logo

trugen jacn

مىللىي روھ

ئېرپان ئىدىرىس

 

مىللەت  روھى (مىللىي روھى)  بولسا ئورتاق بىئولوگىيىلىك –  ئېتنىك ئالاھىدىلىك ۋە ئورتاق  ئىجتىمائىيىلىققا ئىگە بولغان مۇئەييەن بىر مىللەت كىشلىرىنىڭ ئورتاق ئورتاق تىل، ئورتاق زېمىن، ئورتاق ئىقتىسادىي تۇرمۇش ۋە ئورتاق مەدەنىيەت ئاساسىدا ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىياتلار جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن مىللىي مەنىۋى روھىدۇر.

مىللەت روھى بولسا بىر مىللەت كىشلەر توپلۇقىنىڭ مەنىۋى روھى يەنى مەنىۋى مەدەنىيىتى – مىللەتپەرۋەلىك روھى، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھى، مەرىپەتپەرۋەرلىك روھى، مەدەنىيەتپەرۋەرلىك روھى، ئەمگەك سۈيەر روھى، كېڭەشلىك ئىش قىلىش روھى، ئۆملۈك روھى ۋە ئېگىلمەس – سۈنماس قەيسەر ئىرادىسى- جاسارىتى قاتارلىق روھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  مىللەتنىڭ مىللەتپەرۋەلىك – ۋەتەنپەرۋەرلىك روھلىرى بولسا مىللەت روھىنىڭ يادروسى،  ئۇ بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ تۈپكى ئاساسى، ئۇ بىر مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىدىكى ماتورلۇق كۈچ. بۇ ئىككى روھ پۈتۈن مىللەتنىڭ بىر گەۋدە بولۇپ مىللەتنىڭ ئورتاق بىئولوگىيىلىك – ئېتنىك ئالاھىدىلىكى ۋە ئورتاق  ئىجتىمائىيىلىقىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە مىللەت زىمنىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭ بىر پۈتۈنلىكىنى ساقلاشتىكى موقەددەس روھ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەرىپەتپەرۋەرلىك – مەدەنىيەتپەرۋەرلىك روھلىرى بولسا بىر مىللەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنىڭ ئاساسى. كېڭەشلىك –  ئۆملۈك رەھلىرى بىر مىللەتنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق –  موۋاپپەقىيەتلىك بولۇشىنىڭ ئاساسى.  بۇ روھلار بىر مىللەت كىشلىرىنىڭ ئەبەدىي جۇشقۇن ھالەتتە بولۇپ، دۇنيادا مەڭگۈ  قەد كۆتۈرۈپ تۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان روھلاردۇر.

مىللەتنىڭ ئەمگەك سۈيەر روھى بولسا بىر مىللەتنىڭ ماددىي مەدەنىيەت يارتىپ، ھاياتلىقىنى ساقلاپ، مەزكۈر مىللەتنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن يوق بولۇپ كەتمەسلىكىنىڭ كاپالىتىدۇر.

مىللەتنىڭ ئېگىلمەس- سۈنماس قەيسەر ئىرادىسى ۋە جاسارەتتىن ئىبارەت روھى بولسا مىللەتپەرۋەلىك- ۋەتەنپەرۋەرلىك روھلىرىنىڭ ئاساسىدا ماددىي ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتلەرنى يارىتىش، تاشقى دۆشمەنلەرنىڭ تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرگە قارشى تۇرۇش، مىللەت ئۇچرىغان ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلار ۋە تەبىئىي ئاپەتلەرنى يېڭىش قاتارلىق ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي ھادىسىلەرنى باشتىن كەچۈرۈش جەريانىدا  يېتىشتۈرگەن روھىدىن ئىبارەتتۇر.

مىللەتنىڭ  بۇ مىللىي روھى مۇئەييەن بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەپكۆرىسىنىڭ ئاساسى.  مىللىي روھ مىللەتنىڭ مىللىي مەپكۇرىسىنىڭ شەكىللىنىشنىڭ ئاساسى ۋە يادىروسى. ئۇ مىللەتپەرۋەلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك،  كېڭەشلىك، ئۆملۈك، مەرىپەتپەرۋەرلىك، مەدەنىيەتپەرۋەرلىك، ئەمگەك سۈيەرلىكى ۋە ئېگىلمەس- سۈنماس قەيسەر ئىرادىسى –  جاسارىتى قاتارلىق روھلارنىڭ جەملەشكەن ئىپادىسى. ئۇ بىر مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ئىجتىمائىي ۋە ماددىي ئىشلاپچىقىرىش پائالىيەتلىرى جەريانىدا تاۋلىنىپ يېتىشىپ چىققان بىر مىللىي مەپكۈرەدۇر.

دۇنيادىكى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مىللىي مەپكۇرەلىرىنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان كاتېگورىيىلىرى  ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، پەقەت كونكرېت مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتلەردىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.  شۇ سەۋەپتىن  مىللىي مەپكۈرەلەرنىڭ ئىپادىلىنىشى  جەھەتلەردە  ئوخشىماسلىقلار مەۋجۇت.  شوڭلاشقا بىر مىللەتنىڭ ئۆزى خاس مەپكۇرىسى  مىللىي مەپكۇرە دەپ ئاتىلىدۇ.

ئۇيغۇر مىللىي مەپكۈرىسىنىڭ ئاساسى بولغان ئۇيغۇر مىللىي روھلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىمى مىللەتپەرۋەرلىك –  ۋەتەنپەرۋەرلىك روھلىرى بولۇپ، ئۇ ئۇيغۇر مىللىي مەپكۈرىسىنىڭ جەۋھىرى. ئۇيغۇرلارنىڭ مىللەتپەرۋەرلىك روھى ئۇلارنىڭ ئۆز مىللىتىنىڭ قەدىر- قىممىتىدىن پەخىرلىنىش ۋە ئىپتىخارلىنىش روھىدۇر. بۇ روھ ئۇيغۇرلاردا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قەدىر-  قىممىتىنى قىلىشى، ئۇيغۇر مىللىتىگە خاس ( تەۋە) بولغان ئورتاق بىئولوگىيىلىك- ئېتنىك ئالاھىدىلىك، مەدەنىيەت ۋە ئۇرتاق پىسخىك خاراكتېرلىرىنىڭ قەدىر – قىممەتلىرى — مىللىي تەپەككۈرىنىڭ قەدىر- قىممىتى، مىللىي تىل- يېزىقىنىڭ قەدىر- قىممىتى، مەدەنىيىتىنىڭ قەدىر- قىممىتى، ئەدەبىيات –  سەنئىتىنىڭ قەدىر- قىممىتى، مىللىي دىنىنىڭ قەدىر- قىممىتى، ئۆرپە – ئادەتلىرىنىڭ قەدىر- قىممىتى، مىللىي كىيىم- كېچەكلىرىنىڭ قەدىر- قىممىتى، مىللىي يىمەك- ئىچمەكلىرىنىڭ قەدىر- قىممىتى، مىجەز- خولۇقلىرىنىڭ قەدىر- قىممىتى ۋە مىللىي قەھرىمانلىرىنىڭ قەدىر- قىممىتى قاتارلىق قىممەتلىرى قاتارلىقلارنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىش ۋە  قەدىرلەش جەھەتلەردە ئەمەلىي  ۋە كونكرېت ئىپادىلىنىدۇ.  ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك روھ ئۇلارنىڭ ئۆز ۋەتىنى —  شەرقىي تۈركىستاننى جان تىكىپ قوغدىشىدا ئالاھىدە ئىپادىلىنىدۇ.

ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ مىللەت مىللىي روھنىڭ يېتىلىش جەريانىدا پارلاق ئۇيغۇر مەدىنىيىتىنى ياراتتى ھەمدە دۇنيا مەدىنىيىتىگە زور تۆھپىلەرنى قوشتى.

ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، مىللەت ئۈچۈن جان كۆيەرلىك ۋە پىداكارلىق بىلەن خىزمەت قىلىش مىللەتپەرۋەرلىك –  ۋەتەنپەرۋەرلىك  قاتارلىق روھلاردىن شەكىللەنگەن بىر پۈتۈن مىللىي مەپكۇرەنىڭ ئەمەلىي  ۋە كونكرېت ئىپادىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

 

2021- يىلى ئاۋغۇست

Share
1115 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.