logo

trugen jacn

مىسىردا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقۇنغا ئۇچراۋاتقانلىقى مەلۇم

 

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

بىر قانچە ئايدىن بۇيان خىتاينىڭ تۈرلۈك بېسىملىرىغا ئۇچرىغان مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەنگە قايتىش-قايتماسلىق ياكى 3-بىر ئەلگە بېرىش ئوتتۇرىسىدا ئىزتىراپ چېكىۋاتقانلىقى مەلۇم بولغان ئىدى.

سەيشەنبە كۈنى مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار رادىيومىزغا ئۇچۇر يەتكۈزۈپ، يېقىنقى كۈنلەردە مىسىر ساقچىلىرىنىڭ قاھىرەدىكى ئۇيغۇرلار تۇرۇۋاتقان 7-رايوندىكى ئۇيغۇرلارنى كوچا دوقمۇشلىرىدا، ئاشخانىلاردا، بەزىلىرىنى ئۆيىگە باستۇرۇپ كىرىپ، قارا-قويۇق تۇتۇۋاتقانلىقى، بەزى سەپەر قىلماقچى بولغانلارنى ئايرودرومدا قوراللىق ئەسكەرلەر تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بەردى.

مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن خەۋەر تاپقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىمۇ نۆۋەتتە جىددىي ھەرىكەتكە كەلگەن بولۇپ، ئۇلار خەلقئارانىڭ جىددىي ئارىلىشىپ، مىسىر ۋە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن.

ئىككى كۈندىن بۇيان مىسىر ساقچىلىرىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆي ئاختۇرۇشلىرى داۋامىدا تۇتقۇن قىلىنغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە بىر ئوقۇغۇچىدىن كەلگەن تىزىملىككە قارىغاندا، 4-ئىيۇل كۈنى قاھىرە 7-رايوندىن نۇرئەخمەت بورھان، ئابدۇلھەمىد، ئەنەس قارىم، شەھيدۇللاھ مۇھەممەد، ياسىن ئىبراھىم، ئابدۇلقۇددۇسلار شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 7 دە ناماز شامدىن كىيىن تۇتۇپ كېتىلگەن.

مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان يەنە بىر ئوقۇغۇچى بولسا 4-ئىيۇل كۈنى كەچتە، 7-رايوندىكى ئەسلەم ئۇيغۇر ئاشخانىسدىن 30 دىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ، قارا ماسكىلار تاقىغان قوراللىق مىسىر ساقچىلىرى تەرىپىدىن بىراقلا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ھازىرغىچە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش، رادىيومىزغا كەلگەن، قاھىرە ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلار تاماق يەيدىغان ئاشخانىلار ۋە ئۆيلەردىن ھەمدە قاھىرە ئايرودرومىدىن تۇتۇلغان ئۇيغۇرلار تىزىملىكىدىكىلەر سانى 50 تىن ئاشتى ۋە بۈگۈنگىچە بۇلاردىن قويۇپ بېرىلگەنلەر ھەققىدە ھېچقانداق ئۇچۇر يوق.

ئۆزىنىڭ ساۋاقدىشى ۋە دوستلىرىنىڭ قارا-قويۇق تۇتۇلغانلىقىنى، ھەتتا مىسىردا تۇرۇشلۇق ئىقامىتى، قانۇنلۇق رەسمىيەتلىرى تولۇق ئۇيغۇرلارنىڭمۇ تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن،تۇرۇۋاتقان ئۆيىنى تەرك ئېتىپ، باشقا شەھەرگە قېچىپ پاناھلىنىشقا مەجبۇر بولغان بىر قىز ئوقۇغۇچى، ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن نىشانىنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلار بولۇۋاتقانلىقىنى ھەمدە قارا-قويۇق تۇتۇلۇۋاتقانلىقىنى، قاھىرەدە قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن جىددىيلىكىنى، ھەممە ئۇيغۇرنىڭ ۋەھىمە ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلدى.

مىسىر مەتبۇئاتلىرىدىن، مىسىردا يېقىنقى ئايلاردا تېررورلۇققا قارشى ئالاھىدە جىددىي ھالەت ئېلان قىلىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى تەكشۈرۈش خىزمەتلىرىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتقانلىقى ۋە تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى مەلۇم بولسىمۇ، ئەمما قاھىرە ساقچىلىرىنىڭ يېقىنقى بۇ ئىككى كۈندە باشلىغان تۇيۇقسىز تەكشۈرۈش ۋە تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىدە پەقەتلا ئۇيغۇرلارنى نىشانلاۋاتقانلىقى، قاھىرەدىكى بىر ئۆزبېك كىشىنىڭ بايانلىرىدىن دەلىللەندى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئاشخانىغا تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرگەن ساقچىلار پەقەت ئۇيغۇرلارنىلا تەكشۈرۈپ، تۇتۇپ چىقىپ كەتكەن، ئۇلار بىلەن تەڭ ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقان قازاق، قىرغىز ۋە ئۆزبېكلەرگە چېقىلمىغان.

بىز، قاھىرە ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بۇ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلىش ھەرىكىتىنىڭ سەۋەبى ۋە مەقسىتى ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن، قاھىرە ساقچى دائىرىلىرى ۋە ۋاشىنگتوندىكى مىسىر ئەلچىخانىلىرىدىن جاۋاب ئېلىشقا تىرىشقان بولساقمۇ، ئۇلار ھازىرغىچە ئىنكاس قايتۇرمىدى.

نۆۋەتتە مىسىردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە قىسمەن خەۋەرلەر ۋە ئۇچۇرلار شۇنداقلا مىسىردىكى بالىلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتتىن ياردەم تەلەپ قىلىپ يازغان مۇراجىئەتلىرىمۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىمۇ تارالماقتا، ئىگىلىشىمىزگە قارىغاندا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ مىسىردىكى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا جىددىي تەدبىر ئېلىشقا باشلىغان. بۇ ھەقتە بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھەممىدىن بەك مىسىردا تۇتۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇپ كېتىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا يوليورۇق بەرگەنلىكىنى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئورگانلار بىلەن كۆرۈشۈشكە باشلىغانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/din/misir-uyghur-07052017142842.html

Share
1522 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.