logo

trugen jacn

موڭغۇلىيە خىتاينىڭ ئېتىزازىغا پىسەنت قىلماستىن، دالاي لامانى كۈتۈۋالدى

5836edd7caf5d

 خىتاي «تىبەتنى ئايرىماقچى ۋە خىتاينى پارچىلىماقچى» دەپ ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان تىبەتنىڭ رۇھانى رەھبىرى دالاي لاما جۈمە كۈنى موڭغۇلىيەدە 4 كۈنلۈك زىيارەتتە بولدى.

ياپونىيەدىن يولغا چىققان دالاي لاما موڭغۇلىيەنىڭ يەرلىك ۋاقتى 16:30 ئۆتكەندە ئايرودورۇمغا يېتىپ كەلدى.

ئايرودورۇمدا موڭغۇلىيە دۆلەت مەسئۇللىرى، دىنىي رەھبەرلىرى، ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى ۋە چەت ئەللىك ئەلچىلەر دالاي لامانى قىزغىن قارشى ئالدى. 

خىتاي دالاي لامانىڭ زىيارىتىدىن ئىلگىرى موڭغۇلىيەنى ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر دالاي لامانىڭ زىيارەت تەلىپى تەستىقلانغان تەقدىردە، موڭغۇلىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىرىگە زىيان يېتىدىغانلىقى ھەمدە موڭغۇلىيەگە ئېمبارگو يۈرگىزىشنىمۇ ئويلىشىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. 

دالاي لاما بولسا، موڭغۇلىيە پىرېزىدېنتى، باش مىنىستىرى ۋە پارلامېنت باشلىقىنى بىلەن كۆرۈشۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى، بىراق موڭغۇلىيەدە ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان ئىبادەتخانىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن موڭغۇلىيەگە بارىدىغان بولغاچقا، ھۆكۈمەت مەسئۇللىرى بىلەن ئۇچرىشىش پىلانى يوقلۇقىنى ئېيتقان ئىدى. 

بۇنىڭدىن  ئىلگىرىمۇ دالاي لاما سىلوۋاكىيەدە قىزغىن قارشى ئېلىنغان بولۇپ، خىتاي دائىرىلىرى بۇ زىيارەتنىڭ سىلوۋاكىيە – خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي مۇناسىۋەتلەرنىڭ ئاساسىغا زىيان يەتكۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى

Share
966 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.