logo

trugen jacn

مىسىردىن قايتقان ئوقۇتقۇچى: ۋەتەندە 11 يىلدا سەۋەبسىز 8 قېتىم قاماقتا ياتتىم

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

ئۇيغۇر رايونىدا 10 يىللاردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكەتلىرىدە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى دىنىي زاتلار قاتلىمىنىڭ ئەڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئىنكاسلاردا دېيىلىشىچە، زەربىگە ئۇچراۋاتقانلار ئىچىدە خىتاينىڭ سىياسەتلىرىگە قارشى ھەرىكەت قېلىشتىن ئۆزىنى تارتىپ يۈرگەن يەنى ئېھتىيات بىلەن ياشاپ يۈرگەنلەرمۇ ئاز ئەمەس؛ شۇنداقتىمۇ بۇلار دىنىي زات بولۇپ قالغانلىقى ئۈچۈنلا ھەر قېتىملىق دولقۇن خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەردە ئايلاپ ۋە يىللاپ يېتىشقا مەجبۇر بولغان.

بۇلاردىن، نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، ئىلگىرى ۋەتەندىكى چېغىدا 11 يىلدا 8 قېتىم قاماقتا ياتقان ئابدۇللا قاراجىم ھېچقانداق دېلوغا چېتىلمىغانلىقى ئۈچۈنلا دائىرىلەرگە پارا بېرىش يولى بىلەن ھاياتىنى قاماقتىن قۇتقۇزغان.

مىسىردىن تۈركىيەگە قايتقان سابىق ئوقۇتقۇچىلاردىن ئابدۇللا قاراجىم، ئۆزىنىڭ 3 يىلنىڭ ئالدىدا ۋەتەندىن ئايرىلىپ، مىسىردا تۇرۇش ئىمكانى بولمىغاندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىشنىڭ ئورنىغا تۈركىيەگە كېلىشىنىڭ سەۋەبى ئۈستىدىكى سۆھبىتىمىز داۋامىدا، ئۆزىنىڭ قاماقتا يېتىش ۋە قاماقتىن قۇتۇلۇش جەريانى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەتەندە ئاساسلىقى بالىلارغا دىنىي ساۋات بېرىش بىلەن شۇغۇللانغان ئابدۇللا قاراجىم ھەر قېتىملىق قۇرۇلتاي، يەرمەنكە قاتارلىق چوڭ يىغىن ۋە پائالىيەتلەر مەزگىلىدە سەۋەبسىزلا تۇتقۇن قىلىنغان.

2003-يىلىدىن 2014-يىلغىچە 8 قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان ئابدۇللا قاراجىم، 2008-يىلى ئولىمپىك ھارپىسىدىكى تۇتۇلۇشىدا بىر يىللىق كېسىلگەن ۋە ئولىمپىكتىن كېيىن جازا مۇددىتى توشتى دەپ قارىلىپ قويۇپ بېرىلگەن. قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن 360 مىڭ سوم خەجلەنگەن.

ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق قويۇپ بېرىلىشى، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەر ۋە يۇرت جامائىتىنىڭ دائىرىلەرگە پارا بېرىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشقان. ئابدۇللا قاراجىم ئۆز ئانا ۋەتىنىدە قانۇنغا چېتىشلىق ھېچقانداق بىر ئىشقا ئارىلاشمىغان تەقدىردىمۇ كۈنىگە 1000 سومدەك پۇل تۆلەپ ياشىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىلگىرى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدا 10 يىللاردىن بېرى نۇقتىلىق ئائىلىلىكلەر تىزىملىكى تۇرغۇزۇپ، دىنىي زاتلارنى كونترول قىلىۋاتقانلىقىدىن باشقا يەنە، دائىرىلەرنىڭ ئاتۇش ئىشتاچىدا 6 خىل كىشىلەرنى قاتتىق نازارەت قىلىۋاتقانلىقى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋەزىپىسىز دىنىي زاتلار ۋە سابىق مەھبۇسلارنىڭمۇ بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/uyghurda-din-08082017150700.html

Share
1264 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.