logo

trugen jacn

مايك پومپېيو: خىتاينىڭ نومۇسسىزلارچە ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىشىغا سەۋرىمىز توشتى

ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيون ئەپەندى لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن خانىمنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. 2019-يىلى 26-مارت، ۋاشىنگتون.

ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان مىسلىسىز سىياسىي باستۇرۇش يېقىنقى مەزگىللەردىن باشلاپ خەلقئارادىكى چوڭ مۇھاكىمە تېمىلىرىدىن بولۇپ كەلمەكتە. شۇنىڭدەك ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتكە دائىر خىزمەتلىرىدىمۇ بۇنىڭ بارغانسېرى مۇھىم مەزمۇنلاردىن بولۇپ قېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. 26-مارت كۈنى ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ بىر قىسىم ئۇيغۇر شاھىتلار بىلەن مەخسۇس سۆھبەتتە بولۇشى ھەمدە سۆھبەتتىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتىنى «ئۇياتسىزلارچە ئىككى يۈزلىمىلىك قىلىپ دۇنيانى ئالدىماقچى بولۇۋاتىدۇ» دەپ تەنقىدلىشى ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر. 

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيونىڭ ئۇيغۇر شاھىتلار بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولۇشى ئامېرىكا-خىتاي سودا سۆھبىتى قاتماللىققا چۈشۈپ قېلىۋاتقان پەۋقۇلئاددە پەيتكە توغرا كەلدى. شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سورالغان سوئاللارنىڭ بىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدە بولۇپ، مايك پومپېيو بۇنىڭغا جاۋاب بەرگەندە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلمىشىنى «تراگېدىيەلىك ۋە يىرگىنچلىك» دەپ كۆرسەتتى. 

«بىزنىڭ بۇ مەسىلىدىكى سۆزىمىز ناھايىتى ئوچۇق. شۇنىڭدەك بىز بۇ توغرىسىدا ئۇزۇندىن بېرى ئۇلار بىلەن ئايرىم سۆزلىشىپ كېلىۋاتىمىز. ئەلۋەتتە، بۇ ئورۇنلاردا يۈز مىڭلارچە كىشى تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. بىز بۇنى تارىخى خاراكتېرلىك كىشىلىك ھوقۇقنى خورلاش، دەپ كۆرسىتىۋاتىمىز. بىز خىتاينى ئۇنىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ تراگېدىيەلىك ۋە يىرگىنچلىك ئىكەنلىكى ۋە بۇنى توختىتىشى كېرەكلىكىگە قايىل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز.» 

بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىش ئامېرىكىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ لاگېر شاھىتى مېھرىگۈل تۇرسۇن، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىدىن ئارافات ئەركىن ۋە فىرقەت جاۋدەت، ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىدىن گۈلچېھرە قاتارلىقلار تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. مايك پومپېيو ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىدىن ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق «دېموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئەمگەك كومىتېتى» نىڭ ئالىي دەرىجىلىك خادىمى، سابىق باش ئەلچى مايكىل كوزاك قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مەلۇماتلاردىن ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق خەۋەردار بولغان بولسا، بۇ قېتىم شۇ ماكاندىن كەلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز ئاغزىدىن ئاڭلىدى. بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا مېھرىگۈل تۇرسۇن ئۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى مىنىستىر مايك پومپېيوغا يۈزمۇ-يۈز سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ھاياجان ئىچىدە ئەسلەيدۇ. 

ئۇيغۇر شاھىتلاردىن مېھرىگۈل بۇ جەرياندا ئۆز كەچۈرمىشلىرىگە ئاساسەن لاگېرلارنىڭ زادى قانداق جاي ئىكەنلىكىنى، ئۇ جايلاردا تۇتقۇنلارنىڭ «كەسپىي ماھارەت» ئۆگىنىش بىلەن ئەمەس، بەلكى جىسمانىي ۋە روھىي قىيناقلارغا مەھكۇم بولىدىغانلىقىنى، شەخسەن ئۆزىنىڭ دەل مۇشۇنداق قىيناقلارغا ئۇچرىغانلىقىنى، يەنە شۇ خىلدىكى قىيناقلار ۋە تېببىي داۋالاش شارائىتىنىڭ ئىنتايىن ناچارلىقى سەۋەبىدىن توققۇز مەھبۇسنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىغا گۇۋاھ بولغانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنى «يالغانچى» دېيىش ئارقىلىق ھەقىقەتنى يوشۇرماقچى بولغانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇ ھەقتىمۇ مايك پومپېيوغا تېگىشلىك چۈشەنچە بەرگەنلىكىنى تەكىتلىگەن. 

ئۇيغۇر شاھىتلار يەنە نۆۋەتتە ئۇيغۇر جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق مەلۇم بولغانلىرى ئەمەلىيەتتە رېئاللىقتا بولۇۋاتقان ئىشلاردىن پەقەت «يۈز مىڭدىن بىرى» دەرىجىسىدە ئىكەنلىكىنى، لاگېر ئىچىدىكىلەر مېھرىگۈل تەسۋىرلىگەندەك قىيناقلارغا دۇچ كېلىۋاتقان بولسا، لاگېر سىرتىدىكى مىليونلىغان ئۇيغۇرنىڭ تورلاشقان كونتروللۇق سەۋەبىدىن ئەمەلىيەتتە «ئۈستى ئوچۇق تۈرمە» گە مەھكۇم بولۇۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ب د ت ۋە باشقا غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى. شۇنىڭدەك خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەل دىپلوماتلىرىنى «ئېكسكۇرسىيە ئۆمەكلىرى» قىلىپ تەشكىللەپ ئۇلارغا ساختا مەنزىرە كۆرسىتىش ئارقىلىق دۇنيانى ئالدىماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ساقچى پونكىتىنىڭ يەر ئاستىدا ئاز دېگەندە بىردىن تۈرمە بارلىقىنى، ئۇچۇرغا بولغان قاتتىق كونتروللۇق سەۋەبىدىن دۇنيانىڭ قاماققا ئېلىنغان ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىقىي سانىدىن خەۋەرسىز قېلىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ بەرگەن. شاھىتلار يەنە نۆۋەتتە لاگېر مەھبۇسلىرىنىڭ يۈز مىڭلاپ خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىلەن مەيلى ۋەتەن ئىچىدىكى ياكى سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىردەك لاگېرغا ئېلىپ كېتىلگەن تۇغقانلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ «ئورگان ئەتكەسچىلىكى» نىڭ قۇربانلىرى بولۇپ كېتىشتىن بەكمۇ ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

شاھىتلاردىن ئارافات ئەركىن ۋە پىرقەت جاۋدەت ئۆزلىرىدەك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلاردىن نۆۋەتتىكى سىياسىي باستۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان ھېچكىمنىڭ يوقلۇقىنى، ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ۋە گۆدەكلەرنىڭ ۋەتەندە ئاتا-ئانىلىرى لاگېرلارغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكتىن سان جەھەتتە تېزدىن كۆپىيىۋاتقان دارىلتاملارغا توپلىنىۋاتقانلىقىنى، بۇ جايدا بولسا ئامېرىكا پۇقرالىقىنى ئالغاندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ يەنىلا خىتاينىڭ «ئۇزۇن قولى» نىڭ پاراكەندە قىلىشىغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، جۈملىدىن ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرلىرىنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قاماققا ئېلىنىۋاتقانلىقىنى سۆزلەپ ئۆتكەن. بۇ جەھەتتە سۆز قىلغان ئارافات ئەركىن زىيارىتىمىز جەريانىدا ئۆزىنىڭ ئامېرىكاغا ئوقۇش ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن ھېچقانداق سىياسىي پائالىيەتلەرگە قاتناشمىغانلىقىنى، شۇنداق بولسىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ يەنىلا لاگېر ۋە تۈرمىگە مەھكۇم بولۇشتىن خالىي بولالمىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. 

سۆھبەتنىڭ ئاخىرىدا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېيو ئۇيغۇر شاھىتلاردىن «بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمە قىلىپ بېرەلەيمىز؟» دەپ سورىغان. بۇ توغرىلىق سۆز بولغاندا ئارافات مۇنداق دەيدۇ: 

ئۇيغۇر شاھىتلار نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولۇۋاتقان مەسىلىلەر قاتارىدا «ماگنېتىسكى قانۇنى» نى ئىجرا قىلىش، «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لايىھىسى» نى تېزدىن ماقۇللاش، ئامېرىكادا سىياسىي پاناھلىققا ئىلتىماس سۇنغان ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرماسلىق، لاگېرلارنى تېزدىن تاقاپ لاگېر مەھبۇسلىرىنى شەرتسىز قويۇۋېتىش قاتارلىق تەكلىپلەرنى بەرگەن.

بۇ قېتىملىق سۆھبەتتىن كېيىن مايك پومپېيو مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي تىللىق مۇسۇلمان خەلقلەرگە يۈرگۈزۈۋاتقان ۋەھشىيانە سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەپ «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا بۇنداق مۇئامىلە قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ تېررورچى گۇرۇھلارغا چاپان يېپىشى سېپى ئۆزىدىن نومۇسسىزلارچە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان ئىككى يۈزلىمىلىك. دۇنيا ۋە بىز بۇنىڭغا ئەمدى قاراپ تۇرالمايمىز» دېدى.

ئۇ بۇ سۆزنى قىلغاندا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ب د ت يىغىنىدا پاكىستاندىكى تېررورچى گۇرۇھ بولغان «جەيش مۇھەممەد» (يەنى «مۇھەممەدنىڭ جەڭچىلىرى» ) ۋە ئۇنىڭ ئاتامانى مەسئۇد ئەزھەرنى «تېررورلۇق تەشكىلات» نامىدا ئەيىبلەش تەكلىپىگە قارشى تۇرغانلىقىنى كۆزدە تۇتقانلىقى مەلۇم. «مالىيە ۋاقتى» گېزىتىنىڭ 28-مارتتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ب د ت يىغىنىدا ئەنگلىيە ۋە فىرانسىيە بىردەك ئامېرىكىنىڭ «جەيش مۇھەممەد» تەشكىلاتىنى دۇنياۋى مىقياستا «تېررورلۇق گۇرۇھى» دەپ قاراش ھەققىدىكى قارارىغا ئاۋاز قوشقان. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىللارغا ئوخشاش كۆپلىگەن تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە جاۋابكار بولغان بۇ تەشكىلاتنى «تېررورلۇق گۇرۇھى ئەمەس» دەپ تۇرۇۋالغان. 

مايك پومپېيو 2018-يىلى 24-ئىيۇلدا ئېچىلغان دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى تېمىسىدىكى مىنىستىرلار يىغىنىدا نەچچە يۈز مىڭدىن نەچچە مىليونغىچە ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى لاگېرلارغا قامالغانلىقىنى، بۇ جايلاردا ئۇلارنىڭ جىسمانىي خورلۇق ۋە سىياسىي جەھەتتىكى «مېڭە يۇيۇش» قا دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى. 

ھالبۇكى، خىتاي ھۆكۈمىتى مايك پومپېيونىڭ بۇ قېتىم ئۇيغۇر شاھىتلار بىلەن ئايرىم سۆھبەتتە بولۇشىدىن قاتتىق بىئارام بولغان. 28-مارت كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتى مايك پومپېيونىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى «نومۇسسىزلارچە ئىككى يۈزلىمىلىك قىلماقتا» دەپ ئەيىبلىشىگە قارىتا «ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل بايانلىرى پۈتۈنلەي تۆھمەت. شۇنىڭدەك خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشقانلىق. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى ھازىر ئىناق جەمئىيەتتە بەختىيار ياشىماقتا» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان. ئانالىزچىلار بۇ ئىنكاس ھەققىدە پىكىر قىلىپ «بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەيپۈنەم زامانىسىدىن تارتىپ ئېيتىپ كېلىۋاتقان يالغانلىرى،» دېدى.

https://www.rfa.org/uyghur/xewerler/pompeo-uyghur-03282019152410.html
Share
2946 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.