logo

trugen jacn

مالايشىيادا ئۇيغۇر مۇساپىرلار مەسىلىسى مۇنازىرە قوزغىغان

uygur-multeci

ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ مالايشىيادا تۇرۇشلۇق باياناتچىسى يانتې ئىسمائىل چارشەنبە كۈنى مالايشىيادا تۇتۇلۇپ قالغان ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ، بىز ئۇلار ھەققىدە ئىلگىرىلەپ ئۇچۇر ئېلىش ئۈچۈن ئالاقىدار ئورگانلار بىلەن ئالاقىلىشىۋاتىمىز، دېگەن.

مالايشىيا كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ بىر ئەمەلدارى، كىملىكسىز بۇ مۇساپىرلار توغرىلىق داۋاملىق ئۇچۇر توپلاش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. مالايشىيا كۆچمەنلەر دائىرىلىرى ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى خىتاينىڭ سىياسىي، دىنىي باستۇرۇشىدىن قېچىپ چىققان 155 نەپەر ئۇيغۇر مۇساپىرنى تۇتقۇن قىلغان. تۇتقۇن قىلىنغانلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاياللار ۋە بالىلار ئىدى

ئۇيغۇر مۇساپىرلىرىنى خىتايغا قايتۇرۇش-قايتۇرماسلىق مەسىلىسى، مالايشىيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن مالايشىيالىق خىتاي ئۆكتىچى گۇرۇھلار ئوتتۇرىسىدا مۇنازىرە قوزغىغان. مالايشىيا دېموكراتىك ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى لىن لىيىڭ، بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىناۋەتلىك كىملىكى يوق، ئۇلار مالايشىيانىڭ بىخەتەرلىكى ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشىغا تەھدىت، دېگەن

بىراق، لىن لىيىڭنىڭ سۆزى دەرھال «ئادۋوكاتلار ئۈچۈن ئەركىنلىك» ناملىق مالايشىيا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئېرىك پائۇلسون، لىن لىيىڭنىڭ سۆزىدىن ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنداق يەكۈن چىقىرىشقا ھېچقانداق ئاساس يوق، دېگەن

http://www.rfa.org/uyghur/qisqa_xewer/malayshiya-uyghur-10082014164343.html

Share
1446 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.