logo

trugen jacn

ماركۇ رۇبىئو: ختتاينىڭ مۇسۇلمان ئاز سانلىقلارغا قارشى ھەرىكىتى

پارلامنىت ئەزاسى رۇبىئو -ۋول ستچرىتتا

ماقالە ئۇچۇرلىرى:

ئاپتورى :ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى كېڭەش پارلامنىت ئەزاسى ،ختتاي كومىتىتى رەئىسى ،جۇمھۇرىيەتچى ماركۇ رۇبىئو

تەرجىمە قىلغۇچى :ئۇيغۇر ئاگىنىتلىقى ئۈچۈن تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

ۋاقتى ۋە ئورنى :مەزكۇر ماقالە ۋال سترىت ژۇرنىلى گېزىت نۇسخىسى ۋە تور بەت نۇسخسدا 10-ئاغۇست ئىلان قىلىنغان.

تەرجىمە ھوقۇقى :مەزكۇر ماقالە ختتاي ئشلىرى كومىتىتى تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ تىلفۇنلۇق ھاۋالىسى ۋە رۇخستى بىلەن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىندى.

تىلەك :<<ئۇيغۇر -ختتاي ئاخبارات ئۇرۇشى -نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار قىلالايدىغان بىردىنبىر ئۇرۇش،ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە خىتتاي ھاكىمىيتى ئۈستىدىن يېڭەلەيدىغان بىردىنبر ئۇرۇش .بۇ ئۇرۇش ئاز ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ،بىر نەچچە چەتئەللىك ئۇيغۇرشۇناس ،مۇخبىرلار،سياسئونلارنىڭلا ئۇرۇشى ئەمەس،بۇ ئۇرۇشقا چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر خەلق ئاممىسى چوقۇم قاتنىششى كىرەك،ئاخبارات ئۇرۇشى – <<ئۇيغۇر خەلق ھەرىكىتى>>نىڭ يادرولۇق قسمى،ئاخبارات ئۇرۇشى خەلق ھەرىكىتىگە ئايلانغاندىلا ،دۇنيا مەسلىنىڭ ماھيتىنى تونۇپ يېتىدۇ،قوللىغۇچىلىرىمىز كۆپيىپ ،دۇشمىنىمىز يېتىم قالىدۇ،شۇنداقلا ئۇيغۇر ئاگىېنتلىقى ھىچقانداق تەرەپسز ،بەدەلسز،تاماسز قىلىۋاتقان ئەمگىكىمىزدىن رازى بولىمىز ! بىز پەقەت تىرىشقۇچى،مەسئۇلىيتىمىزنى ئادا قىلغۇچى،نەتىجسنى ئاللا بىرىدۇ !>>ئۇيغۇرىئان،ۋاشنگىتون،10-ئاۋغۇست،12:00

ماقالە تېكستى:

ئۇيغۇرلارنىڭ باستۇرۇلۇشى دۇنيانىڭ دىققەت قىلىشىغا ئەرزىيدۇ!

ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئۈمىد بار.
رۇبىئو-ئامېرىكىنىڭ نوپۇزلۇق مېدىياسىدا ئۇيغۇرلار ئۇچۇن سۆزلىدى.

<<قايتا تەربىيەلەش لاگىرى >>دىگەن بۇ سۆز بېرىكمىسى ماۋزىدۇڭنىڭ <<مەدەنىيەت ئىنقىلاۋى>>نى ياكى ۋېىيتنام كوممۇنستىلىرىنىڭ ھوقۇقنى تارتىۋىلىش دەۋرىنى ئەسلىتىدۇ.بىراق بۇنداق باستۇرۇش ئۇسۇلى شى جىن پىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى ختتايدا ھازىرمۇ تىرىك  شۇنداقلا ناھايتى كۇچلۈك ھالەتتە مەۋجۇت.ئۇنىڭ ھۆكۈمىتى شنجاڭ (ش ت -ت )ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمان جامائىتى ،قازاقلار ۋە باشقا ئاز سانلىق ئىتنىك مۇسۇلمانلارنى نشانلىغان <<سياسى قايتا تەربيە >>ھەرىكىتىنى يۈرگۈزمەكتە.

بۈگۈنكى شنجاڭ ( ش ت – ت ) <<شىمالى كورىيەدەك ساقچى دۆلىتى،ئىرقى جەھەتتە ئايرىلغان جەنۇبى ئافرىقىنڭ  سستىمىلىق ئىرقچىلىق تۇزۇمى ئاساسلانغان بىر رايون >>،دەپ يازىدۇ بىر مۇتەخەسس.بۇ يەرنىڭ ئاھالىسى ختتاي ئومۇمى نوپۇسىنڭ ئاران 1.5 %نى تەشكىل قىلىدۇ،بىراق 2017-يىلى بۇ يەردىن تۇتۇلغانلار ئومۇمى دۆلەتتە تۇتۇلغانلارنىڭ 21% پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ >>.ئۆتكەن يىللىق بۇ خىل ئۆسۈش قايتا تەربيلەش لاگىرلىرىغا قامالغان مەھبۇسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.

ختتاي بىر مىلىيونغا يېقىن كىشلەرنى لاگىرلارغا قامىدى.ختتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق لاگىرلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىۋاتقاندا ،سۈنئى ھەمرا سۈرەتلىرى يېقىندا شنجاڭ (ش ت-ت )دا ناھايتى كۆپ ساندا قۇرۇلۇشلارنىڭ سىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

ختتايشۇناس ئالىم ئادرىيان زىىنزنىڭ تەتقىقاتى ختتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بار بولغان تەربىيلەش ئورۇنلىرىنى يېڭىلاش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن  ماتېريال تاللاپ سېتىۋىلىش ۋە قۇرۇلۇش ئىلانى قاتارلىقلار ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭ تەپسلاتىنى ئاشكارىلىدى.

لاگىرلارنىڭ ئامانلىق خادىملىرى شنجاڭ (ش ت-ت )دىكى لاگىرلارغا قامالغۇچىلارنى قىيناپ ئۇرۇش،داۋالىماي تاشلىۋىتىش ،مەجبۇرى قاماپ قويۇش،ئۇيقۇدىن مەھرۇم قىلىش ۋە باشقا ۋەھشى ئۇسۇللار بىلەن قىيناپ كەلگەن.ئۇلار يەنە قامالغۇچىلارنى كۈندىلىك كاللا يۇيۇش دەرسلىرى،سائەتلەپ كوممۇنتسك پارتىيەنىڭ تەشۋىقاتىنى ئاڭلاشقا مەجبۇرلىغان.

قامالغۇچىلارنى نازارەت قىلغۇچىلار تاماق يىيىشتىن بۇرۇن پارتىيەنىڭ شۇئارلىرىنى يادلاشنى تەلەپ قىلغان.

لاگىرلارنىڭ سرتىدا،ختتاي دائىرلىرى ناھايتى ھەددىن ئاشقان ئۇسۇللار بىلەن دىنى كىملىكنى ئىپادىلەشنى چەكلىگەن.شنجاڭ (ش ت -ت )دىكى ئاھالىلەر ئۆيلىرىدە كۈندىلىك تۇرمۇشىغىچە بۆسۈپ كىرىشكە مەجبۇر قالغان ،ختتاي كوممۇنست پارتىيسى ئەمەلدالىرى يەرلىك ئائىلىلەرنىڭ ئۆيلىرىگىچە كىرىپ بىللە تۇرۇشقان.ختتاي دائىرلىرى جامائەت سورۇنلىرىدا <<بىنورمال ساقال >> ۋە <<ياغلىق-شارپىلارغىچە >>چەكلىگەن،شۇنداقلا ئسلامى ئسملارنىمۇ چەكلىگەن،ئۆلچەملىك دىنى ئىبادەتلەر ،مەسلەن ھاراق،تاماكا،چوشقا گۆشى قاتارلىقلاردىن پەرھىز ساقلاش ياكى رامىزان ئېيىدا روزا تۇتۇش قاتارلىقلار -دائىرىلەرنىڭ گۇمانىنى قوزغايدىغان نشانغا ئايلىنىپ قالغان.

ختتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ماۋزىدۇڭنىڭ خيالىغىمۇ كىرمەيدىغان قوراللارغا ئىگە،چوڭ سانلىق مەلۇمات ،كۆز پەرقلەندۈرۈش ئۈسكۈنىسى،بەدەن تەكشۈرگۈچى سستىما،ئاۋاز نۇسىخسى ئانالىزلىغۇچى،دى ئەن ئاي تەرتىپلىگۈچى (بۇلارنىڭ بەزىلىرىنى ئامېرىكا شركەتلىرى ساتقان ) ۋە يۈز پەرقلەندۈرگۈچى كامىرالار .

دائىرىلەر قوللىرىدا تۇتۇپ ئشلىتىدىغان ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق يانفۇنلاردىكى شىپىرلەنگەن ئۇچۇرلارنى تەكشۈرەيدۇ،بارلىق ئاھالىلاردىن يانفۇنلىرىغا نازارەت قىلغۇچى يۇمشاق دىتاللارنى قاچىلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.

ئەركىن ئاسيا رادىئوسى بۇ كىرزىسنى خەۋەر قىلىشتا باشلامچى بولدى.بۇنىڭدىن قساس ئىلىش ئۈچۈن ختتاي دائىرلىرى ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسيا رادىئوسى ئۈچۈن ئشلەيدىغان ئۇيغۇر ژۇرنالستلارنىڭ نەچچە ئونلىغان ئائىلە ئەزالىرىنى تۇتقۇن قىلدى.

يېقىندا،ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ختتاي ئشلىرى مەمۇرى كومېتىتىدا بەرگەن گۇۋاھلىقىدا ،گۇلھىچرە خوجا شۇنداق ھەسرەتلەندى :<<بىزنىڭ ژۇرنالست بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ختتاينىڭ غەربى شمالىدا يۈز بىرىۋاتقان ئشلار ھەققىدە شۇنچە كۆپ نەرسلەرنى بايقىيالىشمىز ،بىراق ئۆزىمىزنىڭ ئائىلە ئەزالىرىمىز ۋە سۆيۇملۈك كىشلىرىمىز ھەققىدە ھىچنىمە بىلمەسلىكىمىز ئىنتايىن رەھىمسز يۇمۇردۇر ،بىز ئۇ يەردىكى دوسلىرىمىز ۋە باشقىلاردىن سوراشتىن قورقىمىز،چۈنكى ھەر قانداق ئالاقە ۋە ئۇچۇرلىشش ئۇلارغا ئوخشاش خەتەر ئىلىپ كىلىدۇ >>.

ختتاي دۆلەت ئىچىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ھەرىكەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر توپلاش ياكى ئۇلارنى ختتايغا قايتشقا قستاش ئۈچۈن بىر ۋاستە سۈپىتىدە قوللىنىۋاتىدۇ.

ختتاي ئەيىلەشكە لايىق بۇ قىلمىشنىڭ ئاقىۋىتىدىن ناھايتى ئۇستىلىق بىلەن ساقلىنىپ كەلمەكتە.ئەمدى ئۇنداق بولماسلىقى كىرەك.

ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى يەرشارى ماگنېتسكى قانۇنىنى قوللىنىپ شنجاڭ (ش ت-ت )نىڭ پارتكوم سكىرىتارى چىن چۇەنگونى جازالىشى كىرەك.چىن چۋەنگو ختتاي كومپارتىسي مەركىزى سياسى بيۇروسنىڭ ئەزاسى ،ئۇ تۇنجى تەجرىبسنى تىبەتتىكى باستۇرۇش جەريانىدا توپلىغان.ئۇنىڭ شنجاڭ (ش ت-ت )نىڭ پارتىيە سىكىرىتارى بولۇشى قايتا تەربىيە لاگىرلىرىنىڭ كۆپىيشى ۋاقىت جەھەتتە توغرا كىلىدۇ،ئۇ بۇ<< قارا سەنئەت>>نىڭ ئىجاتچىسى دەپ قارىلىدۇ.

شنجاڭ ( ش ت – ت )دىكى غايەت زور ساندا تۇتقۇن قىلىش ۋە نازارەت قىلشقا ياردەم بەرگەن بارلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە سودا ئورگانلىرى ئوخشاشلا جازالىنىشى كىرەك.ئامېرىكا سودا ۋە تاشقى ئشلار منستىرلىكى ختتاي دۆلەت بىخەتەرلىك ئورگانلىرىنى چەكلەنگەن ئشلەتكۇچىلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۇشى ،ئامېرىكا شركەتلىرىنىڭ ختتاينىڭ ئنسانى ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىش قىلمىشىغا ياردەم بەرمەسلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كىرەك.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ  ختتاي بىلەن بولغان مۇناسۋەتتە <<ئۆز-ئارا بولۇش >>ۋەدىسگە ئاساسەن ،ئامېرىكا ختتاينىڭ ئامېرىكىدا مەشغۇلات قىلىدىغان دۆلەت ئىگىدارچىلىقىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرى شركەتلىرىنىڭ مەمۇرى خادىملىرى ۋە باشقۇرغۇچى خادىملىرىغا ئامېرىكىغا كىرىش ۋېزىسى بەرمەسلىكى كىرەك ،تاكى ئەركىن ئاسيا رادىئوسى ژۇرنالستىلىرىنىڭ ئائىلە ئەزالىرى قويۇپ بىرىلگەنگە قەدەر.

تاشقى ئشلار منستىرى مايىك پومپىيو ئەركىن ئاسيا رادىئوسى مۇخبىرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئىلتىجاسنى ئىيۇل ئېيىدا ئوتتۇرىغا قويدى.ئامېرىكا مۇئاۋىن پىرىزدىنىت مايىك پەنسمۇ بۇ كىرزىسنى ئاشكارا مۇنازىرە قىلدى.بىراق سۆزلەرگە ھەرىكەت قوشۇلۇشى كىرەك.دۆلىتمىز كاللىسى بار دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىششى ،بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە باشقا كۆپ تەرەپلىك ئورگانلاردا ختتايغا قارشى كوللىكتىپ بېسمى ئشلىتىشى كىرەك.

دۇنيا ئسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە ئاھالسنىڭ كۆپ قسمى مۇسۇلمان بولغان دۆلەتلەر پۈتۈنلەي سۈكۈتنى ساقلاپ كەلمەكتە،بەلكىم بۇلار ختتاينى بىئارام قىلىشتىن قورققان بولسا كىرەك. ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى جەسۇرانە بىر مەيدان ئالسا،باشقا دۆلەتلەرمۇ ئۇنىڭغا ئەگىششتىن قورقماسلىقى كىرەك.

شنجاڭ ( ش ت-ت )دىكى مۇقىملىق شى جىن پىڭنىڭ بىر بەلباغ بىر يول سياستى ستىراتىگىسي ئۈچۈن ئىنتايىن ھالقىلىق.ختتاينىڭ ئنسانى ھوقۇق تارىخىنى ،ئۇنىڭ شنجاڭ ( ش ت – ت )دىكى ئىتنىك ئاز سانلىقلار ۋە دىنى مۇئامىلىسى ھەققىدە ختتاينى خەلقئارانىڭ ئەيىپلىشى-ختتاينى ئەڭ بئارام قىلىدۇ.

ختتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنى يەرشاردا مىھرىبان قىلىپ كۆرستىشكە تىرىشۋاتقان بىر پەيتتە ،كوممۇنستىك پارتىيە ھىلىھەم باسقۇنچى،زوراۋان ،ئاشكارا چەتكە قاققۇچى بولۇپ كەلمەكتە.

بىر ختتاي ئەمەلدارنىڭ شنجاڭ (ش ت -ت )دىكى قايتا تەربىيە لاگىرلىرى ھەققىدە دىگەن سۆزىنى ئويلىنىپ بېقىڭ :<<سز ئېتىزلىقتىكى زىرائەتكە يوشۇرنىۋالغان قۇرۇتلارنى  بىر بىرلەپ ئۆلتۈرۈپ بولالمايسز،ئۇلارنىڭ ھەممىسنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن زەھەر چېچىشڭىز كىرەك >>.

ئامېرىكا سياسئونلىرى بۇ خىل رەزىللىككە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن سياسى ئىرادىگە كىلىشى كىرەك.

ماركۇ رۇبىئو ،جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيسنىڭ فىلورىدا شتاتىدىن كەلگەن ڭېڭەش پالاتا ئەزاسى ،دۆلەت مەجلىسى ختتاي ئشلىرى  مەمۇرى كومىتىتىنىڭ رەئىسى .

http://iuyghur.com/?p=6261

Share
1053 Kez Görüntülendi.

Yorum yapabilmek için Giriş yapın.