساستا ئىجاد  قىلىنغان. 

       ھازىرقى زاماندا مۇئەييەن بىر مىللەت قوللىنىۋاتقان يېزىق بىر بولسا ئۆز ئاتا- بوۋىلىرى ئىجاد قىلغان يېزىق، بىر بولسا باشقا بىر مىللەتنىڭ يېزىقى، بىر بولسا يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان يېزىق. مەسىلەن: ئىتالليان،گېرىكلار، ئەرەپلەر،ھىندىلار يەھۇدىيلار، موڭغۇللار،خىتايلار، كورېيەنلىكلەر، موڭغۇللار ۋە تىبەتلىكلەر قاتارلىقلارنىڭ يېزىقلىرىنى  ئۇلارنىڭ ئاتا- بوۋىلىرى ئىجاد قىلغان. تۈركلەر، ئۇيغۇرلار، تاتارلار ۋە ئۆزبېكلەر قاتارلىقلارنىڭ يېزىقلىرى بولسا باشقا مىللەتلەرنىڭ يېزىقلىرى. ( ئەسلىدىكى ئېلىپبەلەرگە يېڭىدىن بىر قانچە ھەرپ قۇشۇلغان ۋە بىر قانچە ھەرپ قىسقارتىلغان.) بەزى مىللەتلەرنىڭ يېزىقلىرى بولسا يېڭىدىن ئىجاد قىلىنغان يېزىقلار. مەسىلەن،خىتايدىكى قىسمەن مىللەتلەرنىڭ يېزىقلىرى بولسا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۆلىتىدىكى يېزىقلىرى يوق مىللەتلەرگە  ئىجاد قىلىپ بىرىلگەن يېزىقلار ( بۇ خىلدىكى يېزىقلار يەنىلا لاتىن يېزىقى ئاساسىدا ئىجاد قىلىنغان. )

      بىر مىللەت قانداق بىر يېزىقنى ئىشلىتىشىدىن قەتئى نەزەر، مەزكۈر يېزىق زامانلارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ يېزىقنى ئىشلىتىۋاتقان مىللەتنىڭ مىللىي يېزىقىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. مەسىلەن،ھازىر زامان ئۇيغۇر يېزىقى.

       بىر مىللەتنىڭ جانلىق تىلىنىڭ ئىجىمائىي مۇناسىۋەت ۋە كىشلىك تۇرمۇشتا  ئۆزئارا ئالەقىلىشىش ۋە ئاغزەكى خاتىرە قالدۇرۇش فونكسىيىسىلىرى بولغىنىدەك بىر مىللەت يېزىقىنىڭمۇ شۇ مىللەتنىڭ ئىجىمائىي مۇناسىۋەت ۋە كىشلىك تۇرمۇشىدا يازما شەكىلىدە ئۆزئارا ئالەقىلىشىش فونكسىيىسىگە ئىگە بولۇشتىن تاشقىرى يەنە  مىللەتنىڭ كىملىكى، تارىخى، ئىدېئولوگىىسى، مەدەنىيىتى، ئەدەبىيات- سەنئەت ۋە مەنىۋى روھى جەھەتلىرىدە خاتىرە قالدۇرۇشتا ئىنتايىن زور رولى بار.

        بىر  مىللەتنىڭ ئىشلىتىۋاتقان يېزىقىدىن باشقا بىر مىللەتنىڭ يېزىقىنى ئىشلىتىشكە كۆچۈشى ياكى يېڭى بىر يېزىقنى ئىجاد قىلىپ قوللىنىشى مەزكۈر مىللەت ۋە جەمئىيەت ئۇچۈن ئاپەت خاراكتېرلىق بىر ئىجتىمائىي ھادىسە. يېزىق ئۆزگەرتىش ياكى يېڭى بىر يېزىقنى ئىجاد قىلىپ قوللىنىش بىر تەرەپتىن شۇ يېزىقنى قوللىنىۋاتقان تىل جەمئىيىتى ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەتكە سەلبى تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ مەدەنىي قۇرۇلمىسىنى بۇزۇش رولىنى ئوينايدۇ، بىر قانچە ئەۋلادنى ساۋاتسىز قىلىدۇ،كىشلەر ئوتتۇرىسىدىكى يازما ئالاقىلىشىشقا توسالغۇ بولىدۇ. مىللەتنىڭ  مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ داۋاملىشىغا توسالغۇ بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ۋاسىتلىق ھالدا جەمئىيەت تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇپ جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئاستالىتىدۇ ياكى كەينىگە چېكىندۈرىدۇ ياكى توختىتىپ قۇيىدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن بەلكىم بۇ مىللەتنىڭ باشقا مىللەت تەرىپىدىن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىشى مۇمكىن. بۇنىڭ تىپىك مساللىرىدىن مۇستافا كامال،ستالىن ۋە ماۋزېدوڭلارنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىش ھەرىكەتلىرىنى كۆرسىتىشكە بولىدۇ. مۇستافا كامال تىلشۇناسلىق بىلىملىرى ۋە جەمئىيەتشۇناسلىقتىن تولۇق خەۋىرى بار بولغان بىر زات بولغان ئەمەس. ئۇ بىر مەشھۇر ھەربىي قوماندان ۋە سىياسىيون. ئۇنىڭ يېزىق ئۆزگەرتىشىدىكى مەقسىتى بىر تەرەپتىن بەلكىم موللىلارنىڭ يېڭى جۇمھۇرىيەت ھاكىمىىيەتكە بولغان تەسىرىنى يوقىتىش بولغان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بەلكىم تۈركىيەنىڭ زامانىۋىلىشىشنى كۆزلىگەن بولۇشى مۇمكىن. لېكىن ئەمەلىيەتتە مۇستافا كامالنىڭ بۇ خىل يېزىق ئۆزگەرتىشى ھازىرقى زاماندىكى تۈرك خەلقىنى ( تەتىقىقاتچىلىرىدىن باشقا ) ئۆزلىرىنىڭ پارلاق يازما مەدەنىيەتلىرىنى بىۋاستە كۆرۈشتىن مەھرۇم قىلىش بىلەن بىرگە يەنە تۈرك جەمئيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ۋاستلىق ھالدا نىسپەتەن ئاستالاتقان. ئەندى ستالىن ۋە ماۋزېدوڭلارنىڭ پۈتكۈل تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ يېزىقنى ئۆزگەرتىشى پۈتۈنلەي بۇ زىمىندىكى تۈركىي مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان. بىر مىللەتنىڭ يېزىقىنى ئۆگەرتىش بولسا مەزكۈر مىللەتنى  ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنىڭ ئەڭ ئاسان ، ئەڭ ئەپلىك ۋە ئەڭ ئوڭۇشلۇق ئۇسۇللىرىنىڭ بىرىدۇر.

       يېزىقنىڭ رىقابېتى بولمايدۇ، چۈنكى ئادەتتە بىر  مىللەتتە بىر خىل يېزىق مەۋجۇت. موبادا مۇئەييەن بىر مىللەتتە يەنە بىريېڭى يېزىق پەيدا بولسا، كۆپۈنچە ئەھۋالدا دەۋرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ مىللەتنىڭ ئەسلىدە ئىشلىتىۋاتقان يېزىقى  مۇقەررەر ھالدا بارا- بارا ئىستىمالدىن قىلىپ، جەمئىيەتىدىن غايىپ بولىدۇ.

       ھەر قانداق  سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ بىر مىللەتنىڭ يېزىقىنى ئۆزگەرتىش ياكى قۇشۇمچە قىلىپ يەنە بىريېڭى يېزىقنى ئىجاد قىلىپ بېرىشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسىي يوق.  بىر مىللەتنىڭ ئىشلىتىۋاتقان يېزىقى ھەر زامان مەزكۈر مىللەتنىڭ ھەر قانداق ئېھتىياجىدىن چىقىپ كەلگەن. ئەگەر ئېھتىياجىدىن چىقمىغان بولسا بۇ يېزىق ئاللاچان ئىستىمالدىن قالغان بولاتتى.  ھازىرقى زاماندا دۇنيادا مەۋجۇت بولغان يېزىقلارنىڭ ئەمەلىيەتلىرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بۇ يېزىقلارنىڭ ھەر قاندىقى ھازىرقى زامان پەن- تېخىنىكىسىنىڭ ھەر قانداق يازما شەكىلدىكى ئېھتىياجىدىن چىقالايدۇ. « بۇ يېزىق قالاق »،« بۇ يېزىق پەن- تېخنىكىنىڭ ئېھتىياجىدىن چىقالمايۋاتىدۇ » دېگەندەك گەپلەر بىر بولسا يېزىقتىن ئىبارەت بۇ شەيئىگە بولغان چۈشەنچىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى ۋە جەمئىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تولۇق  بىلمىگەنلىكتىن كېلىپ چىققان، بىر بولسا ھۆكۈمران دائىرلەرنىڭ باشقا مىللەتلەرنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىۋېتىش مەقسىتىدىن كېلىپ چىققان. 

       ھازىرقى زاماندا پەن- تېخنىكىدا تەرەققى قىلىپ، ئىقتىسادىي تەرەپتىن قەد كۆتەرگەن خىتاي، ياپونىيە ۋە كورىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ يېزىقلىرىنى ئۆزگەرتمەي ياكى قوشۇمچە بىر يېزىق ئىجاد قىلماي، تەرەققى قىلغان. خىتايلارنىڭ خىتاي يېزىقىغا قۇشۇمچە قىلىپ ، خىتاي زىيالىيلىرى خىتاي يېزىقىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبەسىنى ئىجاد قىلىشى پەقەت كۈرمىڭ خىتاي خېتىنى ئوقۇش مەقسىتىدە ئىجاد قىلىنغان شەكىللىك بەلگىلەر « بو فو مو فو » سىنىڭ ئورنىغا ئىجاد قىلغان. تا ھازىرغىچە خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ بىرەرسى بۇ خىتاي يېزىقىنىڭ فونېتىكىلىق ئېلىپبەسى ئىشلىتىلىپ بىر بەت خەت يېزىپ باقمىدى.

       ئەينى زامانىسىدا مۇسۇلمان تەپەككۈرلىرى، ئالىملىرى، ئەدىپ-  يازغۇچىلىرى، سەنئەتكارلارلىرى ۋە مېمارلىرى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ ئاساسىي بولغان ئەرەب يېزىقى بىلەن پارلاق ئىسلام مەدەنىيىتىنى ياراتقان. جۇملىدىن مۇسۇلمان ئۇيغۇر تەپەككۈرلىرى، ئالىملىرى ۋە ئەدىپ- يازغۇچىلىرى  ئەرەب يېزىقى بىلەن « قۇتادغۇبىلىك »( قەدىمىي ئۇيغۇر يېزىقىدا كۆچۈرۈلگەن نۇسخىسىمۇ مەۋجۇت )، ( يۈسۈپ خاس ھاجىپ )،« تۈركىي تىللار دىۋانى » ( مەھمۇد قەشقەرى ) ۋە «ئەتەبەتۇل- ھەقايىق » ( ئەھمەد يۈكنەكى ) قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر بولغان نادىر ئەسەرلەرنى ياراتقان.  

       ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقى ئىلمىلىقى يۇقىرى بولغان موكەممەل ھەمدە كامالەتكە يەتكەن بىر يېزىق سىستېمىسى بولۇپ شەكىللەندى. بۇ يېزىقنىڭ ئىقتىدارى شۇنداق يۈكسەكى بۇ يېزىق بىلەن ئۇيغۇر تەپەككۈرلىرى، ئۇيغۇر ئالىملىرى، ئۇيغۇر ئەدىپ- سەنئەتكارلار ۋە ئۇيغۇر پەن- تېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى ئۆزلىرىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن ئەسەرلىرىنى ياراتتى. بۇ يېزىق بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ مۇقەددەس دىنىي دەستۇر كىتابى « قۇرئان كەرىم» نىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ۋە « مۇھەممەد ئەليھسىسالامنىڭ تەرجمىھالى » قاتارلىق ئىسلام دىنىنىڭ مەشھۇر كىتابلىرى تەرجىمە قىلىندى. ئۇيغۇر ئەدەبىي تەرجىمانلىرى دۇنيا ئەدەبىيات غەزىنىسىدىكى « ئاننا كارېنىنا »، « جىنايەت ۋە جازا » ۋە « مىڭ بىر كىچە » قاتارلىق مەشھۇر نادىر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى. ئۇيغۇر پەن- تېخنىكا تەرجىمانلىرى ھازىرقى زامان ئىلىم- پەن ۋە تېخنىكىسىغا دائىر ئەڭ ئالدىنقى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلدى. خىتاي ئەدەبىي كلاسسىكلىرىدىن « قىزىل راۋاقتىكى چۈش »، « سۇ بۇيىدا »  ۋە « تاڭ دەۋرى شېرلىرىدىن 300 » قاتارلىق ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىلىكىگە ھەتتا خىتاي زىيالىيلىرىمۇ ھەيراتتا قىلىپ، ياقىلىرىنى چىشلىشىپ قالغان. مۇشۇنداق بىر ھەممىگە قادىر ئۇيغۇر يېزىقى قانداقسىغا يەنە ئۇيغۇر لاتىنچە كومپيوتېر يېزىققا مۇھتاج بولۇپ قالدى ؟! باشلانغۇچ مەكتەپتىن تارتىپ ئالى مەكتەپلەرگىچە بولغان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئوقۇ- ئوقۇتۇش دەرسلىك كىتابلىرىنىڭ ھەممىسى شەرقىي تۈركىستاندا يېڭىچە پەننىي مەكتەپلەر يولغا قويۇلغاندىن باشلاپ نەشر قىلىنىپ كەلدىغۇ؟! كومپيوتېردا پەن- تېخنىكىغا دائىر ماقالە ۋە فورمۇلىلارنى يازغاندا ئۇيغۇر يېزىقىدىكى باش ھەرپلەر بىلەن ئىپادىلەش مۇمكىن ئەمەسمۇ؟! ياكى خەلقئارادا ئۇرتاق، ئومۇملاشقان، بېكىتىلگەن ھەرپلەر، بەلىگىلەر ۋە ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەرپلەرنىڭ خەلقئارا ترانسكرىپسىيىسىگە  ئۇدۇل كېلىدىغان بەلگىلىرىنى ئىشلەتسە يىتەرلىك ئەمەسمۇ؟!     

      ھەر قايسى تۈركىي مىللەتلىرىنىڭ تىل- تەرەقىياتى ئۆزگىچە بولغان ھازىرقى زاماندا دۇنيادىكى تۈركىي مىلەتلەر ئۈچۈن ھازىرقى زامان تۈرك يېزىقىنى چۆرىگەن ھالدا يېڭى يېزىقلارنى يارىتىشنىڭ نىمە ئېھتىياجى بار؟!  ھازىرقى زاماندا ھەر قايسى تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ئاۋام خەلقى ئۈچۈن ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى مىللىي يېزىقلىرى يېتىپ ئاشىدۇ، ئەندى ھەر قايسى تۈرك مىللەتلىرىنىڭ زىيالىيلىرى ئۆز تەتقىقاتلىرىدا باشقا تۈرك مىللەتلىرىنىڭ ماتىرىياللىرىغا ئېھتىياجى چۈشسە، ئۆزلىرى بىر ئاز ۋاقىت چىقىرىپ شۇ ئېھتىياجلىق بولغان يېزىقنى ئۆگىنىپ ئالسا بولدىغۇ؟! ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىدە ۋاقتى- سائەتى كەلگەندە بۇ بىرلىككە كەلگەن تۈركىي يېزىقلارنى قوللىنىۋاتقان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆزئارا ياردەمدە بولۇشىمۇ بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالىدىغان بىر ئەھۋالدا تۈرك يېزىقىغا يانداش قىلىپ ئۇيغۇر لاتىنچە يېزىقنىڭ ( ئۇيغۇر لاتىنچە كومپيوتېر يېزىقىنىڭ) نىمە ھاجىتى بار؟! ۋاقتى كەلگەندە « ئۆزەڭنىڭ دەردى يۇرەكتە، باشقىلارنىڭ دەردى ئېتەكتە » بولۇپ قالىدۇ. گەپنىڭ پوسكالىسى، ئۆزەڭنىڭ ئىشىگە ئۆزەڭ پۇختا بول!

        ئۇيغۇر زىيالىيلىرى زادى  « ئۇيغۇر لاتىنچە كومپيوتېر يېزىقى ئىشلەتمىسەك بولمايدۇ » دېسە، بۇ يېزىقىنى « ئاتمۇ ئەمەس، ئىشەكمۇ ئەمەس، خىچىر قىلىپ قۇيغىچە »، ھازىرقى زاماندا ئىلمىي ۋە پەن- تېخنىكىغا دائىر كىتاب، ماقالە ۋە ماتېرىياللارنىڭ %70 دىن كۆپرەكى ئىنگلىز يېزىقىدا چىقىۋاتقانلىقىنى ئويلىشىپ، ئىنگلىز يېزىقىنى ئاساس، لاتىچە يېزىقىنى قۇشۇمچە قىلىپ  ئېلىپبە تۈزۈشى مۇۋاپىق. ھەرپلەرنىڭ مىللىيىلىكى بولمىغانلىقى ئۈچۈن (بۇ ھەرپلەر سىستېمىسىنى مۇئەييەن بىر مىللەت ئىشلەتكەندىن كېيىن مىللىيلىققا ئىگە بولىدۇ.) باشقىچە ھەرپلەرنى ئىجاد قىلىپ ياساشىنىڭ ھاجىتى يوق. لېكىن خىل ئۇيغۇر لاتىنچە كومپيوتېر يېزىقىنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ئىنتايىن خەتەرلىك بولوپ،ئەمەلىيەتتە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىغا سەۋەپ بولۇپ قالىدۇ.

       قىسقىسى، تۈركىي مىللەتلىرىدىن قايسى بىرىسى بولمىسۇن، ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى قوللىنىۋاتقان يېزىقغا يانداش قىلىپ يەنە بىر يېزىقىنى قۇشۇمچە قىلىۋالسا، بىر قانچە ئەۋلاد ئۆتكەندىن كېيىن ئۆزلىرىنىڭ ئەسىلىدىكى مىللىي يېزىقىنىڭ يوقۇلۇشىغا يول ھازىرلاپ قويغان بولىدۇ.

                                                                                                                                   2019- يىلى ئۆكتەبر

Share
2152 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.