logo

trugen jacn

موناكودا ئۆتكۈزۈلگەن 98 خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئاڭلىتىلدى

image

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

11 – ئاينىڭ 3 – ، 4 – كۈنلىرى موناكودا «خەلقئارا جەمىيەتلەر ئىتتىپاقى» ناملىق خەلقئارالىق تەشكىلات ئۇيۇشتۇرغان 98 تەشكىلاتتىن 300 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشقان چوڭ يىغىنغا ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ ئىشتىراك قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن دوكلات تەقدىم قىلدى.

موناكودا ئۆتكۈزۈلگەن «خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ يۇمۇلاق ئۈستەل سۆھبىتى» يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۈگۈن موناكودىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، باش شىتابى بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىدە بولغان «خەلقئارا جەمئىيەتلەر ئىتتىپاقى» ناملىق خەلقئارالىق تەشكىلات موناكودا ئۇيۇشتۇرغان بۇ قېتىمقى يۇمۇلاق ئۈستەل سۆھبەت يىغىنىغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 98 خەلقئارا تەشكىلاتتىن 300 دىن ئارتۇق ۋەكىل كېلىپ قاتناشقان. يىغىندا سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ساھەلەردە مۇتەخەسسىس بولغان ئىلىم ئادەملىرى تۈرلۈك مەزمۇنلاردا دوكلاتلار تەقدىم قىلغان. د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ ئۇيغۇرلارغا ۋەكالىتەن يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلار بەرگەن.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىندا كۆپلىگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئالاقە باغلاش، سۆھبەت قۇرۇش ئىمكانى بولغان. ئۇ سۆزىدە، بۇ قېتىمقى يىغىندىن، تەشكىلاتلارنى ئىقتىسادىي ۋە تەشكىلىي جەھەتتىن كۈچلەندۈرۈش توغرىسىدا كۆپ بىلىمگە ئىگە بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
monaco-dolqun-eysa-2016-2.jpg
موناكو دۇنيادا ۋاتىكاندىن قالسا ئەڭ كىچىك دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. ئومۇمى يەر مەيدانى 1.9 كۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، ئاھالىسى 36 مىڭ ئەتراپىدا. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىز ئەسناسىدا، بۇ كىچىك دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۆزىدە ھاسىل بولغان تەسىراتلارنىمۇ تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.

موناكودا بۇ قېتىمقى يۇمۇلاق ئۈستەل يىغىنىنى ئۇيۇشتۇرغان «خەلقئارا جەمئىيەتلەر ئىتتىپاقى» ناملىق خەلقئارالىق تەشكىلات بولسا 1907 – يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇ تەشكىلات ھەققىدىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى

http://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/monaco-uyghur-11042016222123.html

Share
1506 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.