logo

trugen jacn

مايك پەنس: خىتاينىڭ خالىغاننى قىلىشىغا يول قويالمايمىز

ﺋﺎﯕﻼﺵ ﺋﺎﯞﺍﺯﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﺵ

«سودا ئۇرۇشى» تېمىسىنى مەركىزىي نۇقتا قىلغان ھالدا يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدە بارلىققا كېلىۋاتقان بەزى يېڭى يۈزلىنىشلەر ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا. بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرى بۇنىڭدىكى ئەڭ مۇھىم تېما بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بۇ ساھەدىكى بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قاراتقان سىياسەتلىرىنى ئومۇمەن «ھەددىدىن ئاشقاندا ‹ھاي› دەپ قويۇش، گەپ ئاڭلىغاندا مۇكاپاتلاپ قويۇش» شەكلىدە داۋام قىلىپ كەلمەكتە، دەپ قارىماقتا ئىكەن. بۇنىڭغا ماس ھالدا خىتاينىڭ يېڭىدىن باش كۆتۈرۈۋاتقان «ئاق كۆڭۈل» مەملىكەت ياكى خەلقئارا تەرتىپنى قايتىدىن قۇرۇش ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە «دۈشمەنلىك» قىلغۇچى مەملىكەت ئىكەنلىكىمۇ ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنى بەلگىلىگۈچى كىشىلەر ئۈچۈن ھەرقاچان بىر مۇھاكىمە تېمىسى بولۇپ كەلمەكتە ئىكەن.

ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنس 16-يانۋار كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئېچىلغان «چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىلەر يىغىنى» دا سۆز قىلىپ، ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە بۇنىڭدىن كېيىن ۋۇجۇدقا كېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى.

مايك پەنس سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ ئامېرىكىنىڭ يېڭى پرېزىدېنتى بولغان دونالد ترامپ ئىجرا قىلىۋاتقان تاشقى سىياسەتلەر ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا دۇنيانىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقماي قالغانلىقىنى ئېيتىپ كېلىپ، ئەمەلىيەتتە دۇنيانىڭ ئۆزىدە زور ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلگەنلىكىنى، ئىلگىرى ئامېرىكا بىلەن رىقابەتكە چۈشىدىغان سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت بىرلا مەملىكەت بولغان بولسا ئەمدىلىكتە بىرنەچچە كۈچلۈك دۆلەتنىڭ ئامېرىكىدىن ئورۇن تالىشىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاينىڭ «قەرز دىپلوماتىيەسى» ۋە تەڭسىز سودا ئارقىلىق ئۆز تەسىرىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. ئۇ بۇ ھەقتە ئالاھىدە قىلىپ «ئامېرىكا ھىندى-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىسىز ئوچۇق رايون بولۇشىدا چىڭ تۇرىدۇ. ھەرقانداق دۆلەت بۇ رايوندىكى ئەركىن دېڭىز قاتنىشىدىن ۋە ئوچۇق سودىدىن بەھرىمەن بولىدۇ» دېگەندە زالدا گۈلدۈراس ئالقىش ياڭرىدى. ئۇ سۆزىنىڭ داۋامىدا يېقىنقى بىرنەچچە يىلدا يېرىم ئەسىردىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان دۇنيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە گۈللەپ-ياشنىشىغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ساھەلەردە خىتاينىڭ ئۆزى بىلگەنچە ئىش كۆرۈۋاتقانلىقىنى، ئەمدى ئامېرىكىنىڭ بۇ ھالغا قاراپ تۇرالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مايك پەنس ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ مەسىلىلەردە ئاللىقاچان خىتايغا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەنلىكىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بېكىتكەن 250 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق تاموژنا بېجى تەدبىرىنىڭ دەل مۇشۇ مەقسەتتە ئوتتۇرىغا چىققانلىقىنى، خىتاينىڭ بىر قىسىم ئۆتكۈر كەسىپلەرنى مونوپول قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ تەدبىرلەرنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ، «ناۋادا خىتاي سودا مۇناسىۋىتىدىكى ئادىللىق پرىنسىپلىرىغا رىئايە قىلماسلىقنى داۋاملاشتۇرسا بۇ ساننىڭ مىقدارى يەنىمۇ ئاشىدۇ. ئەمما خىتاينىڭ سودا سۆھبىتى بولىدىغان ئۈستەلگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىغا ھەمدە ئادىل سودا پائالىيىتىگە قاتنىشىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم بار» دېدى.

بۇ قېتىمقى يىغىندا مايك پەنس ئالاھىدە تەكىتلىگەن يەنە بىر نۇقتا دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى بولدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ سۆز ۋە مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى ھەرقاچان مۇھىم ئورۇنغا قويىدىغانلىقىنى سۆزلەپ كېلىپ، بۇ خىل ئەركىنلىككە مەنسۇپ ھەقلەر ئىچىدە دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىدە ئالدى بىلەن ئويلىشىلىدىغان مەزمۇن ئىكەنلىكىنى ئېيتقاندا زالدا يەنە بىر قېتىم ئالقىش ياڭرىدى. ئۇ يەنە شۇنىڭغا ئۇلاپلا نۆۋەتتە ئۆزلىرىنىڭ تولىمۇ ئەپسۇسلۇق ئىچىدە دىنىي ھوقۇقلارنىڭ پايخان بولۇشى ۋە دىنىي ئېتىقادقا ئىگە جامائەتنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىغا شاھىت بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ بۇنىڭغا مىسال قاتارىدا تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باستۇرۇشىغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى مايك پەنسنىڭ نۇتقى توغرىسىدا د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن سۆھبەتلەشكىنىمىزدە ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئاراغا ئورتاق بولغان قانۇن-نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىشى ئەمەلىيەتتە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللەپ-ياشنىشى ئۈچۈن تۈزۈلگەن تەرتىپنى بۇزغانلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنىڭدىن دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەيلى ئامېرىكىدا ياكى ياۋروپادا بولسۇن ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىدە مۇھىم ئورۇن تۇتۇشىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇ ئۇ بۇنىڭ يالغۇزلا قانۇنىي ماددىلار ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بۇنىڭ دۇنياۋى يوسۇندا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئىنسانىي قىممەت قارىشىدىكى ئەڭ يادرولۇق مەزمۇن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ 17-يانۋار كۈنى مايك پەنسنىڭ سۆزلىرىگە قاتتىق «نارازى بولغانلىقى» نى بىلدۈرگەن. ئۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ «ئامېرىكىنىڭ بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇنداق مۇنداق دەيدىغان سالاھىيىتى يوق» دېگەن. بەزى ئانالىزچىلار بۇ ھالغا قاراپ «ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى سۈركىلىشنىڭ دەماللىققا ھەل بولۇشىدىن ئۈمىد ئاز» دېيىشمەكتە.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/xelqara-xewer/amerika-xitay-munasiwiti-01172019165157.html

Share
1357 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.