logo

trugen jacn

موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن تانكا مۇسابىقىسىدە خىتاي تانكىسى ئەرمىنىيەدىن كېيىن قالدى

2610o5w

 ئۈمىدۋار

رۇسىيە پايتەختى موسكۋا شەھىرى يېنىدىكى ئالابىنو رايونىغا جايلاشقان رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ ئىككىنچى موتورلاشقان تامانسكىي پىيادىلەر دىۋىزىيەسىنىڭ مەشىق مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارالىق تانكا مۇسابىقىسىدە خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ تانكىسى ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلەپ، ئەرمىنىيەدىن كېيىن قالغان.

ئەمما، مۇسابىقىدە رۇسىيە ئارمىيەسىنىڭ تانكىلىرى كوللېكتىپ چېمپىيون بولغان، يەنى 1 – بولغان، ئىككىنچى ئورۇننى ئەرمىنىيە ئىگىلىگەن.

ئۇكرائىنا كرىزىسى جىددىيلىكتىن پەسەيمىگەن، رۇسىيە بىلەن ناتو نىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى ئىختىلاپى كۈچىيىۋاتقان پەيتتە ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر تانكا مۇسابىقىسىگە جۇڭگو ئازادلىق ئارمىيەسى تانكا قىسىملىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ ئىلغار ھېسابلىنىدىغان «جۇڭگو 96ئا» تىپلىق تانكىلىرى قاتناشقان بولۇپ، گەرچە جۇڭگو تانكىلىرى ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرى دىققەت قىلىشقا ئېرىشكەن.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ يېزىشىچە، ھەربىي مۇتەخەسسىسلەر خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر تانكىلىرىنىڭ ئەسلى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ «ت – 72» تىپلىق تانكىسى ئاساسىدا تەرەققى قىلدۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىشماقتا.

رۇسىيە تانكا قىسىملىرى ئوفىتسېرى ئولېگ خىتاي ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مۇسابىقىگە قاتناشقان تانكىلىرىنىڭ جانلىقلىق دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئاجىزلىقى ھەمدە زىيادە قىزدۇرۇش بىلەن دائىم كاشىلا چىققانلىقىنى كۆرسەتكەن.

خىتاينىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان تانكىلىرى سىبىرىيە تۆمۈر يولى ئارقىلىق 6000 كىلومېتىرلىق مۇساپىنى بېسىپ توشۇپ كېلىنگەن ئىكەن.

مۇسابىقە تەلىپى تانكىلارنىڭ ھەر خىل توساقلاردىن بۆسۈپ ئۆتۈش، دەريا – ئېقىنلاردىن ئۆتۈش، يانتۇ يەرلەردە مېڭىش ۋە تېزلىك سۈرئىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

خىتاينىڭ «يەر شارى ۋاقتى» تورىمۇ بۇ مۇساپىبىقىدە جۇڭگو ئارمىيەسى تانكىسىنىڭ ئۈچىنچى ئورۇننى ئىگىلىگەنلىكى خەۋەر قىلغان ئىدى.

رۇسىيەدىكى «كومسومول ھەقىقىتى» گېزىتىنىڭ يېزىشىچە بۇ قېتىمقى مۇسابىقەگە رۇسىيە، خىتاي، قازاقىستان، قىرغىزىستان، سېربىيە، ئەرمىنىيە، ھىندىستان، كۇۋەيت، بېلارۇسىيە قاتارلىق رۇسىيەنىڭ ئىتتىپاقچىلىرىدىن 12 دۆلەتنىڭ تانكا ئەترىتى قاتناشقان. مۇسابىقە 4 – ئاۋغۇستتن 16 – ئاۋغۇستقىچە داۋاملاشقان.

Share
1659 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.