logo

trugen jacn

مايك پومپېئو: بارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىشى كېرەك

مايك پومپېئو: بارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىشى كېرەك

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو22- سىنتەبىر نيۇيوركتا قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبەكىستاندىن ئىبارەت بەش ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشتى. 

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپېئو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن ئۆتكۈزگەن يىغنىدا ئۇيغۇرلار ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

مايك پومپېئو 22- سىنتەبىر ئۆتكۈزۈلگەن بۇ يىغىندا، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قاماپ قويۇشىنىڭ تېرورلۇق بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوقلۇقىنى، بۇنىڭ ئاز سانلىقلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن شۇنى ئېنىق ئېيتىمەنكى، خىتاينىڭ شىنجاڭ(شەرقىي تۈركسىتان-ت)دىكى باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ تېرورىزم بىلەن بىر ئالاقىسى يوق. بۇ خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىنى يوقىتىش ئۇرۇنۇشىدۇر. بىز بارلىق دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەلىپىنى رەت قىلىشقا چاقىرىمىز.»

پومپېئو بۇ سۆزلەرنى ب د ت چوڭ يىغىنىنىڭ يان ئۇچرىشىشلىرى دائىرىسىدە قازاقسىتان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبەكىستاندىن ئىبارەت بەش ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى بىلەن نيۇيوركتا ئۆتكۈزگەن يىغىندا قىلدى.

شەرقىي تۈركسىتان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستان بىلەن چېگرىلىندىغان بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىمۇ نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ياشايدۇ.

پومپېئو بىر بەلۋاغ بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ئېشىۋاتقان خىتاي مەبلىغىگىمۇ نەزەر سېلىپ ئۆتتى.

خىتاي بايلىقى مول بولغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتىش ۋە سودىسىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن ئېنېرگىيە تۇرۇبىلىرى، تۆمۈر يول ۋە تاشيول تورى قاتارلىق ئۇل مۇئەسسەسە قۇرۇلۇشلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىمەكتە.

بىر قىسىم ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى ۋە ئانالىزچىلار خىتاينىڭ باشقا دۆلەتلەرنى ئۆزلىرى تۆلەپ بولالمايدىغان دەرىجىدە قەرز ئېلىشقا ئىلھاملاندۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن بولۇپ، بۇ بېيجىڭغا يۇشۇرۇن ھالدا بۇ دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرى ۋە تەبئىي بايلىقلىرىنى كونترول قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگەن.

پومپېئو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرىغا بۇ خىل قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بارغاندا ئامېرىكا شىركەتلىرىنى ئويلىشىشنى ئېيتتى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئۇلارغا ياردەم قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ بۇ قۇرۇلۇش ۋە مەبلەغلەرگە قاراپ چىقىدىغان مۇستەقىل مۇ تەخەسىسلەرنىمۇ تەمىنلەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

ئۇ يەنە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەتكەسچىلىك ۋە چېگرا بىخەتەرلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈستىدە توختالدى.

تۈركىستان ۋاقتى

2019- يىلى 23- سىنتەبىر

Share
2331 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.