logo

trugen jacn

مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيەدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش يۈزىسىدىن زور كۆلەملىك نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى

مالايسىيادىكى مۇسۇلمانلار ئاممىسى ئۇيغۇرلارنى قوللاش يۈزىسىدىن شۇ جايدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلدى. 2019-يىلى 27-دېكابىر

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يولغا قويغان لاگېرلىرى ۋە باشقا زۇلۇم سىياسەتلىرىگە ئائىت پاكىتلار ئاشكارىلانغانسېرى بۇنىڭغا قارشى نارازىلىق ئاۋازلىرىمۇ ماس قەدەمدە يۈكسەلمەكتە. بولۇپمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇ سىياسەتلىرىگە ئائىت مەخپىي ھۆججەتلىرىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئىلگىرى بۇ مەسىلىدە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋاتقان بىر قىسىم دۆلەتلەر ھۆكۈمەتلىرىنى ۋە خەلق ئاممىسىنى ئويغىتىشتا زور رول ئوينىدى.

27- دېكابىر كۈنى ھىندونېزىيە ۋ مالايسىيا قاتارلىق مۇسۇلمانلار نوپۇسى كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئىككى چوڭ دۆلەتتە ئۇيۇشتۇرۇلغان زور كۆلەملىك نامايىشلار ھەم شۇنداقلا مالايسىيا پارلامېنتىدىكى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تالاش – تارتىشلار ئەنە شۇنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

27-دېكابىر مالايسىيا پارلامېنتىدا ئۆكتىچى پارتىيەلەر ئەزالىرى مالايسىيا باش مىنىستىرى مۇھەممەت ماھاتېردىن ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە سوئال سورىغان. مالايسىيا «كىنى تېلىۋزىيەسى« نىڭ ئېيتىشىچە، ماھاتېر ئۇيغۇرلارنىڭ مالايسىيادا قېلىپ پاناھلىق تىلىشى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاپ بېرىپ، خىتايدىكى زۇلۇمدىن قېچىپ مالايسىيادا ياشاشنى تەلەپ قىلغان ئۇيغۇرلارغا مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى، ئەگەر ئۇيغۇرلار مالايسىيادا پاناھلانماقچى بولسا، خىتاي ئۇلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۇ كۈنى يەنە مالايسىيادا ئىككى چوڭ تەشكىلات ئايرىم – ئايرىم ھالدا ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش نامايىشى قىلغان. مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى تەشكىلاتى بىلەن «مالايسىيا ھىزبۇ تەھرىر» تەشكىلاتى ئايرىم – ئايرىم ئۇيۇشتۇرغان نامايىشلارغا مىڭلارچە كىشى ئىشتىراك قىلغان. «مالايسىيا مەكتۇبلىرى» ناملىق گېزىتنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇقىرىقى بۇ ئىككى تەشكىلات دەسلەپتە كۇئالا-لامپۇر شەھىرىنىڭ ئوخشىمىغان نوقتىلىرىدىن يولغا چىقىپ نامايىش قىلىپ، ئاخىرىدا كۇالالامپۇر شەھىرىدىكى مەركىزى كوچىلاردىن بولغان جالان ئامپاڭ كوچىسىغا كەلگەندە بىرلىشىپ ئورتاق ھالدا نامايىش قىلغان. ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان سىياسەتلىرىگە ۋە شۇنداقلا يىغىۋېلىش لاگېرلىرىغا كۈچلۈك نارازىلىقلىرىنى بىلدۈرگەن.

مالايسىيادىكى «كىنى» تېلېۋىزىيەسىنىڭ نامايىش نەق مەيدانىدىن تارقاتقان خەۋىرىگە قارىغاندا، مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد فايسال ئابدۇلئېزىز مۇخبىرلارغا بايانات بېرىپ تۆۋەندىكىلەرنى بايان قىلغان:

«بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى مالايسىيا خەلقىنىڭ ۋە خەلقئارا جامائەتنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سېلىپ، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرگە زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز…خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلىسىنى بىلىمىز. بىز ئۇ يەردە بولۇۋاتقانلارنى بىلىپ تۇرۇۋاتىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتى بىزگە ئەخمەقتەك مۇئامىلە قىلىشتىن ۋاز كېچىشى كېرەك. بىز ئەخمەق ئەمەس، بىز بۇيەرگە چىقىشتىن ئاۋۋال بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى دوكلاتلىرىنى كۆردۇق. باشقا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ دوكلاتلىرىنى كۆردۇق، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ رايوندىكى دىنىي سىياسەتلىرىگە ئائىت ماددىلارنى ئوقۇدۇق. بىزنىڭ ئۇيغۇر دوستلىرىمىزمۇ بار، بىز ئۇلارنىڭ دەردىنى بىلىمىز. شۇڭا بىز ھەممە كىشىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتلىرىغا ئىشەنمەسلىككە چاقىرىمىز» دېگەن.

مۇھەممەد فايسال ئابدۇلئېزىز سۆزىدە يەنە «ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقەتەن قورققۇدەك ئىشى بولمىسا، خەلقئارالىق مۇستەقىل تەكشۈرگۈچىلەرنىڭ رايونغا بېرىپ تەكشۈرۈشىگە يول قويۇشى كېرەك، ئوچۇق – ئاشكارە بولۇشى كېرەك،» دېگەنلەرنى تەكىتلىگەن. ئۇ يەنە مالايسىيادىكى تەشكىلاتلارنىڭ ھەر ۋاقىت خىتاي بىلەن ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىدە سۆھبەت ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىقىنى بىلدۈرگەن.

مالايسىيا مۇسۇلمان ياشلار ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى مۇھەممەد فايسال ئابدۇلئېزىزنىڭ مۇخبىرلارغا ئېيتىشىچە، ئۇلار خىتاي ئەلچىخانىسىغا نوتا تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلغان. خىتاي ئەلچىخانىىسى دەسلەپتە بۇنىڭغا قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما كېيىن سۆزىدىن يېنىۋالغان ئىكەن. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى نامەردلىك دەپ تەنقىدلەپ «مىلياردلارچە نوپۇسى بولغان دۇنياۋى چوڭ خىتاي دۆلىتى كىچىك بىر دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچرىشىشقا جۈرئەت قىلالمىدى،» دېگەن.

27- دېكابىر كۈنى ھىندونېزىيە پايتەختى جاكارتادىمۇ مىڭدىن ئوشۇق كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن زور كۆلەملىك نامايىش ئۆتكۈزۈلگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىق تارقاتقان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، شۇ كۈنى مىڭلارچە نامايىشچى ئامما خىتاي ئەلچىخانىسىغا قاراپ يۈرۈش قىلغان. خىتاي ئەلچىخانىسى بولسا قاتتىق مۇھاپىزەت ئاستىغا ئېلىنغان ئىكەن. «ئۇيغۇرلارنى قۇتقۇزۇۋالايلى» دېگەن خەت بېسىلغان باش لېنتىلىرىنى تاقىۋالغان نامايىشچىلار، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي – يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلىرىنى كۆتۈرۈپ نامايىش قىلغان.

نامايىش مەيدانىدا «ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك»، «كوممۇنىست خىتاي»، «فاشىست خىتاي» «خىتاي چىقىپ كەت» دېگەندەك شوئارلار توۋلانغان. نامايىشتا ھىندونېزىيەدىكى كونسېرۋاتىپ مۇسۇلمان ھەمكارلىقى تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى يۇسۇف مارتاك سۆز قىلىپ «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم، قېيىن – قىستاق ۋە باشقا زۇلۇم سىياسەتلىرىنى قاتتىق تەنقىدلەيمىز،» دېگەن ۋە شۇنداقلا «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان بارلىق ئىشغال ۋە بېسىم سىياسەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرىمىز،» دېگەن. ھىندونېزىيەدىكى بۇ نامايىشقا يەنە مەركىزى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىدىكى «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيتى» ۋە «شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى» نىڭ رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىمۇ قاتنىشىپ، نامايىشچى ئاممىغا سۆز قىلغان شۇنداقلا ھىندونېزىيە خەلقىگە مىننەتدارلىقىنى ئىپادە قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ مۇسۇلمان نوپۇسىغا ئىگە بولغان ھىندونېزىيە گەرچە بۇ مەسىلىدە خىتاينى خاپا قىلىپ قويۇشنى بەك خالىمىسىمۇ، ئەمما ھىندونېزىيەدىكى بۈگۈنكى نامايىشتا نامايىشچى ئامما ھۆكۈمەتنى بۇ مەسىلىدە ھەرىكەتكە ئۆتۈشكە چاقىرغان.

Share
8969 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.