logo

trugen jacn

مىسىر تۈرمىسىدىن 16 ئۇيغۇرنىڭ غايىب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

 

قويۇپ بېرىلگەنلەر ئاز دېگەندە 25 كە يەتتى

بۇ يىل 4-ئىيۇلدىن باشلاپ قاھىرەدە باشلانغان مىسىر ساقچىلىرى بىلەن خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى ھەمكارلىقىدىكى تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە ئىلگىرى‏-ئاخىر 200 يۈزگە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى. بىراق «ئوتتۇرا شەرقنى كۆزىتىش» تورىنىڭ خەۋىرىدە، ھازىر 113 دەك ئۇيغۇرنىڭ داۋاملىق تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. مىسىر دائىرىلىرىمۇ ھازىرغا قەدەر تۇتقۇندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سانى ۋە ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇماتلارنى يوشۇرۇپ كەلمەكتە.

ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلەر، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقلىرى شۇنداقلا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ باياناتلىرى خەلقئارالىق مەتبۇئاتلاردىن كەڭ ئورۇن ئېلىپ، غۇلغۇلا قوزغالماقتا. 9-سېنتەبىر كۈنى«ئوتتۇرا شەرقنى كۆزىتىش» ناملىق تور گېزىتى مىسىردىكى تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلاردىن ئاز دېگەندە 12 كىشىنىڭ 1-سېنتەبىر كۈنىدە قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى. ئادۋوكات ئىززەت غۇنەمنىڭ مەزكۇر گېزىتكە بىلدۈرۈشىچە، قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار ئەل-ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا تىزىمغا ئالدۇرغان ئوقۇغۇچىلار ئىكەن. خەۋەردە كەلگۈسى بىر قانچە ھەپتە ئىچىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ قويۇپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

16 بالا ئايرىم ئېلىپ كېتىلدى

مىسىردىكى ئۇيغۇرلاردىن ئالغان ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، 20-سېنتەبىرگە قەدەر، تۇرا تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار ئاز دېگەندە 25 كە يەتكەن بولۇشى مۇمكىن. مىسىر ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر تۇتقۇنلاردىن زادى قانچە كىشىنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار تۇرا تۈرمىسىگە سولانغان 16 ئۇيغۇر سەپدىشىنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئايرىپ ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەنلىكىنى ۋە ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغانلىقىنى ئىنكاس قىلماقتا. بۇ ۋەقە دەل ھېيتنىڭ ھارپىسى، يەنى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار قويۇپ بېرىلىشتىن بىر كۈن بۇرۇن يۈز بەرگەن ئىكەن.

تۇرا تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن، ئەمما ئۆزى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن مەلۇمات بەرگەن بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇرا تۈرمىسىگە قامالغان 100دىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئىككى كامېرغا بۆلۈنۈپ سولانغان. تۈرمىگە كېلىپلا تېلېفونلىرى تارتىۋېلىنغان ۋە دەسلەپ مىسىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغان. مىسىر ساقچىلىرى دەسلەپ بۇ بالىلارغا سىلىق مۇئامىلىدە بولغان ۋە سوراق جەريانىدا: «قورقماڭلار، بىز سىلەرنى خىتاي تەرەپنىڭ بۇ ئۇيغۇرلار ‹تېررورچى› دېگەن تەلىپىگە ئاساسەن تۇتتۇق، ئەمما سىلەرنىڭ ھېچقايسىڭلاردىن تېررورلۇققا چېتىلىدىغان بىر نەرسە تاپالمىدۇق، بىر مەزگىلدىن كېيىن قويۇپ بېرىلىسىلەر، بۇ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى چوڭ سىياسىي ئويۇن،» دېگەن ئىكەن.

نۇ ئۇيغۇر يەنە ئۇيغۇر 31-ئاۋغۇست كۈنى كامېردا يۈز بەرگەن ئەنسىز ۋەقەنى ئەسلەپ: مۇنداق دېدى: «54 ئۇيغۇر بالا سولانغان كامېرغا تۇيۇقسىز قوراللىق باستۇرۇپ كىرگەن ساقچىلار ئەرەبچە ‹ھەممىڭ تامغا قاراپ تۇرۇش !› دېدى. ئارقىدىنلا بالىلاردىن بىر قانچىنى قولىنى قايرىپ كىشەن سېلىپ ئېلىپ چىقىپ كەتتى. بىز يوچۇقتىن ساناپ بىلدۇق، ئىككى كامېردىن ئېلىپ چىقىپ كەتكەن بالىلار جەمئىي 16. بىلىشىمىزچە، بۇ بالىلار قىزىل كاتېگورىيەگە كىرگۈزۈلگەن بالىلار ئىكەن. تۈرمە ساقچىلىرىدىن ئۇلارنىڭ نەگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى سۈرۈشتە قىلدۇق، ئەمما ئۇلار دەپ بەرمىدى.»

7-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە تۇرا تۈرمىسىدىن بىر ئامال قىلىپ مىسىردىكى سەپداشلىرىغا خەۋەر يەتكۈزگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق قاھىرەدىكى تۇرا تۈرمىسىگە قامالغان ئۇيغۇرلارنىڭ 100 دىن ئاشىدىغانلىقىنى، شۇ كۈنلەردە خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ كېلىپ ئۇلارنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ سوراق قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن ئىدۇق.

تۇرا تۈرمىسىدە ئۇيغۇرلار 3 كاتېگورىيەگە ئايرىلغان

يېقىنقى كۈنلەردە تۇرا تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇر بالىلاردىن 3ئۈچەيلەن، مىسىردىكى تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىگە ۋە تۇرا تۈرمىسىدىكى سوراققا خىتاي ئامانلىق خادىملىرىنىڭ قاتناشقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇرا تۈرمىسىدە ئۇيغۇرلار خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغاندىن كېيىن، بارلىق ئۇچۇرلىرى خاتىرىلەنگەن جەدۋەلگە قول قويغۇزغان. بۇ جەدۋەللەر قىزىل، سېرىق، يېشىل ئۈچ خىل رەڭدە بەلگە قويۇلۇپ كاتېگورىيەگە ئايرىلغان ئىكەن.

يېقىنقى كۈنلەردە مىسىر تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەن بالىلاردىن بىرى نام شەرىپىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن ئەزھەرنىڭ ئوقۇغۇچىسى. مىسىردا تۇرۇشلۇق قانۇنىي رەسمىيەتلىرىم تولۇق، ھېچقانداق جىنايەت ئارتالمىغانلىقى ئۈچۈن بولسا كېرەك، يېشىل كاتېگورىيەگە ئايرىلدىم. مىسىردا تۇرۇۋاتقان، ئەمما تۇرۇش ياكى ئوقۇش رەسمىيەتلىرى تولۇق بولمىغان يەنە بىر قىسىم ئۇيغۇرلار سېرىق كاتېگورىيەگە كىرگۈزۈلگەنلىكى مەلۇم بولدى. قالغان بىر قىسمى بولسا قىزىل كاتېگورىيە قىلىپ ئايرىلغان ئىكەن. بىلىشىمچە، ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلگەن 25 چە بالىنىڭ ئىچىدە يېشىللىرىمىز مىسىرغا قويۇپ بېرىلدۇق. بۇ جاينىڭ تۇرغۇچىلىكىمۇ قالمىدى. ئەمما ئەندىشە قىلىۋاتقىنىمىز قىزىل كاتېگورىيەگە ئايرىلغان بالىلار 3 ھەپتە بولدى، ئۇلار ھەققىدە ھېچقانداق شەپە ئاڭلىمىدۇق، غايىب بولدى.»

تۇرا تۈرمىسىدىن قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ قېرىنداش ۋە دوستلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار قاھىرەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۈرمىدىن چىققان ئۇيغۇرلار بىر يەرگە كېلىپ سۈرۈشتۈرۈش، سۆھبەتلىشىش جەريانىدا ئەڭ دەسلەپ قويۇپ بېرىلگەنلەرنىڭ يېشىل كاتېگورىيەدىكىلەر ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان. كېيىنكى كۈنلەردە سېرىق كاتېگورىيەگە ئايرىلغانلارمۇ قويۇپ بېرىلىشكە باشلىغان. ئەمما ھازىرغا قەدەر، بالىلار قويۇپ بېرىلىشكە باشلىغان كۈندىن بىر كۈن ئاۋۋال بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ، قوللىرىغا كىشەن سېلىپ ئايرىپ ئېلىپ چىقىپ كېتىلگەن 16 بالىدىن بىرىمۇ قويۇپ بېرىلمىگەن شۇنداقلا بۇ بالىلارنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى مەلۇم بولمىغان.

مىسىرغا كونا بىر ئۇيغۇر ئۆز ئاۋازىنى ئاڭلاتماسلىق شەرتى بىلەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ھازىرغىچە ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىپ كېلىۋاتقان بىردىن-بىر مىسىرلىق ئادۋوكات ئىززەت غۇنەم يېقىنقى كۈنلەردە مىسىر تۈرمىسىدىن 7-8 ئۇيغۇرنىڭ قاھىرەدىكى دۆلەت بىخەتەرلىك تۈرمىسىگە يۆتكەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان، ئەمما ئۇ جايغا بېرىپ تەكشۈرۈش رۇخسىتىگە تېخى ئىگە بولالمىغان ئىكەن. بۇ 16 بالىنىڭ ئىچىدە 17 ياشلىق بىر ئوقۇغۇچى ئۇزۇن يىلدىن بۇيان بىر ياقتىن ئوقۇش يەنە بىر ياقتىن دۇكان ئېچىپ ھالال ئىشلەپ جېنىنى قامداۋاتقان ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە ياشلار، يېڭى ئائىلە قۇرغانلار ۋە دادا بولغان ياشلار بار ئىدى. بىز بەك ئەندىشە قىلىۋاتىمىز. ئادەم مۈشۈكى يۈتۈپ كەتسىمۇ ئىزدەيدىغۇ، قاراپ تۇرۇپ 16 ياش بالا يوقاپ كەتسە قانداق قاراپ تۇرغۇلۇق، بىز دۇنيا جامائىتىنىڭ بۇ بالىلارنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىشىنى سورايمىز.»

تۇرا تۈرمىسىدىن ئۈچىنچى بىر دۆلەتكە كېتىش شەرتى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلاردىن يېقىنقى كۈنلەردە ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىستانبۇلغا يېتىپ كەلگەن بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، ئۇ 4-ئىيۇن مىسىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن ياتىقىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە تۇرا تۈرمىسىگە قامالغان. ئەينى ۋاقىتتا خىتاي ئەلچىخانىسى ۋاقتىدا ئىسپات چىقىرىپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن ئىقامىتىنى ئۇزارتالمىغان ئىكەن. تۇتۇلغاندىن كېيىن ئىقامىتى توشۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك ئۇ قول قويغان ئارخىپ جەدۋىلىگە سېرىق بەلگە قويۇلغان ئىكەن. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بۇ ئوقۇغۇچى گەرچە تۈرمىدىن قۇتۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىنىڭ يەنىلا ئەندىشىدىن قۇتۇلالمىغانلىقىنى تەكىتلىدى:

«مەن قورقۇپ كەتتىم، باشتا بىز بالىلار بىللە ئىدۇق، ھەممىمىز 100 دىن ئاشاتتۇق. كېيىن ئىككىگە بۆلدى، مەن سولانغان كامىرىدا 54 مىز بار ئىدۇق، ساقچىلار تەن جازاسى بەرمىدى. ئەمما قاچان بىزنى خىتايغا ئېلىپ كېتەر، تەقدىرىمىز قانداق بولار دېگەن ئەندىشە يامانكەن. خىتايلار بېشىمىزغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ، ‹نېمە ئۈچۈن مىسىرغا كەلدىڭ؟ مىسىرغا كەلگەندىن كېيىمن قايسى تەشكىلاتقا قاتناشتىڭ؟› دېگەندەك سوراقلارنى قىلدى. ئاخىرى مەن ۋە ماڭا ئوخشاش سېرىق كاتېگورىيەگە كىرگۈزگەن بالىلاردىن بىر قانچىمىز ھېيتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلدۇق. ئۇنىڭ ئالدىدا ‹پەقەت ئەزھەردە تىزىملاتقان ۋە ئىقامىتى بارلار قويۇپ بېرىلىدىكەن› دېگەن مىش-مىش گەپ بولغان ئىدى. مەنمۇ قويۇپ بېرىلدىم. شۇنىڭغا قارىغاندا سېرىق بەلگە قويۇلغانلارمۇ قويۇپ بېرىلىدىغان ئوخشايدۇ.»

ئەجەبا 16 ئۇيغۇر خىتايغا ئۆتكۈزۈلۈپ بېرىلدىمۇ؟ 

گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى، گېرمانىيەدىكى «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر تەشكىلاتى» قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ئارقا-ئارقىدىن بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىر دائىرىلىرىنى گۇناھسىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تۇتقۇن قىلىش مەسىلىسىدە ئاشكارا بولۇشقا، تۇتقۇنلارنىڭ ئاقىۋىتىگە دائىر ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە چاقىرىق قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما مىسىر ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر تۇتقۇنلارنىڭ تەقدىرىگە ئالاقىدار ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلمىدى. نۆۋەتتە ئىز-دېرىكى بولمىغان 16 نەپەر ئۇيغۇر تۇتقۇننىڭ تۇرا تۈرمىسىدىن قەيەرگە ئېلىپ كېتىلگەنلىكى ھەققىدىمۇ ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان مىسىردىكى ئۇيغۇرلار ۋە يېڭى تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلار بىردەك 3 ھەپتىدىن بۇيان ئىز-دېرىكى يوق بۇ 16 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىق ئېھتىماللىقىدىن ئەندىشە قىلماقتا ئىكەن.

رويتېرس ئاگېنتلىقى، «مىسىرلىقلار كوچىسى» ۋە س ن ن خەۋەرلەرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مىسىر پرېزىدېنتى سىسىنىڭ 31-ئاۋغۇستتىن 4-سېنتەبىرگىچە خىتايدا ئۆتكۈزلگەن 9-نۆۋەتلىك خىتاي-ئەرەب دۆلەتلىرى كۆرگەزمىسى يىغىنىغا قاتنىشىپش ئۈچۈن 2 -سېنتەبىر شيامېن شەھىرىگە يېتىپ كەلگەنلىكى مەلۇم.

بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەردە خىتاينىڭ مىسىرغا سالغان مەبلىغىنىڭ 5 مىليارد دوللاردىن ئېشىپ كەتكەنلىكى شۇنداقلا خىتاينىڭ نېفىتلىك ئېچىش، ئەينەك تالا، ماشىنىسازلىق، يەم-خەشەك قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەرگىچە سىڭىپ كىرگەنلىكى كۆرسىلمەكتە

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/misirda-uyghur-09212017140048.html

Share
1044 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.