logo

trugen jacn

مىسرادىن قايتقان 12 ياشلىق ئەمرۇللاھنىڭ 5 تاغىسىنىڭمۇ قاماقتا ئىكەنلىكى ئاشكارىلاندى

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

مىسىردىن قايتقان ۋە نازارەت ئاستىدا ئوقۇۋاتقان ئەمرۇللاھ مەمەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، ئۇنىڭ دادىسىنىڭ يەتتە يىل كېسىلگىنىدىن باشقا، بەش تاغىسىنىڭمۇ قاماقتا ئىكەنلىكى، ئانىسى ۋە بوۋىسىنىڭ ئەمرۇللاھنى مىسىرغا ئوقۇشقا ئەۋەتكەنلىكىدەك ئاتالمىش خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىپ، دائىرىلەرگە خاتالىقىنى تەكرارلىماسلىق ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكى ئاشكارىلاندى. ئەمما تاغىلىرىنىڭ قاماققا ئېلىنىشىنىڭ ئەمرۇللاھنىڭ مىسىرغا چىقىپ ئوقۇشى بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقى ئايدىڭلاشمىدى.

ئالدىنقى كۈنكى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا مىسرادىن قايتقان 12 ياشلىق ئەمرۇللاھنىڭ دادىسى مەمەت ئابلەتنىڭ ئەمرۇللاھ مىسىردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۇتۇلغانلىقى ۋە بۇ يىل 5-ئاينىڭ 23-كۈنى توپلىشىپ جەمئىيەت تەرتىپىنى بۇزۇش بىلەن ئەيىبلىنىپ 7 يىللىق كېسىلگەنلىكى ئاشكارىلانغان، ئەمما ئۇنىڭ كېسىلىشىنىڭ ئەمرۇللاھنىڭ مىسىرغا چىقىپ ئوقۇشى بىلەن ئالاقىسى بارلىقى دەلىللەنمىگەن ئىدى. بۈگۈنكى ئېنىقلىشىمىز داۋامىدا، ئەمرۇللاھ مىسىردا ئوقۇغانلىقى سەۋەبلىك، ئانىسىنىڭ بىر مەھەل قامالغانلىقى ۋە ئاتالمىش قانۇن -تۈزۈم تەربىيەسى ئالغانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئەمرۇللاھ ئولتۇرۇشلۇق كەنتكە مەسئۇل بولغان يۇقىرىقى ئامانلىق مۇدىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، تېخى ئىككى كۈننىڭ ئالدىدا ئەمرۇللاھنىڭ ئانىسى بۈزورىگۈل ئوغلىنى مىسىرغا ئەۋەتكەنلىكىگە پۇشايمىنىنى بىلدۈرۈپ كەنت مەسئۇللىرىغا ۋەدىنامە تاپشۇرغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ئەمرۇللاھ مىسىردىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ ۋە دادىسى مەمەت ئابلەتنى، ئۇنىڭ بوۋىسى ئابلەت ھاجىم ئۈرۈمچىدىن ئېلىپ كېلىپ يوپۇرغىدىكى دائىرىلەرگە تاپشۇرۇپ بەرگەن. نۆۋەتتە ئېغىر كېسەل ھالەتتە داۋالىنىۋاتقان ئابلەت ھاجىممۇ نەۋرىسىنى مىسىرغا ئەۋەتكەنلىك ئاتالمىش خاتالىقىنى بوينىغا ئېلىپ دائىرىلەرگە ۋەدە بەرگەن.

ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئەمرۇللاھنىڭ بەش تاغىسىنىڭمۇ قاماقتا ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى، ئەمما ئۇلارنىڭ تۇتۇلۇشىنىڭ ئەمرۇللاھ بىلەن ئالاقىسى بار-يوقلۇقى مەلۇم ئەمەس.

مەزكۇر كەنت ئامانلىق مۇدىرى ئالدىنقى كۈنى ئەمرۇللاھنىڭ دادىسى مەمەت ئابلەتنىڭ يەتتە يىللىق كېسىلىشىنىڭ ئېنىق سەۋەبىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتقان، ئۇ بۈگۈنكى سۆھبىتىمىز داۋامىدا، دادىسىنىڭ كېسىلىشىگە، ئۇنىڭ ئەمرۇللاھنى مىسىرغا ئەۋەتىشىنى خاتالىق سۈپىتىدە بوينىغا ئالمىغانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىق ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمىدى.

يۇقىرىدا مىسىردىن قايتقان 12 ياشلىق ئەمرۇللاھنىڭ 5 تاغىسىنىڭمۇ قاماقتا ئىكەنلىكى قاتارلىق، ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىغا ئالاقىدار يېڭى ئۇچۇرلارنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/siyaset/uyghurda-din-08032017135413.html

Share
1357 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.