logo

trugen jacn

مىسىردا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى جىددىي ئەندىشە پەيدا قىلماقتا

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىر ساقچى دائىرىلىرىنى ئىشقا سېلىش ئارقىلىق مىسىردا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىشى ۋە مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىشى خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىغا ئۇچرىغان ئىدى. يېقىندا بۇ ۋەقەگە قارىتا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ بايانات ئېلان قىلىپ، مىسىردا تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. كۆزەتكۈچىلەر بولسا، خىتاينىڭ بۇ ھەرىكىتىگە ئەگەر جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇلمىغان تەقدىردە، ئۇنىڭ ئۆز قولىنى باشقا دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇرلارغىمۇ ئۇزىتىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

مىسىر ساقچى دائىرىلىرى بۇ يىل ئىيۇلنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ، مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قولغا ئېلىشقا باشلىغاندىن بۇيان مىسىردا ئوقۇۋاتقان، ياشاۋاتقان ئالاھازەل 7-8 مىڭ ئەتراپىدا ئۇيغۇرنىڭ بۇ تۇتقۇننىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى مەلۇم. ئۇلار ئىچىدە بىر قىسىملىرى خىتايغا قايتۇرۇلغان، يەنە بىر قىسىملىرى تۈرلۈك ئاماللار ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن بولسا، يەنە تەخمىنەن 70-200 نەپەر گىچە ئۇيغۇرنىڭ مىسىر تۈرمىلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

گەرچە خەلقئارادىكى ھەر دەرىجىلىك كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، مەتبۇئاتلار مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىكى ھەققىدە پائالىيەتلەرنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، مىسىر تۈرمىلىرىگە قامالغان 200 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى يەنىلا ھەر ۋاقىت خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ تەقدىرى خەلقئارادىكى ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنى ئەندىشىگە سالماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ رادىيومىزغا بەرگەن ئىنكاسىدا، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلار باياناتىدا، «خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن ئۇيغۇرلارنىمۇ تىلغا ئېلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىغا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇن-تۈزۈملىرى بويىچە كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. بارلىق جەريانلارنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا بولۇشىغا، ئۇلارنىڭ ئادىل مۇئامىلە كۆرۈشىگە ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك» دېدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىش ۋەقەسى چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلىرىنىڭمۇ دىققىتىنى قوزغىغان ئىدى. بەزى كۆزەتكۈچىلەر خىتاينىڭ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قولىنى ئۇزىتىۋاتقانلىقى، ئەگەر مىسىردىكى بۇ ۋەقەگە كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇلمىغان تەقدىردە بۇنىڭ داۋامىنىڭ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇرماقتا.

مەسىلەن، ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان «خىتاي ئارخىپلىرى» ناملىق تور ژۇرنىلىدا «خىتاي ئۇيغۇرلارنى قايتىشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ. نېمىشقا بەزى دۆلەتلەر خىتاينىڭ تەلىپىنى رەت قىلمايدۇ» ماۋزۇلۇق بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى.

ماقالە ئاپتورى جېسسىكا بەتكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىدىغان ھەرىكەتلىرىنى جىمجىت ھالدا خېلى بۇرۇنلا باشلاپ بولغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتىپ كېتىشكە چاقىرغانلىقى، بەزى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرىنى بالىلىرى قايتىپ كەلگۈچە تۈرمىگە سولىۋېلىشتەك ئاماللار ئارقىلىق بالىلارنى قايتۇرۇپ كەلگەنلىكىنى كۆرسەتكەن.

ئۇ ماقالىسىدە يەنە، بۇ يىل ئىيۇلدا مىسىر ساقچى دائىرىلىرى خىتاينىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن مىسىردىكى ئۆزلۈكىدىن قايتىپ كەلمىگەن ئۇيغۇر بالىلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى باشلىمىغۇچە دۇنيانىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرى بولمىغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە «ئەگەر بۇ مەسىلىدە سۈكۈت داۋام قىلغان تەقدىردە، ئۇ ھالدا بۇ باشقا دۆلەتلەرمۇ مىسىردەك ھەرىكەت قىلسا تەنقىدكە ئۇچرىمايدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ قويىدۇ ۋە نەتىجىدە بۇ دۆلەتلەرنىڭ ساقچى ئورگانلىرى خەلقئارا ئورگانلارنىڭ تەنقىدىدىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوقكەن، دەپ خاتىرجەم بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۈگۈن بۇ مەسىلە ئۈستىدە توختىلىپ، ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلەش ئۈچۈن شۇ دۆلەتلەرگە بېسىم ئىشلەتكەن بولسا، ئەمدىلىكتە ئادەتتىكى ئۇيغۇرلارغا يەنى مىسىردا ئوقۇۋاتقان، تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان نورمال ئۇيغۇرلارغا قول ئۇزاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى ۋە مىسىر ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ قاتتىق تەنقىدلىنىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

«خىتاي ئارخىپلىرى» ناملىق ژۇرنالدا ئېلان قىلىنغان ماقالە ئاپتورى جېسسىكا بەتكىمۇ ئۆز ماقالىسىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تا ھازىرغىچە بۇ ئۇيغۇرلارنى نېمە ئۈچۈن قايتۇرۇپ كەتكەنلىكى توغرىسىدا بىر ئوچۇق بايانات بەرمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ سەۋەبىنى تەخمىن قىلىشنىڭ قېيىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ ماقالىسىدە يۇقىرى مەزمۇنلار ھەققىدە توختىلىپ مۇنۇلارنى بايان قىلغان: «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ كېتىش سەۋەبىنىڭ خىتاينىڭ ئۇلارنىڭ چەتئەللەردىكى رادىكال گۇرۇپپىلارغا قاتنىشىپ، كېيىن يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ بۇ يەردە ھۇجۇم ئېلىپ بېرىشىدىن قورققانلىقىدىن بولۇۋاتقانلىقىنى پەرەز قىلىش ئۇنچە قېيىن ئەمەس. ئەمما بۇ يەردىكى پاكىت بولسا قايتۇرۇپ كېتىلگەن بالىلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ بۇنداق تېررور تەشكىلاتلىرى ۋە تېررورلۇق پائالىيەتلىرى بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى بولۇپ باقمىغان بالىلار ئىكەنلىكى. ئۇلارنىڭ مىسىردا تۇرۇش سەۋەبلىرى ھەرخىل بولۇش بىلەن بىرگە، مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىرى ئۆزىنىڭ مىسىردا ياشاۋاتقىنىغا 15 يىل بولغانلىقىنى ئېيتتى. بۇ يەردە ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، ئۇلار خىتايغا قايتسا زۇلۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى بىلىدۇ…»

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن بولغان ئەركىنلىك سارىيى تەتقىقاتچىسى ساراھ كۇك خانىم بولسا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭغا ئوخشاش ھېچقانداق زوراۋانلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ باقمىغان ئادەملەرگىمۇ زوراۋان قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشىنىڭ ئەسلىدە ئۆزلىرى ئۈچۈن خەتەرلىك ئاقىۋەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇ زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىدىغان بىر مەسىلە. چۈنكى ئۇ، مۇشۇ كەمگىچە ھېچقانداق زوراۋانلىق بىلەن شۇغۇللانمىغان، بۇنداق ئىشلاردىن ئۇزاق تۇرۇپ كەلگەن كىشىلەرنىڭمۇ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئۇلار مەن زوراۋانلىق قىلمىساممۇ بەرىبىر بىر زوراۋان تېررورچىغا ئوخشاش مۇئامىلىگە ئۇچرايدىكەنمەن، ئۇنىڭدىن كۆرە زوراۋانلىق ئۇسۇلىنى قوللانسام بەكرەك ئۈنۈمى بولىدىكەن، زوراۋانلىق قىلمىسام تېخى ئۇلار مېنىڭ كەينىمگە كىرىۋالىدىكەن، دەيدىغان كۆز قاراشنى شەكىللەندۈرىدۇ. شۇڭا مەنچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلىۋاتقان ھەرىكەتلىرى ئىنتايىن خەتەرلىك. ئۇ ئەكس تەسىر پەيدا قىلىدىغان سىياسەتلەردۇر.»

ئىستانسىمىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا، مىسىردىن قايتىپ بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئايروپىلاندىن چۈشكەن ھامان بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلۈپ نامەلۇم ئورۇنلارغا ئەپ كېتىلگەنلىكى، بەزىلىرىنىڭ قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى، ھەتتا مىسىردىن قايتقان 12 ياشلىق ئەمىرۇللا مەمەتنىڭ نەزەربەند ئاستىغا ئېلىنىپ، سىياسىي تەربىيە ئېلىۋاتقانلىقىدىن باشقا ئۇنى مىسىردىن ئېلىپ قايتقان دادىسىنىڭ يەتتە يىل كېسىلگىنى، بەش تاغىسىنىڭمۇ قاماقتا ئىكەنلىكى، ئانىسى ۋە بوۋىسىنىڭ ئەمىرۇللانى مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەنلىكىدەك ئاتالمىش خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىپ، دائىرىلەرگە خاتالىقىنى تەكرارلىماسلىق ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىدەك ئەھۋاللار ئاشكارىلانغان ئىدى.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىلگەن 20 دەك بالىنىڭمۇ ئاقىۋىتىدىن ھازىرغىچە ھېچقانداق خەۋەر يوقلۇقىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ، دۇنيا دۆلەتلىرىنى نۆۋەتتە مىسىردا داۋاملىق قايتۇرۇلۇش خەۋپى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان بالىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىشقا چاقىردى.

جېسسىكا بەتكى خانىم بولسا ماقالىسىدە ئەسكەرتىپ: «خىتاي ھۆكۈمىتىنى، بۇ ھەرىكىتىنى ئۆزى گېپىم ئۆتىدۇ دەپ قارىغان باشقا دۆلەتلەردىمۇ قىلمايدۇ، دېگىلى بولمايدۇ. ئەگەر دۇنيا سۈكۈتتە تۇرۇشنى داۋام قىلسا، ئۇ ھالدا خىتاي ھۆكۈمىتى تېلېفوننى قولىغا ئېلىپلا باشقا دۆلەتلەردىنمۇ چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنى تەقىبگە ئېلىشنى سورىشى مۇمكىن. خىتاينى رەت قىلىشنى خالايدىغان دۆلەتلەر سىلەر قەيەردە؟» دەپ يازغان

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/kishilik-hoquq/misirdiki-uyghurlar-tehdit-astida-08182017204454.html

Share
1333 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.