logo

trugen jacn

مىللى سەزگۈرلىگىم يۇقۇرى دەۋاتقان جاناپلارغا ئىككى كەلىمە سۆز

 

 

ئاپتورى: كاسسىنى     

 

مىللى سەزگۈرلىگىم يۇقۇرى دەۋاتقان جاناپلارغا ئىككى كەلىمە سۆز

 

مىللى سەزگۈرلۈك دىگەن نىمە؟ مىللى سەزگۈرلۈك دىگىنىمىز ھىسسى ۋە ھاياجاندىن  شۇنداقلا قۇرۇق شۇارۋازلىقتىن خالى، ئەقىلنى تەدبىر ئۈچۈن  ئىشلىتىش، ئۆزىنىڭ ئورنىنى، دۈشمىنىنىڭ ئورنىنى، ئۆزىنىڭ كۈچىنى، دۈشمىنىنىڭ كۈچىنى، خەلقارا سەھنىلەرنى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ سەھنىلەرنىڭ قەيىرىدە ئىكەنلىگىنى ھەرۋاقت ھۇشيارلىق بىلەن مۇلاھىزە قىلىپ تۇرۇش ۋە تەدبىر ئېلىش مىللى سەزگۈرلۈك دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇندىن باشقا ئۆزىنىڭ مىللى كىملىگى ھەققىدە يەنى قايسۇ دىنغا ئەتىقات قىلىدىغانلىغى، دۈشمىنىنىڭ كىملىگى،  تۇققانلىرىنىڭ ياكى قەرىنداشلىرىنىڭ كىملىگى ھەققىدە بەك جىق داۋراڭ سالماسلىقمۇ مىللى سەزگۈرلۈك  جۈملىسىدىندۇر.  مىللى سەزگۈرلىك داىرسىگە كىرىدىغان يەنە نۇرغۇن ئىنچىكە ئامىللار بولۇشى مۈمكىن  بۇ ھەقتە ئىزدىنىدىغان دوستلار بولسا تولۇقلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن

ئ‍ىجدىمائ‍ى تاراتقۇلاردا، ئۆزىنى مىللى سەزگۈرلىكنىڭ ئەڭ يۇقۇرى پەللىسى دەپ قارايدىغان بەزى لىكسىيەچىلەر پەيدا بولۇپ قالدى. ئۇلار مىللى سەزگۈرلۈك ھەققىدە ئالغان مىساللىرىدا، بۇندىن ئۇزۇن يىللار ئىلگىرى ئامېركىدا ئېچىلغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنى دىموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەش كۇرسىدا يۈز بەرگەن، بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ قولىدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىغىمىزنىڭ يەرگە چۈشۈپ كېتىشى ۋە يەنە بىر ئېنگىلىز ئايالنىڭ ئۇنى ئەخلەتكە تاشلىۋېتىشى ۋەقەسى ھەققىدە ئۇزۇن توختۇلىدۇ. بۇ مىللى سەزگۈرلىگى يۇقۇرى لىكسىيەچىنىڭ مۇلاھىزىسىچە بولغاندا، ئۇ ئەنگىلىز ئايال بايرىغىمىزنى ئەخلەتكە تاشلىۋەتكەن زامات ئۇيغۇر ئاياللىرى دەرھال ئوتتۇرىغا چىقىپ، ھەي…….ئۇيغۇر ئاياللىرى بايرىغىمىز دەپسەندىچىلىككە ئۇچۇردى، جۇرۇڭلار كېتىمىز، بۇنداق يىغىنغا قاتناشمايمىز دەپ يىغىننى تەرك ئېتىشى ۋە كوڭۈلسىزلىك چىقىرىشى كەرەكمىش مانا مۇشۇنداق قىلىش ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مىللى سەزگۈرلىكنىڭ يۇقۇرى پەللىسىمىش . بۇ مىسالنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، دەرھال كاللامغا كىچىك ۋاقتلىرىمىزدا مەھەللىلەردە بولىدىغان توي تۆكۈنلەردىكى، ”مەن ئوغۇلنىڭ ئانىسى تۇرسام مېنىڭ پەتنىسىمگە سالغان ناۋات كىچىك بوپ قاپتۇ، ياكى پەتنۇسۇمدىكى كەمپۇتۇمنىڭ سانى ئاز بوپ قاپتۇ بۇ مېنى كوزگە ئىلمىغانلىق” دەپ يامانلاپ توينى بۇزىدىغان، ھەممە خوشاللىق ۋە ئارزۇ ئارمانلارنى كۆللىدە -چۆللىدە قىلىپ بىر ئۆمۈر خەقتىن قەيداپ، زارلاپلا ياشايدىغان بىچارە ساددە، جىدەرخور مەنمەنچى، باشقىلارنىڭ نىمە ئويلايدىغىنىنى قىلچە نەزەرگە ئالمايدىغان، جاھىل قەينى ئانىلار كەلدى. بۇنداق دىگەن ۋاقتىمدا، ئاتالمىش بۇ مىللى سەزگۈرلىگى يۇقۇرى جاناپلار ماڭا، “بۇ دىگەن قىممەتلىك بايرىقىمىز، بايرىقىمىزنى ناۋات بىلەن سېلىشتۇرما قىلما” دەپ، تۈركچە ئەيتقاندا “دۇيغۇ سۈمۈرگىسى” قىلماقچى بولىدۇ

 

ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئايالنىڭ، ئۆزىنىڭ قولىدىكى قىممەتلىك بايراقنى ئوڭشاپ تۇتالماسلىغى ۋە يەرگە چۈشۈرۋېتىشى، شۇ ئايالدىكى مىللى سەزگۈرلىكنىڭ نۆل ئىكەنلىگىنى بىلدۈرىدۇ. بايراق قوللاردا لەپىلدىگىنى  ۋە كۆكلەردە جەۋلان قىلغانلىغى بىلەن بايراق. ئۇ يەرگە چۈشكەن زامان ئۇ بىر ئەخلەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ ئاددى ھەقىقەتنى ياخشى بىلگەن ئەڭىلىز ئايال، بۇ بايراقنى ئەخلەت چېلىگىگە تاشلىۋەتكەن. ئەمما ئارىمىزدىكى ساختا مىللى سەزگۈرلۈك تونىغا ئورۇنۇۋالغانلار، بولغان خېمىرنى قايتا چايلەپ ئارقىغا ياندۇرۇش ھىلى مىكرىنى قوللۇنۇپ، بايرىغىمىزنى ئەخلەتكە تاشلىۋەتتى دىگەن بىر ساختا “دۇيغۇ سۈمۈرگىسى” پەيدا قىلىپ، باشقىلارنىڭ دىققىتىنى چەچىش ئارقىلىق، ئۇيغۇر داۋاسىنى خەلقارانىڭ سەھنىسىدىن ئۇزاقلاشتۇرۇش، دۇنيانىڭ ھەرقانداق ئىشىگىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەچىلماس قىلىۋەتىش ئويۇنى ئوينىماقتا

 

يەنىمۇ چوڭقۇر مۇلاھىزە قىلغان ۋاختىمىزدا، ئەگەر مىللى سەزگۇرلىگى يۇقۇرى بىر ئادەم، بايرىغىغا، ۋەتىنىگە ۋە مىللىتىنىڭ ئار نۇمۇسىغا دەخلى تەرۇز يەتكەن ھالەتتىمۇ، خەلقارالىق ئۇ سەھنىنى  قەيداپ ياكى يامانلاپ تەرك ئەتمەيدۇ. بەلكى لىۋىنى چىڭ چىشلەپ، بايرىغىنى باغرىغا مەھكەم بەسىپ، ئورنىدىن دەس تۇرىدۇ ۋە بۇ سەھنىلەرگە تارختىكى ھەرقانداق بىر ۋاقتتىكىدىنمۇ ئەھتىياجىنىڭ بارلىغىنى، ئۆزى ۋە بايرىغىنى بۇ سەھنىلەردە تەخىمۇ تونۇتۇشى كەرەكلىگىدىن  ئىبارەت ئاچچىق تەجىربە ساۋاقنى يەكۈنلەيدۇ. كۈرەش دەل مانا مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ. ئۇيغۇر داۋاسى  دەل مۇشۇ يەردە مىللى سەزگۈرلىككە ھامىلدار بولغان بولىدۇ. مىللى مۇستەققىللىقنىڭ ئاچچىق تولغىقى دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ

 

خەلقارا سەھنىلەر، دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆۋلەتلەر، خۇددى تاشتىن تاشقا ئۇرۇلۇپ ئوركەش ياساپ ئەقىۋاتقان بىر ئەزىم دەرياغا ئوخشايدۇ. بۇ ئەزىم دەرياغا سىز تاش ئاتسىڭىزمۇ، ھەتتا تاغنىڭ ئۈستىدىن يوغان قورام تاشلارنى دۇمۇلتىۋەتسىڭىزمۇ، قەيدىسىڭىزمۇ، تۈكۈرسىڭىزمۇ ھەتتا نىجاسەت تۆكسىڭىزمۇ بۇ ئەزىم دەريانىڭ بىر پاي كارى يوق ئۆز مەنزىلىگە قاراپ ئوركەشلەپ ئاقىۋەرىدۇ. سىز ئۈچۈن ئىككى يول بار. بىرى بۇ غايەت زور ئەزىم دەرياغا ئەتىلغان چاۋا چاتقال بولۇپ، شامالنىڭ كۈچى بىلەن دەريانىڭ گىرۋەكلىرىدە مەڭگۈلۈك  لەيلەپ قالىدىغان ئەرزىمەس نەرسە بولۇش، ئىككىنجىسى قانداق قىلىپ بۇ ئەزىم دەرياغا قوشۇلۇپ ئېقىشنى بىلىش ۋە بۇ  ھەقتە ئىزلىنىش . مانا بۇ ھەقىقى مىللى سەزگۈرلۈك. مىللى سەزگۈرلىكتە قەيداش بولمايدۇ. مۇھىت ۋە شارائىتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئى نەزەر پەقەت ئۆزىنى ئۇرۇشلا مەۋجۈت

 

سىز ئۈچۈن قىممەتلىك بولغان ھەممە نەرسە باشقىلار ئۈچۈن قىممەتلىك بولماسلىغى مۈمكىن. كوپ ھاللاردا سىز قىممەتلىك دىگەن نەرسىلەرنى خەلقارا سەھنىلەر رەت قىلىشى، مازاق قىلىشى، كۈلىشى، ھەتتە سىز ئىسمىنى مۇقەددەس بىلىپ قەلبىڭىزدە ساخلايدىغان ئۇ ۋەتەننىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغاندا ئۇلار بۇ قەيەر؟ دەپ سورىشى، سىزنىڭ  بۇ ئىسىمنى دۈنيا سەھنىسىگە چۈشەندۈرىشىڭىز ئۈچۈن، پۈتۈن ھاياتىڭىز يەتمەسلىگى، ھەتتا بىر قانچە ئەۋلاتنىڭمۇ ھاياتى يەتمەسلىگى مۇمكىن. سىز قەدىرلەيدىغان ئۇ بايراق پەقەت سىز قەدىرلىگەنلىگىڭىز ئۈچۈنلا بايراق، ئەمما باشقىلار ئۈچۈن بىر ماتا پارچىسى خالاس. قىممەتلىك نەرسىلىرىڭىزنى باشقىلار ئۈچۈنمۇ قىممەتلىك نەرسىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن قىلىنىدىغان ئەجىر، سەبىر، تاقەت ۋە مىھنەت كۈرەش دەپ ئاتىلىدۇ. ھە دىگەندە خەلقارا سەھنىلەرنىڭ بوسۇغىسىغىمۇ بارماي تۇرۇپ قەيداپ كېتىپ قېلىش، ئاخماقلىق، نادانلىق، دۆتلۈك، ساددىلىق، گىرىيلىق دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇيغۇرر خەلقى بۇنداق ئاخماقلىقنىڭ دەردىنى ھاغىچە تارتتى. بۇ ماھىيەتتە مىللى سەزگۈرلۈك ئەمەس بەلكى مىللى سەزگۈرلىككە قىلىنغان خىيانەتتۇر. ئەمما بەزى كىشىلىرىمىز بۇ خىل نادانلىقنى “مىللى سەزگۇرلۈك” دەپ سۈنئى پەدەزلەشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ

 

مەسىلەن، چەركاۋ خىرىستىيانلارنىڭ قىممەتلىك نەرسىسى خۇددى مۇسۇلمانلارنىڭ مەسجىدىگە ئوخشاش. ئۇنداقتا تۈركىيەدىكى سۇلتان ئەخمەت جامىسىنىڭ يەنىغا، خىرىستىيانلارنىڭ بىر چەركاۋى سېلىنسا تۈرك خەلقى بۇ مەسىلىگە قارىتا قانداق بىر رىاكسىيەدە بولار؟ قەشقەردىكى ھېيتگاھ جامىسىنىڭ يېنىغىچۇ؟

ئۇنداقتا ئۇيغۇر دىگەن ھىچكىم تونۇمايدىغان بىر مىللەتنىڭ قىممەتلىك نەرسىلىرى ئامېركا سەھنىلىرىدە پەيدا بولۇپ قالغاندا يۇز بەرىدىغان رىاكسىيەمۇ ئىنتايىن نورمال بىر ئەھۋال

 

يىل 1997. ناسا  كاسسىنى  ئىسىملىك بىر ئادەمسىز سەيياھنى ساتۇرننى بىلىش ۋە چۈشۈنۈشكە ئەۋەتتى. يەر شارىدىن ئايرىلغان ساتۇرن بىر مىليارت ئېنگىلڭز مىلى  لىق مۇساپىنى بېسىپ ساتۇرىنغا يېتىپ بېرىپ  ئىنسانىيەتكە، ھازىرغىچە ساتۇرىن ۋە ئۇنىڭغا ئاىت بىلىنمىگەن قىممەتلىك ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، 2017-يىلى 15- سەنتەبىر كۈنى يەنى 20 يىلدىن كېيىن،كاسسىنىنىڭ يېقىلغۇسى تۈگەپ، ئۆزىنى ساتۇرىنغا ئۇرۇپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى ۋە ساتۇرىننڭ تۇپراقلىرىغا قوشۇلۇپ كەتتى.كاسسىنىنىڭ ناسا تەرىپىدىن بەرىلگەن ۋەزىپىسى،ساتۇرىننىڭ ھالقىلىرىنى، گۈزەللىگىنى، ساتۇرىننىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان سىر ئەسرار مۆجىزىلىرىنى ئىنسانىيەتكە يەتكۈزۈش، يەر شارى بىلەن ساتۇرىن ئوتتۇرسىدا بىر مۇناسىۋەت ۋە دوستلۇق ئورنۇتۇش ئىدى. كاسسىنى ناملىق بۇ جانسىز سەيياھ، خۇددى پەرۋانە شام چىراققا ئۆزىنى ئۇرغاندەك ساتۇرىندىن ئىبارەت غايەت زور گاز شارىغا ئۆزىنى ئۇرۇپ ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ناسا نىڭ سامان يولى سەستىمىسىغا ئېلىپ بارىدىغان كۈرەشلىرى ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنى ھەيران قالدۇرغىدەك قىممەتلىك بىلىملەر قالدۇرۇپ كەتتى.ساتۇرىندىكى ئايلار، ئۇنىڭ رەڭگارەڭ ھالقىلىرى، مەتان دەريالىرى، ئامەتان دەڭىزلىرى، گاز، سۇ

يىل2017- 15- سەنتەبىر كۈنى ناسا دىكى ئالىملار بىر يەرگە يىغىلىپ كاسسىنىنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن قىلغان پىداكارلىغى ۋە ئۆزلىرىنىڭ  نەتىجىلىرىنى تەنتەنە قىلىشتى

 

ئەمما مەن كاسسىنىنى خىيالىمدىكى ئۇيغۇر داۋاسىغا كەرەكلىك بىر قەھرىمان سۈپىتىدە ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم

 

كاسسىنىدا مىللى سەزگۈرلۈك، قەھرىمانلىق، بەدەل تۆلەش روھى، ئۆزىنى ئاتاش دىگەندەكلەرنىڭ ھەممىسىنى تاپقىلى بولاتتى

 

ئۇيغۇر داۋاسىدا كەم بولۇۋاتقىنى  كاسسىنى روھى ۋە ئۇزۇن مەزگىللىك پلان بولۇپ تۇرماقتا

 

مەن ساتۇرننى بىر دۇنيا سەھنىسى، كاسسىنىنى مۇستەققىللىق ئارزۇسىغا يەتمەكچى بولغان ئۇيغۇرلار دەپ تەسەۋۋۇر قىلدىم

 

ۋەتەن ۋە مىللىتىمىزنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈلپەتلەر كېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بىز خەلقارالىق ئورگانلار ۋە سەھنىلەرنىڭ ھىسداشلىغىغا تېخىمۇ بەتتەر ئېھتىياجلىقمىز. بۇنىڭدىن باشقا ھەم يولىمىز يوق. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا خەلقارا سەھنىلەردىن ئاغرىنىدىغان ھەققىمىزمۇ يوق. نىشان ۋە مەخسىدىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا، ئەڭ ئۇزۇن مۇساپە، ئەڭ ئېغىر قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ ۋايسىماي، مەنزىلىگە قاراپ ئىلگىرلەيدىغان كاسسىنى بولايلى ئەگەر ئۇنداق بولالمىساقمۇ ئاددى ۋە بىچارە مىللى سەزگۈرلۈك چۈشەنچىلىرىمىز بىلەن خەلقىمىزنى       قايمۇقتۇرمايلى

 

تۈگىدى

 

يىل  2018- 5-مارت.

 

Share
1639 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.