logo

trugen jacn

مىسىردا ئۇنتۇلغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلىندى

ئۇنتۇلغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز

 مىسىرلىق مەشھۇر  يازغۇچى، سىياسىي تەھلىلچى فەھمىي ھۇۋەيدى كۈندىلىك خەۋەرلەر تور بېتىدە، «ئۇنتۇلغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز» دېگەن تېمىدا ماقالە ئېلان قىلدى.

بۇ ماقالە مىسىرنىڭ، ئەللىۋائى دۆۋلىيە دېگەن ژۇرنىلىدا، ئەلششۇرۇق، ئەلسسبىيىل، پەلەستىن تايىمز، ئەلئاقسا ئاۋازى قاتارلىق گېزىت ۋە تورلاردا كەڭ تارقالدى ۋە تەسىر قوزغىدى.

ماقالە مۇنداق باشلانغان: خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ يىل 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئاممىۋىي سورۇنلاردا ۋە ئاممىۋىي قاتناش ۋاستىلىرىغا ئولتۇرغاندا  ئەرلەرنىڭ ساقال قويۇپ، ئاياللارنىڭ ھىجاپلىنىپ يۈرۈشىنىڭ قاتتىق چەكلىنىدىغانلىقى، بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغانلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ ئېلان قىلنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى قارارنى ئىجرا قىلىشقا باشلىغان، ھەمدە دىنىي تۇس ئالغان توي قىلىش ، بالىلارغا دىنىي ئاكتىپچانلىقنى قوزغۇتۇش مەزمۇنىدىكى ئىسىملارنى قويۇشمۇ چەكلىنىدىغانلىقى،  يۇقارقى سىياسەتنى تېلېۋىزۇر، رادىئولاردا ئاڭلاپ تۇرۇپ رەت قىلغانلارنىڭ جازالىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

يۇقۇرقى دىنىي چەكلىمىلەر بولسا خىتاينىڭ زۇلمى ئاستىدا ياشاۋاتقان خىتايدىكى50مىللەتتىن كۆپرەك مىللەتنىڭ بىرى بولغان ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايۇندىكى خىتاينىڭ قونچاق ھاكىمىيىتى يېغىنىدا چىقارغان يىڭى قانۇنى ئىكەن. بۇ رايۇن تارىختا  شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتىلاتتى.  بۇ رايۇن  18 -ئەسىردىن كىيىنكى ئۇزاق مۇددەتلىك توقونۇش ۋە سۈركىلىشلەر نەتىجىسىدە،   1949 – يىلىغا كەلگەندە خىتايلار تەرىپىدىن مۇستەملىكە قىلىنغان.

يۇقۇردىكى 4 -ئاينىڭ  1 – كۈنى خىتاي ئىجرا قىلماقچى بولغان تۈزۈملەرنى بولسا، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتاي داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان يولسىزلىقلار ۋە ئۆز ۋەتىنىدىمۇ باشقا يەردىن كېلىپ قالغاندەك چەتكە قېقىلىش مۇئامىلىسىگە ئۇچىرىغانلىقى سەۋەبتىن زۇلۇمنى رەت قىلىش ھەركەتلىرىدىن كىيىن ئوتتۇرىغا چىقارغان.

خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت سىياسىي تەلەپ ئىلتىجالىرى ۋە تەشكىللىنىشىنىلا چەكلەپ  قالماستىن،  بەلكى رامىزان ئايلىرىدا روزا تۇتۇشنى چەكلەپ، پەرىز ھەجنى ئادا قىلىشقا توسالغۇلار پەيدا قىلىۋاتىدۇ.  ئۆتكەن ئاي خىتاي دائىرلىرى، قولىدا پاسپۇرتى بارلارنىڭ پاسپۇرۇتلىرىنى ساقچىخانىغا تاپشۇرۇش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش تارقاتقان.

ئوبزۇرچى فەھمى ھۇۋەيدى ئەپەندى ماقالىسىنىڭ داۋامىدا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايلىقى ۋە جوغراپىيىلىك يەر كۆلىمى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان:  مول بايلىققا ئىگە ئۇيغۇرلار رايۇنى خىتاي مۇستەملىكىسىگە ئايلانغاندىن بىرى، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى  قارشىلىقنى توختاتمىدى.   شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار 20  مىليۇن ئەتراپىدا بۇلۇپ،1 مىليون 660 مىڭ كۇۋادىرات كىلومېتىر تىرتورىيىگە ئىگە، فرانسىيە دىن 3 ھەسسە چوڭ.  شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۇزۇن زاماندىن بىرى ئازادلىق ۋە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى كۈرەش ۋە ھەرىكەتلىرىنى توختاتمىدى.

ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مېڭىسىنى يۇيۇش، مۇستەقىللىق ئارزۇ-ئىستەكلىلرىنى يوقۇتۇش، ئۇلارنى ۋەتىنىدىن يۆتكەپ ھەيدىۋىتىپ، خىتايلارنى ئورۇنلاشتۇرۇش، تۈركىستان زىمىنىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋىلىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان رەزىل غەرىزىگە قارشى كۈرەش قىلماقتا.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى سوۋىت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى جۇمھۇرىيەتلەر  ئەركىنلىكىگە ئىرىشىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىدا ئازادلىق ۋە ھۆرلۈككە بولغان  ئارزۇ يېڭىلاندى.  شەرقىي تۈركىستان خىتاينىڭ مۇھىم ئىكىسپورت تاۋارلىرى بازىسىنىڭ بىرى، خىتاي مەھسۇلاتلىرىنى ياۋرۇپا ئەللىرىگە چىقىرىدىغان سودا يولى. شۇ سەۋەپتىن كەم ئۇچرايدىغان شەرقىي تۈركىستاندىن ئىبارەت تەڭداشسىز كاننى قولدىن چىقىرىپ قويماسلىق ئۈچۈن، خىتاي دىكتاتۇرلۇقى ئۇيغۇرلارنى يوقۇتۇش خاراكتېرلىق تەدبىرلەرنى يۈرگۈزۈپ كىلىۋاتىدۇ.

خىتاي دىكتاتۇرلۇقى ئۇزاقتىن بىرى ئۆزىنىڭ ئىچىدىكى سىياسىي ئاكتىپلارنى بۆلگۈنچى، ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچ قاتارىدا ئىزىپ كەلگەن.  خەلقئارادا  تېرورلۇققا قارشى دولقۇن كۆتۈرۈلگەندە بولسا خەلقئارادىكى خىتاينى تەنقىدلەيدىغان ئاۋازالارنى ئۆچۈرۈش، ھۆرلۈككە ئىنتىلگەنلەرنى يوقۇتۇشتا دەستەك قىلىش ئۈچۈن « بولگۈنچى» دىگەن نامنى «تىرورچى» غا ئۆزگەرتتى.

ئەرەپ دۇنياسىدا زۇلۇمغا قارشى تۇرغانلارنى تىرورچى، دەپ ئات قويۇۋالغىنىغا ئوخشاش. خىتايمۇ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى يوقۇتۇش نامى بىلەن  مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن قاتتىق بېسىم ۋەيولسىزلىقلارنى يۈرگۈزدى. بۇنداق يۇقۇرى بېسىم ئۇيغۇر ئاكتىپلىرىدا ئەكسىچە بىر خىل يۈزلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. شۇ سەۋەپتىن ، ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ زۇلمىدىن قېچىپ ئۆزىنى قوغداش، خىتاينىڭ زوراۋانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن زوراۋانلىققا قاراپ يۈزلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن بىر قىسىملىرى  زۇلۇمدىن قۇتۇلۇشتىن ئىبارەت جەلىپكار ئۈمىد بىلەن  ئىسلام دۆلىتىگە قاتناشتى.

يازغۇچى فەھمىي ھۇۋەيدى ئەپەندى، ماقالىنىڭ ئاخىرىدا ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان بېسىملارغا كۆز يۇمۇۋالغانلىقىنى تەنقىد قىلىپ مۇنداق يازغان: قىزىقارلىق ۋە ھەيراق قالارلىقى شۇكى، ئەرەپ دۇنياسى ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنىڭ تاماشىبىنى بولدى.  ئەرەپ دۇنياسىلا خىتاينىڭ مۇھىم تىجارەت شىرىكلىرىنىڭ بىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن 2017-يىلى ئەرەپلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان تىجارەت مىقدارى 251 مىليارت دوللار. خىتاينى شەرقىي تۈركستان مۇسۇلمانلىرىغا زۇلۇم قىلغانلىقى توغرىسىدا بىرەر ئېغىز ئاگاھلاندۇرۇپ قۇيۇشى خىتاينى مۇسۇلمانلارغا زۇلۇم قىلىشىنى چەكلىيەلەيدىغانلىقىغا شۇبھەم يوق.  شۇ تەنبىھنىڭ تۈرىتكىسى بىلەن يىتىمسىراۋاتقان، ئەرەپ دۇنياسى ۋە ئىسلام ئەللىرى كۆرمەسكە سېلىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەنىۋىيىتى يۈكسەلگەن، كۆڭلى كۆتۈرۈلگەن بۇلاتتى.

30 يىل ئىلگىرى پاكىستاندىن شەرقىي تۈركىستانغا بېرىپ زىيارەتتە بولغان بىر ئىش ئىسىمدىن چىقمايدۇ.  مەن ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىدىن سائىتىمنى توغۇرلاش ئۈچۈن بېيجىڭ ۋاقتىنى سورىغىنىمدا ئۇلاردىن بىرى سۇئالىمنى قەتئىي ئىنكار قىلىپ مۇنداق دىگەن ئىدى: بىز بۇ يەردە سائەت ۋاقتىنى قېرىنداشلىرىمىز پاكىستانلىقلارنىڭ سائىتىگە ئۇدۇللايمىز.  بۇ يەردە سائىتىڭىزنىڭ ۋاقتنى بېيجىڭ ۋاقتىغا ئۇدۇللاشقا ياردەم قىلىدىغان بىرەر كىشىنى تاپالمايسىز .  تولىمۇ ئەپسۇس، خەلقىئارادا ئۇنتۇلغان، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى رادكال، تىرورچى قاتارىغا چىقىرىۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ئۆزلىرىنى ئىسلام ئالىمىنىڭ، ئىسلام ئۇممىتىنىڭ بىر قىسمى، دەپ قارايدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا چېكىدىن ئاشقان ئېغىر بېسىملارنى قىلىۋاتقان پەيتتە ئەرەب مەتبۇئاتلاردا بۇ خىل ماقالىلارنىڭ كۆپلەپ ئېلان قىلىنىشى ئىنتايىن مۇھىم. بىز ئىستىقلال تېلېۋىزىيەسى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن مىسىرلىق يازغۇچى فەھمىي ھۇۋەيدى ئەپەندىگە ئالى ئېھتىرام بىلدۈرىمىز ۋە رەھمەت ئېيتىمىز.

ئىستىقلال تېلېۋىزىيە تورى

http://istiqlal.net/%D9%85%D9%89%D8%B3%D9%89%D8%B1%D8%AF%D8%A7_%D8%A6%DB%87%D9%86%D8%AA%DB%87%D9%84%D8%BA%D8%A7%D9%86_%D8%B4%DB%95%D8%B1%D9%82%D9%89%D9%8A_%D8%AA%DB%88%D8%B1%D9%83%D9%89%D8%B3%D8%AA%D8%A7%D9%86%D9%84%D9%89%D9%82_%D9%82%DB%90%D8%B1%D9%89%D9%86%D8%AF%D8%A7%D8%B4%D9%84%D9%89%D8%B1%D9%89%D9%85%D9%89%D8%B2_%D8%AF%DB%90%DA%AF%DB%95%D9%86_%D8%AA%DB%90%D9%85%D9%89%D8%AF%D8%A7_%D9%85%D8%A7%D9%82%D8%A7%D9%84%DB%95_%D8%A6%DB%90%D9%84%D8%A7%D9%86_%D9%82%D9%89%D9%84%D9%89%D9%86%D8%AF%D9%89–10551.html

Share
1408 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.