logo

trugen jacn

مىللىي ئازادلىق يولىدا ئويلىنىش – 6

mehmet-emin-.-1

مەمەت ئەمىن ھەزرەت

 

 

تۈرك تىلىدىن ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان؛ ئەندەر قاراخانلى

 

 

 

يا مۇستەقىللىق، يا ئۆلۈم

 

بىزنىڭ ئەركىنلىكىمىز خىتاينىڭ پارچىلىنىش جەريانىدا ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. خىتاينىڭ ئىتقسادى ساھەدىكى ئۇتۇقى، بۇ دۆلەتنى دۇنيانىڭ ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ئايلاندۇردى. لېكىن پۇل ۋە بايلىق خىتاي خەلقى ئىچىدە تەڭسىزلىك ۋە بۆلۈنۈشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. سوتسىيالىستىك تۈزۈم، بايلىقلارنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن مونوپۇل قىلىنىشى، كوممۇنىستلارنىڭ تويماس ئاچكۆزلىكى، دۆلەتنىڭ قانۇن تونىمايدىغان چوڭ قاراقچى گۇرۇھىغا ئايلىنىپ قېلىشى ئاۋامدا قاتتىق نارازلىق پەيدا قىلۋاتىدۇ. ھازىر خىتايدا پارتىلاش ئالدىدىكى يالقۇن تاغقا ئوخشاش سۈكۈت ھاكىم. خىتاي ئىقتىسادىدا كۆرۈلىدىغان ئەڭ كىچىك بىر بوھران، خىتاينىڭ مالىمانچىلىققا پېتىپ قېلىشىغا يېتىپ ئاشىدۇ. قۇرۇق ئورماننىڭ ئوت دېڭىزىغا ئايلىنىشى ئۈچۈن بىر تال سەرەڭگە كۇپايە قىلىدۇ. بېيجىڭ بۇ ۋەزىيەتنى ناھايىتى ئوبدان بىلىدۇ. بۇ سەۋەپتىن دۆلەت مۇداپىئەسى خامچوتىدىن ئىچكى بىخەتەرلىككە ئايرىغان مەبلەغ ئېغىر سالماقنى ئىگلەيدۇ. بېيجىڭ ئۆز خەلقىنى ئىنەكنى ساغقاندەك سېغىش نىيىتىدىن ۋازكەچمىدى. بۇ سەۋەپتىن ئەركىنلىكنى بوغۇشتا قاتتىق قوللۇق قىلىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ دېموكراتىكلىشىش يولىدا قەدەم بېسىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى لىيۇ شاۋبو ۋە خىتاي ئاساسى قانۇنى، مىللىي تېرىتورىيلىك ئاپتۇنۇمىيە قانۇنىنى شەرقىي تۈركىستاندا ئىجرا قىلىشنى تەلەپ قىلغان پىروفېسسور ئىلھام توختى خىتاي تۈرمىسىدە قېيىن – قىستاققا ئېلىنماقتا

دۆلەتنى مەۋجۇت قىلىپ تۇرىدىغان ئامىل كۈچ ئەمەس، ئادالەتتۇر. سوۋېت ئىتتىپاقى يەر يۈزىنىڭ 3/1 نى تۆمۈر مۇشت بىلەن تىزگىنلەپ تۇتۇپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ پارچىلىنىپ كەتتى. نېمە ئۈچۈن؟ چۈنكى سوۋېت ئىتتىپاقىدا كۈچ بار ئىدى، ئادالەت يوقتى. ھەممە نەرسىنىڭ ئىتىۋارى بار ئىدى، ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتى يوقتى. خىتاينىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى دەل پارچىلىنىش باسقۇچىغا كىرگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئۆز ۋاقتىدىكى ۋەزىيىتى بىلەن ئوپ – ئوخشاش. ئىنساننىڭ قەدىر – قىممىتىنى قىلمىغان تۈزۈملەر يوقۇلۇشقا مەھكۇمدۇر

سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىدا روسلار ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغانىدى. خىتاينىڭ پارچىلىنىشىنى تىزلىتىدىغان ھەل قىلغۇچ ئامىل شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە شاڭگاڭدۇر. چۈنكى دۆلەت تەرىپىدىن يۈرگۈزۈلگەن مىللىي ۋە دىنى زۇلۇم، قىرغىنچىلىق سىياسىتى، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ خىتاي بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلۇش باسقۇچىنى تىزلىتىۋاتىدۇ. شاڭگاڭ، ئىنگىلىز مۇستەملىكىسىدىن قالغان ھۆرلىكىنى خىتايغا تارتقۇزۇپ قويماسلىق نىيىتىدە. « شاڭگاڭلىقلار خىتايلاردۇر » دېگۈچىلەر، بۈگۈن كوچىلاردا تاياق يىگۈدەك دەرىجىدە خىتايغا بولغان نەپرەتكە تولدى. بۇ ئۈچ رايوندا قايتىدىن خىتايغا قايتىش بولمايدۇ

بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئۆز ۋەتىنىمىزدە خىتايلار بىلەن بىرگە ياشاشنى خالىغان تەقدىردىمۇ، خىتايلار بىز بىلەن بىرگە ياشاشنى خالىمايۋاتىدۇ. بېيجىڭ بۇ زېمىندا بىزنىڭ نەسلىمىزنى قۇرتىۋېتىپ، پەقەت خىتايلارغا خاس بولغان يۇرت بەرپا قىلىش نىيىتىنى ئوچۇق ئاشكارا نامايەن قىلىۋاتىدۇ. بىزگە بىرلا تاللاش قالدى، ئۇنىڭدىن باشقا يول يوق:يا مۇستەقىللىق، يا ئۆلۈم

ئى س س ئى ئەمەس، ناتو

ئۇيغۇر نىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان ۋە سۈننى مەزھىپىگە مەنسۇپ بولۇپ، ھېچقانداق رايۇن ياكى مەزھەپ خاراكتېرلىق مەسىلىسى يوق. مىللىي مەدىنىيەت قۇرۇلمىسى نوقتىسىدىن ئاساسىمىز پۇختا. شەرقىي تۈركىستاندا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى باشلانغاندا، دۇنيانىڭ ھەر تەرىپىدىن كېلىپ بۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىدىغان مۇجاھىد گۇرۇپپىلارنىڭ كۆپىيدىغانلىقى مۇقەررەر. مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر. مۇسۇلماننىڭ ھۆرلىكى ئۈچۈن مۇسۇلماننىڭ ياردەم قىلىشى تەبىئى بىر ئەھۋال. بىزنىڭ ھاياتىمىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆلۈشكە رازى بولۇپ كەلگەنلەرنى « كەت! » دېيەلمەيمىز، باغرىمىزغا باسىمىز، ئەلۋەتتە. لېكىن جىھاد پەقەت ئاللاھ رازىلىقى ئۈچۈن بولىدۇ. ئىشنىڭ ئىچىگە باشقا غەرەزلەر ئارلاشسا، جىھاد جىھاد بولماي قالىدۇ. ھازىردىن باشلاپ جىھادچى قېرىنداشلىرىمىزغا شۇنى ئېنىق بىلدۈرۈپ قويۇشىمىزنىڭ پايدىسى بار، يەنى مەزھەپنى مەركەز قىلغان چەتئەللىك جىھادچى گۇرۇپپىلارنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆز ئالدىغا پەرقلىق شۇئار بىلەن ئادەم يىغىپ ھەرىكەت قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىق مۇجاھىدلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ، ئۇلار بىلەن بىردەك ھەرىكەت قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستاند ا ئى س س ئى    ياكى تالىبانغا ئوخشاش تەشكىلاتنىڭ قۇرۇلۇشى، شەرقىي تۈركىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ يوقۇتۇلۇشىغا سەۋەپ بولىدۇ، خالاس. بۇ سەۋەپتىن بۇ خىل تەشكىلاتنىڭ پەيدا بولىشىغا قەتئىي يول قويۇلمايدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىق كۆرىشىدە پەقەت ئاللاھ رازىلىقىنى كۆزلەپ جىھاد قىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىز بېشىمىزنىڭ تاجىدۇر

شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋە دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن بىزگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن كەلگەنلەرنىڭ كۈچى خىتاينى ھالسىرىتىدۇ، لېكىن بۇ كۈچ خىتاينى بۇ زېمىندىن ھەيدەپ چىقىرىش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس. ئۇرۇش مەيدانلىرىدا پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا كەلمىگەن مۆجىزە بىزگە ئەسلا كەلمەيدۇ. ھەممىمىز ئۇرۇشنىڭ ھەربىي كۈچنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا بىئوخىميىلىك، ھەتتا ئاتوم قوراللىرىنى ئىشلەتكىدەك دەرىجىدە نىيىتى يامان. خىتاي قەشقەرگە بىر ئاتوم بومبىسى ئاتسا، ئۇنىڭغا قارشى بېيجىڭ، شاڭخەيگە ئىككى ئاتوم بومبىسى ئاتالايدىغان كۈچ بولغاندا، خىتاينىڭ بىزگە تېخىمۇ كۆپ زىيان يەتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالالايمىز. بىزدە « دۈشمىنىمنىڭ دۈشمىنى مېنىڭ دوستۇم » دەيدىغان بىر ماقال بار. ماۋ بۇ سۆزنى « دۈشمىنىمىزنىڭ دۈشمىنى بىزنىڭ دوستىمىزدۇر » دەپ ئىشلەتكەن. خىتاينىڭ دۈشمەنلىرى بىزنىڭ دوستىمىزدۇر. بىز غەرپنىڭ بىزنىڭ ئۈستىمىزگە ئەمەس، دۈشمىنىمىزنىڭ ئۈستىگە بومبا تاشلىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغان شەكىلدە پاراسەت بىلەن ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىم

خىتاي قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىز تەرەپتىن ( تەيۋەننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا ) 20 دۆلەت بىلەن خوشنا بولۇپ، پەقەت پاكىستاندىن ئىبارەت بىرلا دوستى بار. چاۋشىيەن قاتارلىق 17 دۆلەت بىلەن چېگرا مەسىلىسى بار بولۇپ، بۇلاردىن زېمىن تەلەپ قىلماقتا. جەنۇبىدىكى چوڭ خوشنىسى ھىندىستان، شىمالدىكى خوشنىسى روسسىيە ۋە غەربتىكى خوشنىلىرى بولغان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەردىن زېمىن تەلەپ قىلماقتا ( ئىككى يىل ئىلگىرى پەقەت تاجىكىستاندىنلا خېلى چوڭ كۆلەمدىكى زېمىننى تەھدىد يولى بىلەن ئېلىۋالدى ). ھىمالايا باغرىدىكى تاغلىق دۆلەت بولغان بوتان پادىشاھلىقىغىمۇ ھەيۋە قىلىپ، بۇ كىچىك دۆلەتتىنمۇ قورقۇتۇپ زېمىن تەلەپ قىلماقتا. بېرىمىدىكى مالىمانچلىق ۋەزىيەتتىن پايدىلىنىپ، يەرلىك خىتايلار بولغان كوكانلارنى قوراللاندۇرۇش ئارقىلىق، بۇ دۆلەتتىنمۇ زېمىن تارتىۋېلىشنىڭ كويىدا. دېڭىزدا ۋېتنام، مالايسىيا، بىرۇنى، فېلېپىن، ياپۇنىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن زېمىن تالىشىپ سۈركىلىش پەيدا قىلماقتا. خىتاينىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ خوشنىلىرى بىلەن ئارىسىدىكى مەسىلىلەرمۇ چوڭايماقتا. خىتاي خوشنا ئەللەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلىكىگە، مەدەنىي دۇنيا بىردەك قوبۇل قىلغان قىممەت – قاراشلارغا تەھدىد بولماقتا. ھېچقانداق بىر دۆلەت ئۆزى يالغۇز خىتاي تەھدىدىگە قارشى تۇرالمايدۇ. خىتاي خەۋىپى ئاستىدىكى ئەللەر تەشكىللىنىشكە مۇھتاج. بۇنى پەقەت ئامېرىكىلا ۋۇجۇتقا چىقىرالايدۇ. بۇ تەشكىلاتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى ناتودۇر. خىتاينى پەقەت ناتولا چەكلەپ تۇرالايدۇ. شىر قوتازنى يىقىتقاندىن كېيىن سىرتلانلار ئولجىدىن نېسىۋىسىنى ئېلىش ئۈچۈن يىغىلىدۇ. كۈچ مەركەزدۇر، شۇڭا پىلانىتلار قوياش ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ

بىز ئۇتۇق قازىنالمىغان مۇسۇلمانلارنىڭ يولىدىن ماڭماي، ئۇتۇق قازانغان مۇسۇلمانلارنىڭ يولىدىن مېڭىشنى ئارزۇ قىلىمىز.ئى س س ئى  مەغلۇبىيەتكە مەھكۇمدۇر. چۈنكى ئۇ تۇتۇپ ماڭغان يول مۇسۇلمانلارنى سالامەتكە ئېرىشتۈرمەيدۇ، ئۇلارنىڭ جان ۋە مال بېخەتەرلىكىنى كاپالەتلىك قىلمايدۇ. قىلغان ھەر بىر ئىشى مۇسۇلمانلارنىڭ زىيىنىغا بولىۋاتىدۇ. بىز تۇتۇپ ماڭىدىغان يول ئالىيە ئىززەت بېگوۋىچ، ھاشىم تاچىنىڭ يولىدۇر. بوسنىيە ۋە كوسوۋاغا ئوخشاش ھۆرىيەتكە ئېرىشىش، مەدەنىي دۇنيا بىلەن قول تۇتۇشۇپ تىنچلىق ئىچىدە كېلەچەككە يۈرۈش قىلىشنى ئارزۇ قىلىمىز. تاشقى دۆلەتلەرنىڭ بىردىن – بىردىن يۇرتىمىزغا كېلىپ، يۇرتىمىزنى مالىمان قىلىشىنى خالىمايمىز. قەتلىئامغا دۇچ كەلگەن ۋاقتىمىزدا ناتونى دەۋەت قىلىشتىن يانمايمىز. ناتونىڭ ئىچىدە قان ۋە دىن قېرىندىشىمىز تۈركىيە بار. تۈركىيە بار يەردە بىزگە زىيان كەلمەيدۇ. بەلكىم، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرىسىدا بوسنىيە ۋە كوسوۋانىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن كەلگەن ناتو، ئىچكى ئاسياغا جايلاشقان شەرقىي تۈركىستانغا چاقىرغان ۋاقتىمىزدا « باش ئۈستىگە » دەپ كېلەمدۇ؟ شەرقىي تۈركىستان دۇنيا ئۈچۈن شۇنچە مۇھىممۇ؟ دېگەن سوئاللار تۇغۇلۇشى مۇمكىن

بىرىنجى; ناتو يىراق جايدىن كەلمەيدۇ. ئۇنىڭ چېگرامىزغا يېقىن جايدا بازىسى بار

ئىككىنجى; ناتو ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن كېلىشكە مەجبۇر بولىدۇ. ئۇلارنىڭ كېلىش سەۋەبى بىز بولىمىز

ناتونىڭ كېلىش سەۋەبلىرى

تىنچ ئوكيان ۋە جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدا ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرى تەرىپىدىن توسالغان خىتاي، ھەربىي كۈچىنى غەربىي چېگرىسىغا يۆتكىشى ۋە غەربىي تۈركىستاندا ئىلگىرىلەپ ھازار نېفىتى ۋە تەبىئىي گېزىغا ئېرىشىشى مۇمكىن. خىتاي، تىنچ ئوكياندا كىچىك كۆلەملىك ئۇرۇش ئېلىپ بېرىشى مۇمكىن، لېكىن چوڭ كۆلەملىك ئۇرۇشتىن ئۆزىنى تارتىدۇ. ئامېرىكا، ياپۇنىيە ۋە ياۋروپا ئاسانلىقچە يېتىپ بارالمايدىغان ئوتتۇرا ئاسيادا خىتايلار ياشايدىغان ماكان پەيدا قىلىش ئۈچۈن، خىتايلار 20 يىلدىن بۇيان مەخپىي ۋە ئاشكارا ھالدا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. خىتاي تارىخىدا دېڭىزدا ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرىدا دائىم مەغلۇپ بولغان بولۇپ، قۇرۇقلۇقتا تۈرك تۇپراقلىرىدا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ كەلگەن. بۇنىڭدىن كېيىنمۇ يەنە غەرپكە قاراپ كېڭەيمىچىلىك قىلىدۇ. شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاندىن ئىبارەت بايلىقى مول، لېكىن مۇداپىئە كۈچى ئاجىز بولغان بۇ تۇپراقلار بىر كۈنى ئۇرۇش مەيدانىغا ئايلىنىدۇ. مانا بۇ ۋەزىيەت ناتونىڭ قول تىقىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. خىتاي تىنچ ئوكياندا دېڭىز تەرەپتىن تىنچ ئوكيان ھەربىي ھەمكارلىقى، ئوتتۇرا ئاسيادا ناتو تەرىپىدىن قىسقاچقا ئېلىنغاندا، روسسىيە ۋە ھىندىستانمۇ بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىدۇ

ئەگەر قورال – ياراق ۋە ئوق – دورا جەھەتتىن ياردەم قىلىنسا شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرى ئېغىر بەدەل ۋە زىيانلارغا قارىماستىن، شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاندىن خىتايغا تۇتاشقان نېفىت، تەبىئىي گاز تۇربىلىرى ۋە قاتناش تۈگىنلىرىنى كارغا كەلمەس ھالغا چۈشۈرۈپ قويالايدۇ. خىتاي، شەرقىي تۈركىستاننىڭ كەڭ زېمىنىدىن خىتايغا تۇتاشقان ئېنىرگىيە ۋە خام ئەشيا يوللىرىنى قوغداش ئۈچۈن، كۆپ مىقداردا ھەربىي كۈچنى بۇ رايونغا يۆتكەشكە مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ئەھۋال تىنچ ئوكيان ئىتتىپاقداشلىرىغا بولغان بېسىمنى خېلى يەڭگىللىتىدۇ. خىتاي، شەرقىي تۈركىستانسىز، غەربىي تۈركىستان ۋە ياۋروپاغا كېڭىيەلمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى شۇنداق مۇھىم بولۇپ، ئەگەر بۇ دۆلەت قايتىدىن مۇستەقىللىققە ئېرىشسە، روسسىيە، موغۇلىستان، ئوتتۇرا ئاسيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە ھىندىستانغا بولغان خىتاي بېسىمى خېلى بەك يەڭگىللەيدۇ ۋە ياۋرو – ئاسيادا ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق بارلىققا كېلىدۇ. خىتاي ئۆزى بەلگىلىگەن تارىخى چېگرىسى بولغان سەددىچىن ئىچىگە چېكىنىدۇ. شەرقىي تۈركىستان بۈيۈك تۈركىستاننىڭ ئېنىرگىيە، خام ماددىلىرىنى تىزگىنلەپلا قالمايدۇ، ئىچكى ئاسيا ۋە ياۋرو – ئاسيانىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان مۇداپىئە رايونى بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خىتاي بىلەن باراۋەر ۋە ياخشى خوشنىدارچىلىق ئاساسىدا تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ

شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئىچىدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بىر دۆلەت بولىشى، تىبەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى،    خىتاينىڭ سىياسى زىلزىلە لېنىيسىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ ۋە خىتاينى ئەڭ ئاز يۈز يىللىق مۇقىمسىزلىققا مۇپتىلا قىلىدۇ. ئامېرىكا، ياپۇنىيە، روسسىيە، ھىندىستان ۋە باشقا دۆلەتلەر يۈز يىل خاتىرجەملىككە ئىگە بولىدۇ. شەرقىي تۈركىستان دۇنيا ئۈچۈن مۇشۇ دەرىجىدە مۇھىم

بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھازار دېڭىزىدىن باشلانغان تۇرپان – قۇمۇل رايۇنىغىچە تۇتاشقان نېفىت، تەبىئىي گاز مەنبەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەر ئاستى بايلىقلار، ناتونى جەلىپ قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىلدۇر

بىز ئۆزىمىزنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكىمىزنى خىتايغا ئېتىراپ قىلدۇرالمىدۇق. بىزنى ئىنسان قاتارىدا كۆرگەنلەر بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشتىنمۇ تەبىئىي ئەھۋال بولمايدۇ. بىز ئۇيغۇرلار ۋەتەن، ھەق – ھوقوق، ئەركىنلىك… قاتارلىق ھەممە نەرسىمىزدىن ئايرىلىپ قالدۇق. ئەمدى ئايرىلىپ قېلىشتىن ئەنسىرەيدىغان ھېچنەرسىمىز قالمىدى.  خىتاينىڭ  خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا   ئايرىلىپ قالىدىغان نەرسىسى ناھايىتى كۆپ. دۇنيا بۇنىڭغا شاھىت بولىدۇ

ناتو بىلەن ھەمكارلىق ئورناتساق كاپىر بولامدۇق؟

بىز ئۇيغۇرلار مۇسۇلمان خەلق. يولىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىدۇر. رەسۇلۇللاھ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغاندىن كېيىن، ھەر خىل قەۋملەر بىلەن ئۇچراشتى. ئۇ مەزگىلدە مەدىنىدە يەھۇدىيلارنىڭ نوپۇزى خېلى ئېغىر سالماقنى ئىگىلەيتتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئاز ساندا خىرىستىيانلار ۋە تېخى مۇسۇلمان بولماي ئەجدادلىرىنىڭ كونا ئەقىدىسىگە ئېتىقاد قىلىۋاتقان مۇشرىك ئەرەپلەرمۇ بار ئىدى. رەسۇلۇللاھ مانا مۇشۇنداق بىر جايدا ئىجتىمائى بىرلىك ۋە تىنچلىقنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈچۈن، مەدىنىدىكى پەرقلىق قەۋم ۋە ئەقىدىگە كىشىلەرنى ھەر خىل كېلىشىملەر بىلەن بىرلەشتۈرگەن، يۈزدىن ئارتۇق قەبىلە بىلەن ھەر خىل كېلىشىملەر تۈزۈپ ئۇلار بىلەن ئەپ ئۆتكەن. مەدىنىگە ھۇجۇم قىلىش ئېتھىمالى بولغان مەككىلىكلەرگە قارشى ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن، يەھۇدىيلاردىن تارتىپ مۇسۇلمان بولمىغان باشقا قەبىلىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزگەن. دۈشمەن كاپىرلارغا قارشى دۈشمەن بولمىغان كاپىرلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈش پەيغەمبىرىمىزنىڭ سۈننىتىدۇر

خىتاي كوممۇنىست پارتىيسى پەقەت دىنىمىز، تىلىمىز، مەدەنىيىتىمىزگىلا ئەمەس، بىزنىڭ جىسمى شەكىلدە مەۋجۇت بولۇش تۇرۇشىمىزغىمۇ قارشى. ئۆز ۋەتىنىمىزدە بىزنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇش ئۈچۈن، بارلىق كۈچىنى سەرپ قىلىۋاتىدۇ. بىزگە دۈشمەن بولمىغان ۋە دىنىمىز، تىلىمىز، مەدەنىيىتىمىزگە قارشى تۇرمىغان غەرپ ئەللىرى ۋە ئۇلار تەشكىللىگەن ھەربىي ئىتتىپاق ناتو بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش بىزنى كاپىر قىلمايدۇ. ناتو ئىچىدە يەر ئالغان تۈركىيە مۇسۇلمان دۆلەتتۇر، تۈركتۇر

ئۇيغۇر خەلقى شۇنىڭغا تەييار بولىشى كېرەككى، ئەگەر ناتو ۋەزىيەت تەققەزاسى بىلەن شەرقىي تۈركىستانغا كىرسە ۋە بىز بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلسا، مۇستەقىللىق يولىمىز ئېچىلغان بولىدۇ. ئەگەر روسسىيە ناتو بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلسا ياكى بىتەرەپ تۇرسا، بىزنىڭ مۇستەقىل بولىشىمىز تېخىمۇ قىسقا مۇددەت ئىچىدە ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. چۈنكى خىتاينىڭ ياۋرو – ئاسيانى مۇقۇمسىزلىققا ئېلىپ بارىدىغان بىر تەھدىد ئامىلى ئىكەنلىكىنى بارلىق دۆلەتلەر چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتمەكتە

ئاللاھ دىنىمىزنى قوغدايدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن. بىز ئىمانىمىزغا، كۈچىمىزگە تايىنىش ۋە خىتاينىڭ دۈشمەنلىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىش ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنى قوغداشقا مەسئۇلمىز.

پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ يولى، بىز ئۇيغۇرلار نىڭ  ۋە پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئۈچۈن توغرا يولدۇر

**************************

ئەسكەرتىش: « مىللىي ئازادلىق يولىدا ئويلىنىش » ماۋزۇسى بىلەن قەلەمگە ئالغان ۋە ئېلان قىلغان ماقالىمىز، بۇ 6 – بۆلۈم بىلەن ئاخىرلاشتى

 

مەنبە

MİLLİ KURTULUŞ YOLUNDA DÜŞÜNCELER -6. VE SON BÖLÜM

http://www.uyghurnet.org/26946-2/

Share
2308 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.