logo

trugen jacn

مىللەت دۆلىتى، مەدەنىيەت دۆلىتى، ۋە ئاسسىمىلياتسىيە

 

 

 

ئەلروھلان

2017-يىلى 2-ئاينىڭ 3-كۈنى

 

 

 

بىز ھەممىمىز ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى 10 – 20 يىل مابەينىدە يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىمىز. ئۇيغۇر ئېلىدىكى خەلقىمىز ھازىر دۇچ كەلگەن ئەھۋاللارنى بىر ئىلمىي نەزەرىيە نۇقتىسىدىن تولۇق ۋە توغرا چۈشىنىۋېلىشنى ئىستەيمىز. مەنمۇ شۇنداق بولۇپ، ئۆزۈم قانائەتلەنگۈدەك بىر چۈشەنچىگە ئىگە بولۇش يولىدا بىر ئاز ئىزدەندىم. ئۆزۈم تاپقان ماتېرىياللار ئىچىدە ئەنگلىيەلىك ئاخباراتچى، ھەمدە دۇنيا بويىچە «ئەڭ كۆپ سېتىلغان كىتاب» (global best seller) بولغان «جۇڭگو دۇنيانى سورايدىغان بولغاندا» دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى مارتېن جەكۋىس (Martin Jacquis) نىڭ بىر پارچە ماقالىسى بىلەن بىر قانچە ئىلمىي دوكلات ۋە سۆھبەتلىرىنى خېلى ياخشى كۆردۈم. مەزكۇر يازمىدا مارتىننىڭ بىر ماقالىسىنى ئاساس [1]، ۋە بىر قانچە دوكلات ۋە سۆھبەتلىرىنى قوشۇمچە قىلىپ [2-4]، ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان بىر قىسىم ئىدىيىلەرنى بايان قىلىپ ئۆتىمەن. مەن بايان قىلىدىغان ئىدىيىلەرنىڭ ھەممىسى ئەسلىدىكى مەنبەلەرگە تەۋە بولۇپ، ئەگەر مەن ئۆزۈمنىڭ سۆزلىرىنى قوشۇپ قويماقچى بولسام، ئۇنى «ئىلاۋە» شەكلىدە بىر ئايرىم ئابزاس قىلىپ يازىمەن. بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويۇشقا تېگىشلىك بىر ئىش شۇكى، مەن ئۆزۈم تونۇشتۇرغان كۆز-قاراشلارنىڭ ھەممىسىگە قوشۇلۇپ كەتمەيمەن، ھەممىسىنى قوبۇل قىلىپمۇ كەتمەيمەن. مېنىڭ مەقسىتىم ئۆزۈمنى ۋە باشقا ئوقۇرمەنلەرنى يېڭى مەلۇمات ۋە يېڭى بىلىملەر بىلەن تەمىنلەش بولغانلىقى ئۈچۈن، يازمىدىكى مەزمۇنلارغا مېنىڭ ئۆزۈمنىڭ قوشۇلۇش-قوشۇلماسلىقى ۋە ئۇلارنى ئۆزۈم قوبۇل قىلىش-قىلماسلىقى مۇھىم ئەمەس، ھەمدە مەزكۇر يازما بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ ئەمەس. ئەمما مەن تونۇشتۇرىدىغان مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرىگە ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋەتەنداشلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك مۇھىم مەلۇمات ۋە بىلىملەر ئىكەنلىكىگە تولۇق ئىشىنىمەن.

 

 

يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغىنىدەك، مارتېن جەكۋىس بىر تونۇلغان يازغۇچى ۋە ئاخباراتچى بولۇپ، ئۇنىڭ «جۇڭگو دۇنيانى سورايدىغان بولغاندا» دېگەن كىتابى 2009-يىلى نەشر قىلىنىپ، ھازىرغىچە جەمئىي 11 خىل تىلغا تەرجىمە قىلىنغان، ھەمدە 250,000 دانىدىن كۆپرەك سېتىپ بولۇنغان. 2012-يىلى ئۇنىڭ كىتابىنىڭ 2-نەشرى بېسىلغان.

 

مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى جۇڭگو زېمىنىنىڭ كۆلىمى ھازىرقى يەر كۆلىمىنىڭ 5 تىن بىرىدىنمۇ كىچىكرەك ئىدى. ئەمما، ئالدىنقى 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان ئىگىلىۋېلىش، بويسۇندۇرۇش، ئۆزىگە قوشۇۋېلىش، ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرگە تايىنىپ، جۇڭگو ئۆز زېمىنىنى بۈگۈنكى ھالەتكە كىرگۈزدى. بۇ ئۇزۇن مۇددەتلىك تارىخىي جەرياندا ئاسسىمىلياتسىيە قىلىش تاكتىكىسى ناھايىتى مۇھىم رول ئوينىغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلى بىلەن تىبەتتە ھازىر يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارنى ئاشۇ تارىخنىڭ داۋاملىشىشى، دەپ چۈشىنىشكە بولىدۇ. مارتېن جەكۋىس بايان قىلغان ۋە مەن مەزكۇر ماقالىدە تونۇشتۇرىدىغان مەزمۇنلار ئاشۇنداق ئەھۋاللارنى توغرا ۋە تولۇق چۈشىنىۋېلىشقا ناھايىتى ياخشى ياردەم قىلىدۇ، دەپ ئويلايمەن، ھەمدە شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

 

مەن بۇ يەردە ئەسكەرتىپ قويمىسام بولمايدىغان يەنە بىر ئىش بار. ئۇ بولسىمۇ ئەسلىدىكى مەنبە ئىگىلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى مەسىلىسى. ئەگەر سىز ھازىر تورلاردىن جۇڭگونىڭ بۇنىڭدىن كېيىن قايسى تەرەپكە ماڭىدىغانلىقى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى ئىزدەپ كۆرىدىغان بولسىڭىز، ناھايىتى كۆپ ئىلمىي دوكلات، لېكسىيە ۋە سۆھبەتلەرنىڭ يۇتيۇب (YouTube) ۋىدېئو فىلىملىرى، ماقالىلەر ۋە كىتابلارنى تاپالايسىز. ھەمدە ئۇلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان كۆز-قاراش ۋە مۆلچەرلەرنىڭ ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدە «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى ئۇزۇنغا بارماي يىقىلىپ چۈشىدۇ» دېيىلگەن بولسا، يەنە بەزىلىرىدە «ئۇزۇنغا بارماي جۇڭگو دۇنيانى سورايدۇ»، «جۇڭگو يېقىن كەلگۈسىدە دۇنيا بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتىدۇ» دېيىلىدۇ. شۇڭلاشقا ماتېرىيال كۆرگەندە ئۇنىڭ ئىگىلىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. مەسىلەن، مەن يېقىندا تورلارغا چىقارغان «جۇڭگو ئاسىيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولالمايدۇ» دېگەن ماقالىنىڭ مەنبەسىنىڭ بىر ئىگىسى جون لى بىر تونۇلغان ئىقتىسادشۇناس بولۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنى ئۇزۇن مۇددەت تەتقىق قىلغان، ۋە ئۆز ماقالىسى ۋە دوكلاتىدا ناھايىتى كۆپ سانلىق مەلۇماتلارنى دەلىل سۈپىتىدە بەرگەن. شۇ ئاساستا «جۇڭگو ئاسىيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولالمايدۇ»، دېگەن يەكۈننى چىقارغان. ئاشۇ مەنبەنىڭ يەنە بىر ئىگىسى، شۇنداقلا مېنىڭ «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۇرۇشۇش ئېھتىماللىقى قانچىلىك؟» دېگەن يازمامدا پايدىلانغان مەنبەنىڭ ئىگىسى پول دىبب ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيە دۆلەت مۇداپىئە ئاخبارات مەركىزىدە ئۇزۇن مۇددەت يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇمۇ ئۆز دوكلاتلىرىدا جۇڭگونىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە كۆپلىگەن كونكرېت دەلىللەرنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ، ئاندىن «جۇڭگو ئاسىيادىكى ھۆكۈمران كۈچ بولالمايدۇ» ۋە «جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئۇرۇشمايدۇ»، دېگەن يەكۈننى چىقارغان. مەزكۇر ماقالىنىڭ مەنبەلىرىنىڭ ئىگىسى مارتېن جەكۋىس بولسا ئەنگلىيەدە ياشايدىغان بىر ئىقتىسادىي ساھەنىڭ مۇخبىرى بولۇپ، ئۇ جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم 1993-يىلى بارغان. ئۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگودا بىر مەزگىل تۇرۇپ، بىر قىسىم ئىلمىي تەكشۈرۈش ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. مەن ئۇنىڭ جۇڭگونى قانداق چۈشىنىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى بىر قىسىم كۆزىتىشلىرى ۋە ئۆزى مۇستەقىل ئوتتۇرىغا قويغان ئىلمىي كۆز-قاراشلىرىنى ناھايىتى ياقتۇردۇم. شۇڭا مەزكۇر ماقالىنى تەييارلاشنى قارار قىلدىم. ئەمما ئۇنىڭ «جۇڭگو كېيىنچە دۇنيانى سورىشى مۇمكىن»، دېگەن كۆز-قارىشىنى ئانچە ياقتۇرمىدىم، زادىلا قوبۇل قىلمىدىم، ھەمدە مەزكۇر ماقالىغا كىرگۈزۈشنىمۇ دېگەندەك خالاپ كەتمىدىم. بىراق، بەزى جايلاردا ماقالىنىڭ جۈملىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، مارتېن جەكۋىسنىڭ ھېلىقىدەك گەپلىرىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇرى بولدۇم. مەن جۇڭگونىڭ كەلگۈسىدە قايسى تەرەپكە ماڭىدىغانلىقىنى مۆلچەرلەشتە جون لى بىلەن پول دىببنىڭ سالاھىيەتلىرى مارتېن جەكۋىستىن كۆپ ئۈستۈن تۇرىدۇ، دەپ ئويلايمەن. جون لى بىلەن پول دىببنىڭ پەرىزىگە بەكرەك ئىشىنىشكە بولىدۇ، دەپ قارايمەن. مەن بۇنىڭدىن كېيىن تەييارلايدىغان ماقالىلەردىمۇ يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار مەۋجۇت بولۇپ، مەن ئوقۇرمەنلەرگە بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشنى تەۋسىيە قىلىمەن.

 

تۆۋەندە مەن مارتىننىڭ ماقالە ۋە دوكلاتلىرىنىڭ ئۆزۈم تاللىغان مەزمۇنلىرىنى بايان قىلىمەن.

 

 

ياۋروپا جۇڭگونى چۈشەنمەيدۇ

 

ھازىر ياۋروپا دۇچ كەلگەن بىر ناھايىتى چوڭ مەسىلە ئۇنىڭ جۇڭگونى چۈشەنمەسلىكى، ھەمدە جۇڭگونى چۈشەنمەيدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ئەمەلىيەتتىنمۇ خەۋەرسىز ئىكەنلىكىدۇر. ئۇلار دۇنيانى ئۆزىنىڭ پرىزمىسى بىلەن كۆزىتىدۇ. باشقىلارنىڭ ئەنئەنىسى، باشقىلارنىڭ تارىخى ۋە باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆزىنىڭكى بىلەن ئوخشاش ئورۇندا قويمايدۇ. ئۆزىنىڭكىنى باشقىلارنىڭكىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، «بىزنىڭكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئۇلارنىڭ ھېچنېمە ئەمەس»، دەپ قارايدۇ. بۇ ياۋروپالىقلارنىڭ ئاقىلانە ئىكەنلىكىنى ئەمەس، ئۇلارنىڭ نادانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ياۋروپالىقلارنىڭ ئالدىنقى 200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتنىڭ ئىچىدە بىر ئەۋزەل ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەنلىكىدىن كېلىپ چىققان. ياۋروپالىقلار «ياۋروپا ھەممىنىڭ مەركىزى» دېگەننى بىر خىل ئۇنىۋېرسال ئۆلچەم، دەپ ھېسابلاپ، ئۇنىڭغا تەۋە بولمىغان ھەر قانداق نەرسە مەغلۇپ بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

 

دۇنيا ياۋروپا چەتكە قېقىلىپ، ئامېرىكا ئارقىغا چېكىنىدىغان، يېڭىدىن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتىدىغان، ۋە جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دۇنيادىكى ھۆكۈمران كۈچكە ئايلىنىدىغان بىر يېڭى دەۋرگە قەدەم قويغاندا، يۇقىرىدىكىدەك ئىدىيە غەربنىڭ بىر ئەڭ چوڭ ئاجىزلىقى بولۇپ قالىدۇ. باشقىچە قىلىپ ئېيتساق، غەربلىكلەر ھازىر كۆزگە ئىلمايدىغان دۆلەت ۋە مەدەنىيەتلەر بۇنىڭدىن كېيىن تەدرىجىي ھالدا دۇنيانى سورايدىغان ئورۇنلارغا ئۆتىدۇ. ئەگەر غەربلىكلەر ئۇلارنى پەقەت ئۆز ئۆلچىمى بويىچىلا كۆزىتىپ، ئۇلارنى ئەسلى قىياپىتى بويىچە چۈشىنىشنى رەت قىلىدىكەن، يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار يۈز بەرگەندە ئۇنى ھەرگىزمۇ توغرا چۈشىنەلمەي قالىدۇ.

 

ئەمدى جۇڭگو ھەققىدە توختىلايلى. غەربلىكلەر ھازىرغىچە جۇڭگونى پەقەت غەرب قىممەت قارىشى بويىچە چۈشىنىپ كەلدى. ئۇ بولسىمۇ جۇڭگودا غەربچە دېموكراتىيە مەۋجۇت ئەمەس، كىشىلىك ھوقۇق مەۋجۇت ئەمەس، تىبەتلىكلەرنىڭ قىيىن ئەھۋالى، ۋە دۆلەتنىڭ ئىنتايىن ناچار مۇھىتى قاتارلىقلار. بۇ تىزىملىككە يەنە بىر قانچە نەرسىنى قوشقىلى بولىدۇ. شۇنداقلا بۇ تىزىملىكتىكى ئىشلار ھەقىقەتەنمۇ مۇھىم. ئەمما، ئەگەر بىز جۇڭگونى پەقەت ئۆزىمىزنىڭ ئۆلچىمى بويىچىلا كۆزىتىدىغان بولساق، ھەقىقىي جۇڭگونى مەڭگۈ چۈشەنمەيمىز. شۇڭلاشقا غەربلىك ئوبزورچىلارنىڭ ئالدىنقى 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە جۇڭگو ھەققىدە دېگەنلىرىنىڭ ھەممىسى خاتا بولۇپ چىقتى. ئۇلارنىڭ تيەنئەنمېن ۋەقەسىدىن كېيىن «جۇڭگو ھاكىمىيىتى يىمىرىلىپ چۈشۈشكە باشلايدۇ، دۆلەت پارچىلىنىپ كېتىدۇ» دېگەنلىرىدىن تارتىپ، «جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى ئۇزۇنغا بارمايدۇ، جۇڭگو ھاكىمىيىتى ئۆزىنى ساقلاپ قالالمايدۇ» دېگەنلىرىگىچە ھەممىسى خاتا بولۇپ چىقتى. جۇڭگونىڭ بۈگۈنكىدەك بىر ھالەتكە كېلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالىغانلاردىن ئاساسەن بىرەرمۇ كىشى چىقمىدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ 1978-يىلى ئىسلاھات قىلىش باشلانغاندىن كېيىنكى 30 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغۇدەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى، جۇڭگو ھاكىمىيىتىنىڭ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىنى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرقىدەك يۇقىرى دەرىجىلىك قانۇنىي ئورۇنغا ۋە ئابرۇيغا ئېرىشىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالىغانلاردىن ئاساسەن بىرەرمۇ كىشى چىقمىدى.

 

جۇڭگو دۇنيانى تۈپتىن ئۆزگەرتىدۇ. ئۇنىڭ مۇنداق ئىككى سەۋەبى بار: (1) جۇڭگو 1.3 مىليارد نوپۇسى بار ناھايىتى چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر دۆلەت. ئۇنىڭ ئىقتىسادى ئالدىنقى 30 يىلدەك ۋاقىتنىڭ ئىچىدە يىلىغا تەخمىنەن 10 پىرسەنتتەك سۈرئەت بىلەن تەرەققىي قىلدى. يەنە 10 يىلدەك ۋاقىتتىن كېيىن ئۇنىڭ ئىقتىسادى دۇنيادىكى 1-ئورۇنغا ئۆتىدۇ (جەكۋىس بۇ گەپلەرنى 2010-يىلى قىلغان [2]). ھازىرغىچە پەقەت تەرەققىي تاپقان ئەللەرلا ئىقتىسادتا دۇنيا بويىچە 1-ئورۇنغا ئۆتۈپ باققان بولۇپ، جۇڭگودەك تەرەققىي قىلىۋاتقان بىر ئەلنىڭ 1-ئورۇنغا ئۆتۈشى تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان. (2) تارىختا تۇنجى قېتىم دۇنيادىكى ھۆكۈمران ئورۇنغا غەربكە تەۋە ئەمەس، ھەمدە مەدەنىيىتى غەرب مەدەنىيىتىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغان بىر دۆلەت چىقىدۇ. ئۇ بولسىمۇ جۇڭگودىن ئىبارەت. بۇ گەپ كۆپلىگەن كىشىلەرگە بىر ناھايىتى غەلىتە پەرەز بولۇپ تۇيۇلىدۇ. چۈنكى، كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە زامانىۋىلىشىش دېگەنلىك غەربلىشىش دېگەنلىك بولۇپ، زامانىۋىلىق بولسا سودا ۋە تېخنولوگىيىدە رىقابەتلىشىش دېگەنلىك بولىدۇ. ئەمما بۇنداق بايان يېتەرلىك ئەمەس. زامانىۋىلىقنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغان ئامىللار ئىچىدە يەنە تارىخ ۋە مەدەنىيەتمۇ بار. جۇڭگو غەربكە ئوخشىمايدۇ. ئۇ غەربكە ئوخشاش بىر دۆلەتكىمۇ ئايلانمايدۇ. بەلكى ئۇ غەرب بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان بىر دۆلەت سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ ماڭىدۇ.

 

جۇڭگونى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۇنى جۇڭگو قىلغان تۆۋەندىكى 3 ئامىل بويىچە چۈشىنىش كېرەك.

 

 

  1. جۇڭگو مىللەت دۆلىتى ئەمەس، مەدەنىيەت دۆلىتى

 

جۇڭگو غەربتىن كۆپ جەھەتلەردە تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئۇ پەرقلەرنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسىي پەرق، جۇڭگو غەرب ئۆلچىمىدىكى «مىللەت دۆلىتى» (nation state) ئەمەس. ئەمەلىيەتتىمۇ جۇڭگو 1900-يىللاردىن كېيىنلا ئاندىن ئۆزىنى بىر مىللەت دۆلىتى، دەپ تەسۋىرلەيدىغان بولدى. ئەمما جۇڭگو تارىخى ئۇنىڭدىن كۆپ ئۇزۇن بولۇپ، ئۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 221-يىلى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنراق بىر ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ. ئۇ ۋاقىت ئۆز-ئارا ئۇرۇش قىلىدىغان دۆلەتلەر تۈگىگەن، چىن سۇلالىسى غەلىبە قىلغان، ۋە ھازىرقى جۇڭگونىڭ نوپۇسى ئەڭ زىچ بولغان شەرقىي يېرىم زېمىنىنى ئاساس قىلغان ھالدا چىن ئىمپېرىيىسى قۇرۇلغان بىر ۋاقىتتىن باشلىنىدۇ.

 

2-رەسىم: مىلادىدىن بۇرۇنقى 206-يىلى چىن سۇلالىسىگە تەۋە بولغان جۇڭگو زېمىنى (سېرىق رەڭلىك زېمىن). چېكىتلىك سىزىق سەددىچىن سېپىلىنى كۆرسىتىدۇ.

 

3-رەسىم: مىلادىدىن بۇرۇنقى 141 – 87-يىللىرى خەن سۇلالىسى ئىگىلىگەن زېمىن.

 

1900-يىللاردىن بۇرۇنقى 2000 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە جۇڭگو ئۆزىنى بىر دۆلەت ئەمەس، بىر مەدەنىيەت (civilization) ھېسابلىغان. جۇڭگولۇقلارنىڭ كىملىكىنى جۇڭگونىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى بەلگىلىگەن بولۇپ، ئۇ ئالاھىدىلىك جۇڭگو ئۆزىنى بىر «مىللەت دۆلىتى» دەپ ئاتىغان ھازىرقىدىن 100 يىل بۇرۇنقى ۋاقىتتىن باشلانغان بولماستىن، بەلكى جۇڭگونى بىر «مەدەنىيەت دۆلىتى» (civilization state) دەپ تەسۋىرلىگىلى بولىدىغان ھازىرقىدىن 2000 يىل بۇرۇنقى بىر ۋاقىتتىن باشلانغان. ئاشۇ مەدەنىيەت دۆلىتىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرى دۆلەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى، ئائىلىنىڭ بىر خىل ئالاھىدە ئېنىقلىمىسى، ئەجدادلارغا ئىبادەت قىلىش ئادىتى، كۇڭزىچە قىممەت قارىشى، «关系» دەپ ئاتىلىدىغان كىشىلىك مۇناسىۋەت تورى، جۇڭگوچە تاماق ۋە ئۇنى مەركەز قىلغان ئەنئەنىلەر، ھەمدە يېزىش شەكلى بىلەن سۆزلەش شەكلى ئوتتۇرىسىدا ئادەتتىن تاشقىرى مۇناسىۋەتكە ئىگە خەنزۇ تىلى قاتارلىقلاردا ئەكس ئېتىدۇ. ياۋروپا ۋە ئامېرىكىدا مىللىي كىملىكنى مىللەت دۆلىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئەمما، ئۇنىڭ ئەكسىچە، جۇڭگودا مىللىي كىملىكنى جۇڭگونىڭ بىر مەدەنىيەت دۆلىتى بولۇش تارىخى كەلتۈرۈپ چىقارغان. گەرچە جۇڭگو ھازىر ئۆزىنى بىر مىللەت دۆلىتى سۈپىتىدە تەسۋىرلەيدىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تارىخ، مەدەنىيەت، كىملىك ۋە تەپەككۇر ئۇسۇلى بويىچە قارىغاندا يەنىلا بىر مەدەنىيەت دۆلىتى بولۇپ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ جۇغراپىيىلىك تۈزۈلۈشىمۇ بىر مەدەنىيەت دۆلىتى بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنى پەقەت سىرتقى كۆرۈنۈشىدىلا بىر مىللەت دۆلىتى، دەپ قاراشقا بولىدۇ.

 

ئىلاۋە: ئەگەر مارتېن جەكۋىس قوللانغان ئۆلچەمنى قوللىنىپ باھالايدىغان بولساق، مېنىڭچە ئامېرىكىنى بىر «قىممەت قارىشى دۆلىتى»، دەپ ئايرىش كېرەك. چۈنكى ئامېرىكا بىر كۆپ مىللەتلىك دەرىجىسى ئىنتايىن يۇقىرى دۆلەت بولۇپ، ئۇ مىللەتلەر ھەرگىزمۇ بىر ئورتاق مەدەنىيەت بويىچە ياشىمايدۇ. ئامېرىكىدىكى مىللەتلەرنىڭ ئەڭ چوڭ ئورتاقلىقى ئۇلارنىڭ «ئەركىنلىك ۋە باراۋەرلىك» تىن ئىبارەت قىممەت قارىشىدۇر.

 

بىر مەدەنىيەت دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو ئىككى خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە. ئۇنىڭ بىرىنچىسى، ئۇنىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئوخشىمايدىغان دەرىجىدە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشى. يەنى ئۇ رىم ئىمپېرىيىسى پارچىلىنىپ كېتىشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا باشلىغان. ئۇنىڭ ئىككىنچىسى، جۇڭگونىڭ جۇغراپىيىلىك ۋە ئادەم نوپۇسى جەھەتتە ناھايىتى چوڭ بولۇشى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ جۇغراپىيىلىك شارائىتى ۋە نوپۇسىنىڭ ناھايىتى كۆپ خىللىقتىن تەركىب تاپقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. غەربلىكلەر «جۇڭگو بىر ناھايىتى كۈچلۈك دەرىجىدە مەركەزلەشكەن دۆلەت»، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەت بولسا بۇنىڭ دەل ئەكسىچە. ئەگەر جۇڭگو ھەممە جەھەتتە بىر مەركەزلەشكەن دۆلەت بولغان بولسا، مەيلى ھازىر بولسۇن ياكى سۇلالىلەر دەۋرلىرىدە بولسۇن ئۆز-ئۆزىنى باشقۇرۇپ ماڭالمىغان بولاتتى. ئۇ ھەقىقەتەنمۇ بىر ناھايىتى چوڭ دۆلەت بولۇپ، ئۇنىڭ باشقۇرۇلۇش ئۇسۇلىغا جۇڭگوچە تەپەككۇر ئۇسۇلى چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن.

 

بۇنىڭدىن تەخمىنەن 2000 يىل ئىلگىرى رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن ياۋروپا كۆپلىگەن كىچىك ئەللەرگە بۆلۈنۈپ كەتتى. شۇ چاغدا بۆلۈنگەن زېمىنلار ھازىرغىچە شۇ پېتى ساقلىنىپ كېلىۋاتىدۇ. شۇ مەزگىللەردە جۇڭگودا ياۋروپادىكى ئىشلارنىڭ دەل ئەكسى يۈز بەردى. يەنى ئۇ ئاشۇنداق بىر چوڭ مەدەنىيەت دۆلىتىنى قۇرۇپ، شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇنى بىر بىرلىككە كەلگەن ھالەتتە تۇتۇپ تۇردى.

 

ئەنگلىيە 1997-يىلى خوڭكوڭنى جۇڭگوغا قايتۇرۇپ بەرگەندە، جۇڭگو «بىر دۆلەت، ئىككى خىل سىستېما» دەيدىغان بىر قانۇنىي تۈزۈمنى يولغا قويدى. غەربتىكى ھېچ قانداق بىر ئادەم بۇنىڭ ئۈنۈم بېرىدىغانلىقىغا ھەقىقىي تۈردە ئىشەنمەي، كۆپىنچە كىشىلەر «خوڭكوڭ ئانچە ئۇزۇن ئۆتمەيلا جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاش بىر شەكىلگە كىرىپ قالىدۇ»، دەپ پەرەز قىلىشتى. ئەمما بۇ پۈتۈنلەي خاتا بولۇپ چىقتى. خوڭكوڭنىڭ سىياسىي ۋە قانۇنىي تۈزۈلمىسى ھازىرمۇ خۇددى 1997-يىلىدىكىدەكلا جۇڭگونىڭ باشقا جايلىرىدىن پەرقلىق ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتىدۇ. غەربنىڭ بۇ مەسىلىگە ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلماسلىقىدىكى سەۋەب، غەرب مىللەت دۆلىتى ئىدىيىسى ئاساسىدا خاراكتېرلەنگەن. شۇڭلاشقا 1990-يىلى ئىككى گېرمانىيە بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندە، ئۇ پۈتۈنلەي بىر خىل فېدرال جۇمھۇرىيەت ئاساسىدا شۇنداق قىلىندى. شەرقىي گېرمانىيەنى غەربىي گېرمانىيە پۈتۈنلەي يۇتۇۋەتتى. مىللەت دۆلىتى ئاساسىدا تەپەككۇر قىلىدىغان كىشىلەر «بىر مىللەت دۆلىتىدە بىرلا سىستېما مەۋجۇت بولىدۇ»، دەپ ئويلايدۇ. ئەمما بىر مەدەنىيەت دۆلىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگونىڭ لوگىكىسى يۇقىرىدىكى بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشاش بولمايدۇ. جۇڭگو ناھايىتى چوڭ، ناھايىتى كۆپ خىللىق جۇغراپىيىلىك شارائىت ۋە ئوخشىمايدىغان مىللەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر خىل «ماسلىشىشچان بولۇش» زۆرۈرىيىتى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ شۇنىڭ بىلەن «بىر مەدەنىيەت، كۆپ سىستېما» تۈزۈمى ئاساسىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

 

 

  1. جۇڭگولۇقلارنىڭ «مىللەت» ئۇقۇمى غەربلىكلەرنىڭكىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ

 

جۇڭگودا 1.3 مىليارد نوپۇس بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپرەكى ئۆزلىرىنى پەقەت بىرلا مىللەتكە، يەنى خەن مىللىتىگە تەۋە، دەپ ھېسابلايدۇ. بۇ ئەھۋال دۇنيادىكى باشقا نوپۇسى ناھايىتى كۆپ دۆلەتلەردىكىگە، مەسىلەن، ھىندىستان، ئامېرىكا، ھىندونېزىيە ۋە بىرازىلىيەدىكىگە زادىلا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئەللەردىكى خەلقلەر ئۆزلىرىنى «كۆپ مىللەتتىن بولغان»، دەپ ھېسابلايدۇ. ئەمەلىيەتتە خەن مىللىتى كۆپلىگەن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان، ئەمما خەنلەر ئۆزلىرىگە ئۇنداق دەپ قارىمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇنىڭ بىر مەدەنىيەت دۆلىتى بولۇشى، ھەمدە بىر مەدەنىيەت دۆلىتى بولۇش تارىخىنىڭ ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇشىدۇر. يەنى، نەچچە مىڭ يىللارنىڭ مابەينىدە كۆپلىگەن مەدەنىيەت، مىللەت ۋە ئېتنىك جەھەتتە بىرلىشىپ كېتىش جەريانىنىڭ نەتىجىسىدە كۆپلىگەن مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى پەرقلەر تەدرىجىي ھالدا ئاجىزلاپ، ئۇ پەرقلەرنى ئايرىش مۇمكىن بولمايدىغان بىر خىل ھالەت شەكىللىنىپ، شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى خەن مىللىتى ۋۇجۇدقا كەلگەن. بۇ خىل تارىخىي ئەھۋالنىڭ بىر ئەۋزەللىكى شۇكى، تاكى ھازىرغىچە خەنزۇ مىللىتى خۇددى سېمونتقا ئوخشاش جۇڭگو پۇقرالىرىنى بىر يەرگە ئەكېلىپ تۇتۇپ تۇرغان. جۇڭگونى بىر دۆلەت قىلىپ ساقلاپ كەلگەن. بۇ خىل تارىخىي ئەھۋالنىڭ يېتەرسىزلىكىمۇ بار. ئۇ بولسىمۇ خەنزۇ مىللىتى مەدەنىيەت جەھەتتە ئۆزىدىن ئاجىز باشقا مىللەتلەرنى كۆزگە ئىلمايدۇ، ئۇلارنى كەمسىتىدۇ، ۋە ئۇلارنى تۆۋەن كۆرىدۇ. ھازىر جۇڭگودا ئاشۇنداق ئەھۋالنىڭ زىيىنىغا ئۇچراۋاتقان مىللەتلەردىن ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر بار.

 

 

  1. جۇڭگودا دۆلەت ھاكىمىيىتى بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت غەربتىكى ئەھۋاللاردىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ

 

جۇڭگونىڭ بىر مەدەنىيەت دۆلىتى ئىكەنلىكى ئۇنى توغرا چۈشىنىشنىڭ ئاساسى بولۇپ، بۇ ئاساس كۆپ جەھەتلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، جۇڭگودىكى دۆلەت بىلەن جەمئىيەتنىڭ مۇناسىۋىتى غەربنىڭكى بىلەن زادىلا ئوخشاشمايدۇ. غەربلىكلەر «جۇڭگو ھاكىمىيىتى تولۇق قانۇنىي ئاساسقا ۋە خەلقنىڭ ھىمايىسىگە ئىگە ئەمەس»، دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەت بۇنىڭغا قارىمۇ-قارشى بولۇپ، جۇڭگو ھاكىمىيىتى ھەر قانداق غەرب ئەللىرىگە قارىغاندا كۈچلۈكرەك قانۇنىي ئاساسقا ئىگە. غەربلىكلەر بىر دۆلەتنىڭ قانۇنلۇق ئىكەنلىكى-ئەمەسلىكىگە باھا بېرىشتە، ئۇ يولغا قويغان ئۇنىۋېرسال سايلام ھوقۇقى ۋە كۆپ پارتىيە قاتارلىق دېموكراتىك جەريانلارغا ھەددىدىن كۆپ ئەھمىيەت بېرىپ كېتىدۇ. ئەمما بۇ پەقەت بىرلا ئېلېمېنتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

 

جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدە جۇڭگو ھاكىمىيىتى ناھايىتى پۇختا قانۇنىي ئاساسقا ئىگە. بۇنداق بولۇشىنىڭ دېموكراتىيە بىلەن ھېچ قانداق مۇناسىۋىتى يوق بولۇپ، ئۇنى ھاكىمىيەت بىلەن جۇڭگو مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت بەلگىلىگەن. جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدە دۆلەت ھاكىمىيىتى جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ ۋەكىلى، نامايەندىسى، ساقلىغۇچىسى ۋە قوغدىغۇچىسى ھېسابلىنىدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ نەزىرىدە جۇڭگو مەدەنىيىتى ياكى مەدەنىيەت دۆلىتىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ئۇيۇشۇشى ۋە بىرلىكىنى ساقلاش جۇڭگو ھاكىمىيىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم سىياسىي ۋەزىپىسى ۋە مۇقەددەس بۇرچى ھېسابلىنىدۇ. غەربتە دۆلەت ھاكىمىيىتى پۇقرالارنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى گۇمانى ۋە ھەتتا دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارىلىپ، شۇنىڭ نەتىجىسىدە «تالا مۈشۈكى» ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت پۇقرالىرى دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ھوقۇقىنى ھەر خىل ئۇسۇللار بىلەن چەكلەپ تۇرىدۇ. جۇڭگودا بولسا دۆلەت ھاكىمىيىتى پۇقرالارنىڭ ئەڭ يېقىن نەرسىسى، ئائىلىسىنىڭ بىر ئەزاسى، ھەتتا ئادەتتىكى ئەزاسى ئەمەس، ئائىلىنىڭ باشلىقى ۋە ۋەتەنپەرۋەر ۋەكىلى ھېسابلىنىدۇ. مۇشۇنداق بىر نۇقتىدا تۇرۇپ قارىغاندا، جۇڭگو تىلىدىكى «مىللەت دۆلىتى» ئەمەلىيەتتە «مىللەت ئائىلىسى» بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. شۇڭلاشقا يېقىنقى 1000 يىلدىن ئۇزۇنراق ۋاقىت ئىچىدە جۇڭگو ھاكىمىيىتى بىر ھەقىقىي مەنىدىكى خەلقلەرنىڭ ئۆزىنى ئاغدۇرۇۋېتىش ھەرىكىتىگە دۇچ كېلىپ باققان ئەمەس. بۇ خىل ئەھۋال غەربتە ئىنتايىن كەم ئۇچرايدۇ.

 

جۇڭگودا ھاكىمىيەت بىلەن جەمئىيەت ئۆز-ئارا ناھايىتى قاتتىق باغلىنىپ كەتكەن. ئۆز-ئارا ناھايىتى چوڭقۇر سىڭىشىپ كەتكەن. كۆپلىگەن كارخانىلار ھازىرمۇ دۆلەتكە قارايدۇ. خۇسۇسىي كارخانىلارمۇ ناھايىتى يۇقىرى دەرىجىدە دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ قولىغا قارايدۇ. ئىقتىسادىي تەرەققىيات پىلانلىرىنى دۆلەت ھاكىمىيىتى بىر تۇتاش تۈزۈپ چىقىدۇ. بىر بالا تۈزۈمىگە ئوخشاش باشقا نۇرغۇن ئىشلارمۇ دۆلەت ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېكىتىلىدۇ.

 

دۆلەت ھاكىمىيىتىنىڭ ناھايىتى چوڭ قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىشىمۇ جۇڭگونىڭ ناھايىتى قەدىمىي ئەنئەنىسىنىڭ بىرى. سەددىچىن سېپىلى ئۇنىڭ بىر مىسالى. ئۇنىڭدىن باشقا «چوڭ قانال» قۇرۇلۇشىنىمۇ مىسال كەلتۈرۈش مۇمكىن. بۇ قانالنىڭ قۇرۇلۇشى مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە باشلىنىپ، مىلادىدىن كېيىنكى 7-ئەسىردە تاماملانغان. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى 1780 كىلومېتىر بولۇپ، ئۇ خاڭجۇدىن باشلىنىپ، شاڭخەي ۋە تيەنجىنلەردىن ئۆتۈپ، بېيجىڭغا بېرىپ توختايدۇ. قىسقىسى، جۇڭگونىڭ دۆلەت تەرىپىدىن ناھايىتى چوڭ قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىش تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن. جۇڭگو ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردا ئېلىپ بارغان «3 چوڭ دامبا» غا ئوخشاش چوڭ قۇرۇلۇشلارنى ئۇنىڭ تارىختىن بۇيان نامايان قىلىپ كېلىۋاتقان كۈچلۈك ھۆكۈمەت قابىلىيىتىنىڭ داۋامى، دەپ چۈشىنىش مۇمكىن.

 

https://ilookchina.files.wordpress.com/2010/04/grandcanal-5.jpg

4-رەسىم: «چوڭ قانال» نىڭ بىر كۆرۈنۈشى.

 

قىسقىسى، بىر مەدەنىيەت دۆلىتى بولۇش، مىللەت ھەققىدە باشقىچە تونۇشقا ئىگە بولۇش، ۋە دۆلەت ھاكىمىيىتى بىلەن جەمئىيەت ئوتتۇرىسىدا بىر خىل ئالاھىدە يېقىن مۇناسىۋەت مەۋجۇت بولۇش قاتارلىق 3 جەھەتتە جۇڭگو غەرب ئەللىرىدىن تۈپتىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.

 

ئەگەر غەربلىكلەر «جۇڭگو غەرب مەدەنىيىتىنىڭ مەھسۇلى» دەپ قارايدىكەن، ئۇلار جۇڭگونى مەڭگۈ توغرا چۈشىنەلمەيدۇ. غەربلىكلەرنىڭ ھازىر جۇڭگوغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ھاكاۋۇرلۇق ۋە كۆزگە ئىلماسلىقتىن ئىبارەت بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال غەربلىكلەرنى ئازغان، قايمۇققان ۋە يىراقلاشقان بىر ھالەتكە پاتتۇرۇپ قويىدۇ. غەربلىكلەرنىڭ تارىخىي مىراسلىرى، ھەمدە شۇ مىراسلاردىن كېلىپ چىققان روھىي ھالىتى ھازىر ئۇلارنىڭ ئالدىدا پەيدا بولۇشقا باشلىغان يېڭى دۇنيانى توغرا چۈشىنىشكە ئامالسىز قالدۇرۇۋاتىدۇ.

 

يېقىنقى 200 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىچىدە غەرب دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ باشقا مەدەنىيەتلەرنى چۈشىنىشكە ھېچ بىر ئېھتىياجى چۈشمىدى. ئۇلار «زۆرۈر بولغاندا بىز باشقىلارنى ئۆزىمىزگە كۈچ بىلەن بويسۇندۇرىمىز»، دەپ ئويلىدى. غەربلىكلەر باشقا مەدەنىيەت زېمىنلىرىغا خوجايىن بولۇپ تۇرغان بولغاچقا، باشقا مەدەنىيەتتىكى خەلقلەر غەرب مەدەنىيىتىنى تولۇق چۈشىنىپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. شۇڭلاشقا كەڭ دائىرىلىك (cosmopolitan) بولۇش جەھەتتە باشقا مەدەنىيەتتىكىلەر غەربلىكلەردىن كۆپ ئۈستۈن ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. ھەمدە ھازىر شەرقىي ئاسىيادىكىلەرنىڭ غەرب ھەققىدە بىلىدىغىنى غەربلىكلەرنىڭ شەرقىي ئاسىيالىقلار ھەققىدە بىلىدىغانلىرىدىن ناھايىتىمۇ كۆپ بولۇشتەك بىر خىل ئەھۋال شەكىللەندى. دۇنيادا ھازىر يۈز بېرىۋاتقان يېڭى ئۆزگىرىشلەرنى تەرەققىي قىلغان ئەللەر كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتمايدۇ، بەلكى ئۇلارنى تەرەققىي قىلىۋاتقان ئەللەر كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتىدۇ.

 

بۇنىڭدىن مۇنداق 2 خىل نەتىجە كۆرۈلۈۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بىرى، غەرب ئۆزىنىڭ دۇنيادىكى تەسىرىنى ناھايىتى تېز سۈرئەتتە يوقىتىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ يەنە بىرى بولسا، غەربلىكلەر بارغانسېرى ھازىرقى دۇنيانى چۈشەنمەسلىككە قاراپ مېڭىۋاتىدۇ. ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىگە غەربنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان، شۇڭا غەربلىكلەر ئانچە چۈشەنمەيدىغان تارىخ، مەدەنىيەت ۋە تەجرىبە-ساۋاقلار ناھايىتى كۈچلۈك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. ھازىر ياۋروپالىقلار دۇنيادىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەرگە سەل قاراۋاتىدۇ، ھەمدە ئۇلارنى چۈشەنمەيۋاتىدۇ. دۇنيا نەگە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرمەيۋاتىدۇ. ياۋروپالىقلار كەلگۈسىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسا، جۇڭگوغا قاراپ باقسا بولىدۇ. مەسىلەن، تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى گۇاڭجۇدىكى بىر تېز سۈرئەتلىك پويىز ئىستانسىسى. ياسىلىپ بولغان تېز سۈرئەتلىك پويىز يولى لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى جەھەتتە ھازىر دۇنيادا جۇڭگوغا يېتىدىغان دۆلەت يوق. 6-رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى جۇڭگونىڭ بىر يېڭىچە ئاپتوبۇسىنىڭ لايىھىسى بولۇپ، ئۇلار بۇنى پات يېقىندا بېيجىڭدا سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا سالماقچى بولۇۋاتىدۇ. بۇ ئاپتوبۇسقا بىرلا ۋاقىتتا 2000 دەك يولۇچىلار چۈشەلەيدۇ. يولدىكى ماشىنىلار بولسا ئۇنىڭ ئاستىدا نورمال مېڭىۋېرىدۇ. بۇ بىر رېلىسلىق ئاپتوبۇس بولۇپ، ئۇ سائىتىگە 150 كىلومېتىر ئارىلىققا ماڭالايدۇ. جۇڭگودا نوپۇس كۆپ، زېمىن تار بولغاچقا، ئۇلار مانا مۇشۇنداق چارىلەرنى ئويلاپ چىقىۋاتىدۇ.

 

http://www.thestar.com.my/~/media/online/2014/08/31/08/01/str2_ma_0109_p10a_lead.ashx/?w=620&h=413&crop=1&hash=F54595D4A8F9802F053D88AB13F0246140D48362

5-رەسىم: گۇاڭجۇدىكى بىر تېز سۈرئەتلىك پويىز ئىستانسىسى.

 

https://www.slashgear.com/mega-straddle-bus-conceptualized-for-china-fits-1200-passengers-0496585/

6-رەسىم: جۇڭگونىڭ بىر يېڭىچە ئاپتوبۇس لايىھىسى.

 

ھازىر كۆز ئالدىمىزدا ئاشۇنداق تېز ئۆزگىرىپ مېڭىۋاتقان دۇنياغا بىز قانداق پوزىتسىيىدە بولۇشىمىز كېرەك؟ ئالدىنقى 200 يىلدەك ۋاقىت ئىچىدە دۇنيانى نوپۇسنىڭ ئىنتايىن كىچىك بىر قىسمى سورىدى. يەنى، ياۋروپا بىلەن شىمالىي ئامېرىكا سورىدى. دۇنيا نوپۇسىنىڭ 38 پىرسەنتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو، ھىندىستان، ھىندونېزىيە ۋە بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشى ئالدىنقى 200 يىل ئىچىدە كۆرۈلگەن ئەڭ چوڭ دېموكراتىيىلىشىشكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. بۇرۇن ئاۋازى چىقمىغان، كۆزگە ئىلىنمىغان، دىققەت بېرىلمىگەن ۋە چۈشىنىلمىگەن مەدەنىيەتلەرنىڭ بۈگۈنكى دۇنيادا يېڭىچە ئورنى بار. بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بىز ئاشۇنداق ئۆزگىرىشنى قارشى ئېلىشىمىز كېرەك، ھەمدە ئاشۇ مەدەنىيەتلەرنى ئۆگىنىشىمىز كېرەك.

 

 

پايدىلانغان مەنبەلەر:

 

[1] Civilization state versus nation-state

Civilization state versus nation-state

 

[2] Understanding the rise of China | Martin Jacques

https://www.youtube.com/watch?v=imhUmLtlZpw

 

[3] Author: Forget America, PH’s future bound with China

https://www.youtube.com/watch?v=Vc56bWY7oRg

 

[4] Shashi Tharoor and Martin Jacques A discussion “China versus India”

 

Share
1497 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.